查看完整版本: [-- ئامېرىكا ئەسەدنى تەخىتتىن چۈشۈرىشكە تەييارلانماقتا --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> ئامېرىكا ئەسەدنى تەخىتتىن چۈشۈرىشكە تەييارلانماقتا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۆركەش 2011-10-02 14:43
ئامېرىكا ئەسەدنى تەخىتتىن چۈشۈرىشكە تەييارلانماقتا
 
 
 
ئەگەر ئەسەد تەخىتتىن چۈشسە، سۈرىيەدىكى ھەر قايسى دىنىي مەزھەپلەر ئارىسىدا قانلىق تۇقۇنۇش پەيدا بولامدۇ؟ بۇ خەلقئارا جەمئىيەت ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلە. ئەسەدتىن ئۈزۈل كېسىل ئۈمىتسىزلەنگەن ئامېرىكا يېقىندىن بۇيان سۇ كەلگۈچە تۇغان تۇتۇپ، ئامال بار سۈرىيەنىڭ بۇندىن كېيىن ئىچكى ئۇرۇشقا قاراپ ماڭماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا.
 
نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 20-سىنتەبىر ئېلان قىلغان «ئامېرىكا ئەسەد بولمىغان سۈرىيە ئۈچۈن جىمجىت تەييارلانماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئەسەد ھاكىمىيىتى قىل ئۈستىدە تۇرماقتا. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوباما ھۆكۈمىتى ئەسەدنى تەخىتتىن چۈشۈرىشكە تەييارلانماقتا، ھازىر ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۈزمەكتە.
 
ماقالىدا مۇنۇلار ئاشكارلاندى، سۈرىيەدە يىلنىڭ بېشىدا پارتلىغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشتىن كېيىن، ئوباما ھۆكۈمىتى ئەسەدنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلىپ كەلدى. لېكىن نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى، ئەسەد ئەكسىچە تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، ئۆكتىچىلەرنى كۈچىنىڭ بېرىچە باستۇردى. بۇ يىل ئاۋغۇستتا، ئەسەدتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئوباما ئەسەدنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
 
ئۇنداقتا، ئەسەد تەخىتتىن چۈشكەندىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتى قانداق بولىدۇ؟ مانا بۇ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئەندىشە قىلدىغان مەسىلە. «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئاشكارلىشىچە، ئاۋغۇست ئوباما ئەسەدنىڭ تەخىتتىن چۈشىشىنى مۇراجىئەت قىلغان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمى سۈرىيە ۋەزىيىتى ئۈستىدە نەچچە ئاي مۇزاكىرلەشكەن، بۇنىڭ يادرولۇق قارالمىسى: ئەگەر ئەسەد بولمىسا، سۈرىيەدىكى ئوخشىمىغان مەزھەپتىكىلەر ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش كېلىپ چىقامدۇ-يوق؟ ئىچكى ئۇرۇشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ ئامېرىكا بەك ۋەھىمىلىك سۆزلەرنى قىلمىدى. قانداقلا بولمىسۇن، سۈرىيە ئوتتۇرا شەرقنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، دۆلەت ئىچىدە مەزھەپلەر كۆپ. ئەسەد جەمەتى تەۋە بولغان شىيە مەزھىپىگە كىرىدىغان ئاز سانلىق ئاللاۋى مەزھىپىدىن باشقا يەنە سۈنئىي مەزھىپى، دېرۇز مەزھىپى ۋە خىرىستىيانلار بار. ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا رايونلارنىڭ ۋەزىيىتى ئاللابۇرۇن «ئوق دورىسى ساندۇقىغا» ئايلىنىپ قالدى. ئەگەر ئەسەد تەخىتتىن چۈشسە دەرھاللا تاشقى ئۈنۈم كۆرۈلۈپ، تۈركىيە، ئىران، لىۋان، ئىئوردانىيە، ئىسرائىلىيە ھەتتا ئىراققىمۇ تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
 
ئوباما ھۆكۈمىتى سۈرىيە مەسىلىسىگە ناھايىتى ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولدى ھەمدە تۈركىيە ۋە ئەرەب ئەللىرى بىلەن قويۇق ئۇچرىشىش ۋە ھەمكارلىقنى ساقلىدى. ئىراق سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۋېتىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى سادام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە ناھايىتى مۇكەممەل پىلان تۈزگەن ئىدى، لېكىن كىچىك بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكاۋۇرلىقىدىن، پىلان تاشلىنىپ قېلىپ، نەتىجىدە ئىراق سادام ئاغدۇرۋېتىلگەندىن كېيىن ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتكەن مەزھەپلەر توقۇنۇشىغا پېتىپ قالدى.
 
ئوباما ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرگە پايدىسىز تەسىر پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دۇنيانى ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ ئىشىغا ئارلىشىۋاتقاندەك ھىسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويۇشنى ئۈمىت قىلمايتتى. ئوباما ھۆكۈمىتىمۇ ئىران ھۆكۈمىتىگە باھانە تېپىپ بېرىپ، ئىراننىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سۈرىيەنىڭ ئىشىغا ئارلىشىشنى خالىمايتتى. ئەمەلىيەتتە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ئەخمەد نىجاتمۇ ئەسەدنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
 
ھازىر، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن بىرگە سۈرىيەنىڭ ئېكىسپورتىغا چەك قويدى، بۇ نېفىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوباما ھۆكۈمىتىدىكى ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدار مۇنداق دېدى: سۈرىيە نېفىتىنىڭ 90 پىرسەنتتى ياۋروپاغا ئېكىسپورت قىلىنىدۇ. ياۋروپادىكى بازىرىنى تاقاش سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادىغا نىسبەتەن غايەت زور زەربە بولىدۇ.
 
خەلقئارا جەمئىيەتمۇ سۈرىيەگە قورال ئىمبارگوسى يولغا قويدى. ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 24-سىنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيەنىڭ ئىتتىپاقدېشى تۈركىيە يېقىندا قورال-ياراق قاچىلانغان سۈرىيەنىڭ بىر پاراخوتىنى قولغا چۈشۈرگەن، تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى ئەردۇئان تۈركىيەنىڭ سۇ يولى ياكى ھاۋا يولى ئارقىلىق سۈرىيەگە توشۇلغان ھەر قانداق قورال-ياراقنى مۇسادىرە قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ئەردۇئان ئەسەدنى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلارنى قاتتىق باستۇردى دەپ نۇرغۇن قېتىم ئەيىپلىگەن ھەمدە ئەسەدنى ئىستىپا بېرىشكە دەۋەت قىلغان. تۈركىيە ھازىر سۈرىيە بىلەن سۆزلەشمەيدۇ، بۇ ئەردۇئاننىڭ ئەسەد بىلەن بولغان چەك چېگىرىسىنى ئېنىق ئايرىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
 
 
 
مەنبەسى:مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسى(جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى)

جەڭچى 2011-10-02 21:34
ياشسۇن تۈركىيە دىمكۇراتىيەنى  قوللاپتۇ ..       

رىشتە 2011-10-04 08:47


查看完整版本: [-- ئامېرىكا ئەسەدنى تەخىتتىن چۈشۈرىشكە تەييارلانماقتا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.056065 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us