查看完整版本: [-- ۋاقىت بۇلۇڭى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ھىكايە پوۋىسىتلار -> ۋاقىت بۇلۇڭى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ekide 2011-10-01 02:40
                                                                                  ۋاقىت بۇلۇڭى
(ئۆزۈم ياقتۇرغاچ مەلۇم بىر مەتبۇئاتتىن كۆچۈرۈپ ساقلاپ قويغانىدىم ،ئاپتورىنى ساقلىۋالماپتىمەن،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر.)
  تولىمۇ ئەستايىدىل بىر ئوقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلىرىغا دائىم تەكرار قىلدۇرغاندىن سىرت يەنە كۆپلەپ تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرىدىكەن .بۇ تەكرار ۋە تاپشۇرۇقلار قوشنا سىنىپلاردىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەن.ئۇقۇغۇچىلار نارازى بۇلۇپ ،ئوقۇتقۇچىسىغا :
  -مۇئەللىم ،بۇنداق كۆپ تاپشۇرۇققا ۋاقىت يىتىشتۈرەلمىدۇق،-دەپتۇ.
مۇئەللىم چوڭ بىر ساندۇق ئىلىپ كىلىپ ،ئۇقۇغۇچىلارغا :
  -بۇ ساندۇقنى چوڭ تاشلار بىلەن تولدۇرۇڭلار ،-دەپتۇ.
ئۇقۇغۇچىلار ساندۇقنى تىزلا تولدۇرۇپ بوپتۇ. مۇئەللىم:
  -بۇ ساندۇق تاش بىلەن تولدى.ئەمدى شېغىل ،ئاندىن قۇم ئەكىلىپ قاچىلاڭلار ،-دەپتۇ.
ئۇقۇغۇچىلار شېغىل ۋە قۇم ئىلىپ كىلىپ ساندۇقنى لىق تولدۇرۇپ پەقەتلا بوشلۇق قالدۇرماپتۇ.دىمەك،ئەسلىدە تاش بىلەن تولدۇرۇلغان ساندۇققا يەنە شېغىل ھەم قۇم سىغىپ كىتىپتۇ .
  -بۇ ساندۇققا يەنە نىمىلەرنى سالغىلى بۇلىدۇ؟-دەپتۇ مۇئەللىم.
ئۇقۇغۇچىلار :
  -ساندۇق لىققىدە تۇلۇپ كەتتى،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
مۇئەللىم يەنە بىر داس سۇ ئەكەلدۈرۈپ ،ساندۇققا قۇيۇپتۇ ،ئاندىن ئۇقۇغۇچىلارغا :
  -قاراڭلار ،ئەگەر چوڭ تاشلاردەك يۈزەكى قارايدىغان بولساق ،بىر كۈن ئاسانلا تۇشۇپ قالىدۇ.شېغىلدەك بولساق ،چوڭ تاشلار ئارىسىدىكى نۇرغۇن بوشلۇقلارنى بايقىيالايمىز .قۇمدەك ئىنچىكە بۇلالىساق ،نۇرغۇن بوشلۇقلارنى سىزەلەيمىز .قەلبىمىزنى ئېقىن سۇدەك ئەۋرىشىم تۇتالىساق ،قۇم ئارىسىدا يەنە سۇ سىغىدىغان كۆپ ئورۇن بارلىقىنى كۆرەلەيمىز .ۋاقىتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ،ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىسالاقلا ،يەنە نۇرغۇن بوشلۇقلارنى تېپىپ چىققىلى بۇلىدۇ،-دەپتۇ.
  كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ،خىزمىتىمىزنى  چوڭ تاش دىسەك ،ساندۇقىمىز ئاسانلا تۇلۇپ قالىدۇ.ئۇخلاش ،تېلىۋىزور كۆرۈش قاتارلىقلارنى شېغىل دىسەك ،ساندۇقىمىز تېخىمۇ لىق تۇلىدۇ.ئىجتىھات قىلمىساق ،دوستلار بىلەن كۆرۈشۈشكە ،بالىلىرىمىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ،ئاتا-ئانىمىزنى يوقلاشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايمىز.
  شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى ،ھەربىر ئادەم تاش بىلەن شېغىل ئارىسىدىكى بوشلۇقلاردىن قۇم ۋە سۇنى سىغدۇرغىدەك ئورۇن تاپالايدۇ.
  ھايات مۇساپىمىز نەچچە ئون يىللا بۇلىدۇ.ھەركۈنى شۇ بوشلۇقلار ئىچىدىن بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ،ئۇنى ئۇلۇغ تەپەككۇر ،ھەقىقي مۇھەببەت ،ئەبەدىيلىك ۋەدە قاتارلىق قىممەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلساق ،ساندۇقىمىزنىڭ قاتتىق تاشلار بىلەنلا تۇلۇپ قىلىشىدىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ.
  ھەممەيلەنگە ئورتاق بولغان بۇ ۋاقىتنى ئەرزىمەس نەرسىلەرگە قاراتساقمۇ،ئۇلۇغ ئىشلارغا قاراتساقمۇ بۇلىۋىرىدۇ.ۋاقىت يوق دەپ ئاغرىنىپ يۈرسەك ،ھاياتىمىز بىمەنە ئۆتۈپ كىتىدۇ .ۋاقىتنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە چىڭ تۇتساق ،يىڭى-يىڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
  ھايات قۇرۇلمىسى ناھايىتى ئاددى بۇلۇپ ،ھەركۈنى ھەربىر سائەتكە سىڭىپ كەتكەن بۇلىدۇ.بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ باشقىلار قىلغاندىنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغىنىمىزدا ،ھاياتىمىزنىڭ باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.
 

ھەربىر كۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر ساندۇق،شۇ ساندۇقنى قۇرۇق پېتى ئىلىپ ماڭامدۇق ياكى توشقۇزۇپمۇ،بۇ ئۆزىمىزگە باغلىق .
قېنى قاراپ بېقىڭ ،ساندۇقىڭىز تۇلۇپتىمۇ ۋە ياكى باشقا نەرسىلەرنى قاچىلاشقا ئېھتىياجىڭىز بارمۇ؟
مەنبە:خاتىرەمدىكى ساقلانمىلاردىن

urkax5 2011-10-01 09:57
ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك!

ئىزھار1 2011-10-01 19:58
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ راستىنلا مۇھىم تىما ئىكەن ، ۋاقىت ئىنتايىن مۇھىم بايلىق ئەلۋەتتە قەدرىنى بىلىدىغانلارغا نىسبەتەن .
ئەمما قەدرىنى بىلمىگەنلەرمۇ ھامان بىر كۈنى قەدرىنى بىلىشى ھەقىقەت ، بۇ ھايات شۇنداق بىر ئۇزۇن مۇساپىكى ئىنسان چۇقۇم بىر دوقمۇشتا ۋاقىتنىڭ قەدرىنى بىلىدۇ ، لىكىن كىچىككەن بۇلىدۇ ،   قىرىلىق كىلىشتىن ئىلگىرى ياشلىقنىڭ قەدرىگە ، ئۇلۈم كىلىشتىن ئىلگىرى ھاياتلىقنىڭ  قەدرىگە  ، كىسەل بۇلۇشتىن ئىلگىرى ساقلىقنىڭ  قەدرىگە ، بەزى قىيىنچىلىق كۈلەر كىلىشتىن ئىلگىرى ئەركىن-ئازادە كۈنلەرنىڭ  قەدرىگە يىتىش ئىسلام تەرىپىدىن مۇسۇلمانلارغا تەرغىپ قىلىنغان ئۆزگەرمەس ھەقىقەت.  ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت . مانا بۇ بىزنىڭ دانىشمەن ئاتا-بۇۋىللىرىمىزدىن قالغان ھەقىقەت .
ئاللا ھەممىمىزنى ۋاقىتنىڭ قەدرىگە يىتىدىغانلاردىن قىلسۇن ! ۋاقىتلىرىمىزنى ئۈزى رازى بۇلىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزگىلى نىسىپ قىلسۇن ! ھەممىمىزنىڭ ۋاقتىغا بەركەت ئاتا قىلسۇن !


查看完整版本: [-- ۋاقىت بۇلۇڭى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.121852 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us