查看完整版本: [-- مىراس قانداق تەقسىم قىلىندۇ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> مىراس قانداق تەقسىم قىلىندۇ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nida0998 2011-10-01 00:16




                                            بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم



بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.



ئاتىڭىز تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن يەرلىكىدە قويۇپ بولغاندىن كېيىن قالدۇرغان مىراس مىراسخورلار ئوتتۇرىدا تەقسىم قىلىنىشى كېرەك ئىدى. سىلەر تەقسىم قىلماي خاتا قىلىپسىلەر. لېكىن بۇ ئىشنى ھېلىھەم قىلىش مۇمكىن. شۇڭا سىلەر كېچىككەن بولساڭلارمۇ مىراسنى ئۆزئارا تەقسىم قىلىپ بىر تەرەپ قىلىۋەتمىسەڭلار بولمايدۇ.

ئۆيگە ئورتاق خەجلىگەن چىقىملارنى، بولسا سىڭلىڭىزغا سەرپ قىلغان چىقىملارنىمۇ مەيلى دەۋىتىپ ئۆزئارا رازىلىشىپ، ھازىر قولۇڭلاردا بار بولغان ئاتاڭلاردىن قالغان مىراسنى شەرئى تەقسىم قىلساڭلار بولىدۇ.

ئاتىڭىزدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان ئاكىڭىز ياكى ئۇنىڭ ئوغلى مىراسخور ئەمەس. چۈنكى ئاكىڭىز ئاتىڭىز ۋاپات بولغاندا ھايات ئەمەس. ئاكىڭىزنىڭ ئوغلىمۇ ئاكىڭىزنىڭ ئورنىدا مىراس ئالالمايدۇ، چۈنكى سىلەر 1-دەرىجىلىك توغقان بولغان 4 پەرزەنت بولغاچقا، 2-دەرىجىلىك نەۋرە مىراس ئالالمايدۇ.

يەنە ئاتىڭىزنىڭ سىڭلىسىغىمۇ سىلەر 4 پەرزەنت بولغاچقا مىراس تەگمەيدۇ.

دېمەك: ئاتىڭىزنىڭ مىراسخورلىرى: ئانىڭىز بىلەن 4 پەرزەنت. بۇلار بىر ئوغۇل، ئۈچ قىز. ئۇنداقتا قولۇڭلاردا قالغان مىراس مۇنداق تەقسىم قىلىنىدۇ:

ئانىڭىزغا پۈتۈن مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرى. قالغىنى 5 ئۈلۈش قىلىنىپ ھەر بىر قىز بىر ئۈلۈش، بىر ئوغۇل 2 ئۈلۈش يەنى بىر ئوغۇلغا قىزنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە 4 پەرزەنتكە تەقسىم قىلىنىدۇ.

مىراس شەرئى تەقسىم قىلىنىپ ھەر بىر مىراسخورنىڭ نېسىۋىسى ئېنىق بولغاندىن كېيىن ھەر بىر مىراسخور ئۆز نېسىۋىسىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مىراسخور بولسۇن ياكى بولمىسۇن باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىۋەتسە بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكى.

ئەگەر ئاتاڭلاردىن قالغان بۇ مىراسنى تەقسىم قىلماي تۇرۇپ ئاپىڭىز سىلەردىن بۇرۇن تۈگەپ كېتىپ قالسا، ئالدى بىلەن ئاتىڭىزنىڭ مىراسىنى يۇقىرىقىدەك بىر تەقسىم قىلىۋېتىپ ئاندىن ئاپىڭىزنىڭ بىر ئۆيى، قولىدىكى باشقا مال-مۈلۈك ھەممىسى مىراس بولۇپ، سىلەر 4 پەرزەنتكە يۇقىرىقىدەك تەقسىم قىلىنىدۇ.

ئەگەر ئاتاڭلاردىن قالغان بۇ مىراسنى تەقسىم قىلماي تۇرۇپ سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاپاڭلاردىن بۇرۇن ۋاپات بولساڭلار، ئالدى بىلەن ئاتىڭىزنىڭ مىراسىنى يۇقىرىقىدەك بىر تەقسىم قىلىۋېتىپ ئاندىن ۋاپات بولغىنىڭلارنىڭ قالدۇرغان مىراسى مىراسخورلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

مەنبە؛ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى

tijan0908 2011-10-01 20:10
makalngzng manbasi enhkan amma qalap puquk ap kuypsz bu islamda miras taksimati amas pakat islamdiki bir miras exlirng tahmsimati obdan ukung.

nazli0998 2011-10-01 20:22
مىراسخورلۇق  ھوقۇقىدىن  ۋاز  كەچىسە  بولامدۇ؟


查看完整版本: [-- مىراس قانداق تەقسىم قىلىندۇ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.084125 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us