查看完整版本: [-- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسقىچە تارىخى.(تەۋسىيە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسقىچە تارىخى.(تەۋسىيە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

توران 2011-09-29 23:14
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
1- نەسەبى :مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىپ ،ئىبراھىم ئەلەيھىىسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنڭ ئەۋلادلىرىدىندۇر،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانا تەرەپ تاغىلىرى بەنى زۆھرە جەمەتىدىن ، ئانىسى ئامىنە بىنتى ۋەھبمۇ ئۇلاردىن ئىدى،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دادا تەرەپ نەسىبى ئانىسىنىڭ نەسىبى بىلەن كىلاب ئىبنى مۇررە دە ئۇچرىشىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئالەملەرگە ئەۋەتىلگەن ئەڭ ئاخىرقى ئەلچىسىدۇر.
 
2-تۇغۇلىشى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پىل يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىدا مەككىدە يىتىم ھالەتتە دۇنياغا كەلگەن ، دادىسى ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئانىسىنىڭ قورسىقىدا 2 ئايلىق بولغان ۋاقىتتا ئۆلۈپ كەتكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا بوۋىسى ئابدۇلمۇتتەلىپ كىپىل بولغان ، ۋە ئانىسى ئامىنە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 6 ياشقا كىرگەندە ئۆلۈپ كەتكەن،8 ياشقا كىرگەندەبوۋىسى ئابدۇلمۇتتەلىپ ئۆلۈپ كەتكەن،شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تاغىسى ئەبۇ تالىپ كىپىل بولغان ،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تاغىسى ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭ ھىمايىسىدە بولغان . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەلىمەتۇسسەئدىييە دىگەن ئايال ئىمىتكەن.
3- شامغا سەپەر قىلىشى ۋە خەدىجە گە ئۆيلىنىشى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 12 ياشقا كىرگەندە تاغىسى ئەبۇ تالىپ بىلەن شامغا بىر تىجارەت ئۈچۈن سەپەر قىلغان . ئۇ بۇ سەپەردە بۇسرا شەھرىدىكى بۇھەيرا ئىسىملىق راھىپ بىلەن ئۇچراشقان ، راھىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەھلى كىتابنىڭ كىتابلىرىدا تۇنۇغان سۈپەتلىرى بىلەن تۇنۇۋالغان. راھىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرىلىق دىگەن سۆزلەردىن:(بۇ ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر،بۇنى ئاللاھ ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىدۇ). ئۇنىڭغا بۇنى قانداق بىلىسەن؟ دىيىلگەندە :ئۇ مۇنداق دىگەن :‹سىلەر داۋاندىن كەلگەندە سەجدە قىلمىغان بىرمۇ دەرەخ ياكى تاش قالمىدى،بۇلار پەقەت پەيغەمبەرگىلا سەجدە قىلىدۇ، مەن ئۇنى تاغاق سۆڭىكىنىڭ ئاستىدىكى پەيغەمبەرلىك مۆھۈرىدىن تۇنۇدۇم.›.  راھىپ ئەبۇ تالىپنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى خەۋىپلىك بولغان روم زىمىنىغا ئېلىپ بېرىشتىن ئاگاھلاندۇردى،شۇنىڭ بىلەن تاغىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەككىگە قايتۇرۇپ ئەكەتتى. ئۇندىن كيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەنە بىر قېتىم خەدىجە بىتى خۇۋەيلىد نىڭ بىر تىجارىتى ئۈچۈن ئۇنىڭ خىزمەتچىسى مەيسەرە بىلەن شامغا چىقتى، مەيسەرە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيران قالارلىق ئەھۋاللىرىنى كۆردى،دە – خوجايىنىغا كۆرگەنلىرىنى ئېيتتى،شۇنىڭ بىلەن خەدىجە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۆيلىنىشكە قىزىقىپ قالدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خەدىجەگە ئۆيلەندى، ئۇ ۋاقىتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 25 ياشتا،خەدىجە 40ياشتا ئىدى.خەدىجە ‹ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!› مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن ئىككى ئەرگە ئۆيلەنگەن بۇلۇپ،بىرىدىن بىر قىز ،بىر ئوغۇل ،يەنە بىرىدىن بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن.
4-پەيغەمبەر بۇلۇپ ئەۋەتىلىشى:جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇپ 40-يىلى رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمدىن تۇنجى سۇرە سۇرە ئەلەقنى ئېلىپ چۈشتى، بۇ ۋاقىتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  ھىرا غارىدا ئىبادەت قىلىۋاتاتتى،شۇنىڭ بلەن خالى بۇلۇشنى توختاتتى ،ۋە ئايالى خەدىجەنىڭ قېشىغا قورقۇپ قايتتى، خەدىجە ئۇنى تىنىچلاندۇرۇپ ، خۇش-بىشارەت بەردى،ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ناسارا يېقىنى ۋەرەقە ئىبنى نەۋفەل نىڭ يېنىغا ئاپاردى،ۋەرەقە ئىلگىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن تاغىسىغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇ ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرى بۇلۇدىغانلىقى بىشارەت بىرىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  دەۋىتىنى ئاشكارلىغان ۋاقىتتا كۈچلۈك ياش بۇلۇپ ،ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى.
ۋەھى قىسقا مۇددەت ئۈزۈلۈپ قالدى، ئۇندىن كىيىن ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇددەسىر سۈرىسىنى نازىل قىلدى، ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قەۋمىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشقا بۇيرىدى،ۋەھى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغانغا قەدەر داۋاملاشتى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە ئەرلەردىن تۇنجى بۇلۇپ ئاۋاز قوشقان كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھى (ئەبۇ بەكر )ـ  ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن -، ئاياللاردىن ئايالى(خەدىجە )ـ ئاللاھ ئۇنىىڭدىن رازى بولسۇن  -،كىچىك بالىلاردىن تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەلى - ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن -،ئازادگەردىلەردىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئازادگەردىسى زەيد ئىبنى ھارىسە ، ئەبۇ بەكرىنىڭ دەۋىتى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر مۇسۇلمان بولغان ،ئۇلاردىن: ئوسمان ئىبنى ئەففان،تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ،سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس،ئابۇررەھمان ئىبنى ئەۋف،ئوسمان ئبنى مەزئۇن،ئەبۇ سەلەمە ئىبنى ئابدۇلئەسەد،ۋە ئەرقەم ئىبنى ئەبى ئەرقەم قاتارلىقلار ... ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن ئەرقەم ئىبنى ئەبى ئەرقەمنىڭ ھويلىسىدا مەخپى ئۇچرىشىپ، دەۋەت قىلاتتى.مۇشۇ خىل ھالەت 3 يىل داۋاملاشتى، ئۇندىن كىيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ(ساڭا بۇيرۇلغاننى ( يەنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى ) ئاشكارا ئوتتۇرغا قويغىن ، مۇشرىكلار ( نىڭ مەسخىرلىرىگە ) پەرۋا قىلمىغىن .)سۈرە ھەجر 94-ئايەت، دىگەن  بۇ بۇيرىقىنى ئىجراقىلىپ ئاشكارا دەۋەتكە يۆتكەلگەن.
5- قۇرەيشلەرنىڭ ئەزىيىتى ۋە ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدە ئاشكارا دەۋىتىنى  3 يىل داۋاملاشتۇردى، قۇرەيشلىكلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا كۆپ ئەزىيەتلەرنى بەردى،ۋە نۇرغۇن تۆھمەتلەرنى قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ‹سىھرىگەر، كاھىن ،مەجنۇن›دىيىشتى،ۋە ئۇلا ر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەزىيەت ۋە تىكەنلەرنى تاشلايتتى،ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ناماز ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەزىيەت بىرەتتى،ھەم شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسۇلمان بولغان بىلال ئىبنى رەباھ،خەبباب ئىبنى ئەرەت،ئەممار ئىبنى ياسىر،ۋە دادىسى ياسىر،ئانىسى سۇمەييە (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق ئازادگەردىلەرگىمۇ ئەزىيەت  بىرەتتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قاتتىق ئازابلانغانلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن(ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) .
 
مۇسۇلمانلارغا بولغان ئەزىيەت كۈچەيگەن چاغدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى نەجاشى ئىسىملىق ئادىل پادىشاھ بار بولغان ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرىدى،شۇنىڭ بىلەن 100 گە يېقىن ساھابە ھەبەشىتانغا ھىجرەت قىلدى ،ئۇلارنى نەجاشى ھۆرمەتلىدى.
 
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ياردەم قىلىدىغان كىشى تېپىش ئۈمىدىدە دەۋىتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تائىفقا باردى، بىراق ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يالغانچى دەپ ، ئەزىيەت بەردى.
 
6- ئىسرائ ۋە مىئراج: بۇ مۆجىزە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھىمايە قىلىدىغان تاغىسى ۋە  ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىدىغان ئايالى ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تائىفتا ۋە مەككىدە يەتكەن مۇشرىكلارنىڭ ئەزىيتىدىن كىيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلەپ ،ۋە ئۇنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كەلگەن. مۆجىزىلىك بۇ يەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ روھى ۋە جىسمى بىلەن بەيتۇلمۇقەددەسكە بېرىشى (ئىسرائ) دا ۋە ئاسمانغا ئۆرلىشى (مىئراج) دا نامايەن بولغان، ۋە بۇنىڭ ھەممىسى كىچىنىڭ بىر قىسمىدا بولغان.
7-ئىككى ئەقەبە بەيئىتى ۋە دەۋەتنىڭ تارقىلىشى: ھەج مەۋسۇملىرى ۋە ئەرەبلەرنىڭ بازارلىرى مۇھىم بولغان مۇناسىپ ۋاقىتلار بۇلۇپ ،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ۋاقىتلاردا كىشىلەر بىلەن بۇلۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەرتىۋىلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشاتتى،ۋە ئۇلاردىن رىسالەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆزىنى ھىمايە قىلىشنى تەلەپ قىلاتتى،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىكنىڭ 11-يىلى قۇشۇلغان كىشىلەردىن: مەدىنە قەبىلىلىرىدىن بولغان خەزرەج قەبىلىسىدن 6 كىشى. كىلەر يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەقەبە دىگەن جايدا مەدىنىلىكلەردىن 12 ئەر بەيئەت بەردى ، ئۇلار (ئەنسارىلار) دەپ تۇنۇلدى، ئۇلارنىڭ بەيئىتى تۇنجى ئەقەبە بەيئىتى دەپ تۇنۇلدى، 13- يىلى شۇ جايدا 70ئەر ،2 ئايال ھىمايە قىلىش ۋە قوغداش بەيئىتى بەردى،بۇ ئىككىنجى ئەقەبە بەيئىتى دەپ تۇنۇلدى،بۇ بەيئەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلغان مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ئاساسنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدە 13 يىلنى ئۆتكەزدى.
 
8-مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش : مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرىدى،ئۇلار مەدىنىگە مەخپى ھالەتتە توپ-توپ بۇلۇپ،ۋە يەككە-يەككە كىردى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزرە سەۋەبلىك قېلىپ قالدى،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشنى پىلان قىلىۋاتقان كۇففارلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن زۈرۈر ئىھتىياتلارنى قوللاندى، شۇ سەۋەبلىك ئەبۇ بەكر بىلەن جەنۇب تەرەپكە يۈزلىنىپ،ئۇ جايدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىزدەش . قوغلاش پەسەيگەنگە قەدەر سەۋرى غارىدا 3كۈن تۇردى.
ئەسما بىنتى ئەبى بەكر ئۇلارغا تائام يەتكۈزۈپ بىرەتتى،ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى بەكرى بولسا مەككىدە بولىۋاتقان سۆز-چۆچەكلەرنى تىڭ-تىڭلايتتى،ئۇندىن ئۇ ئككىسنىڭ يېنىغا بېرىپ خەۋەرلەرنى يەتكۈزەتتى،
ئەبۇ بەكرىنىڭ ئازادگەردىسى ئامىر ئىبنى فۇھەيرە ئىزلارنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قويلارنى ئەكىلىپ ،قويلارنىڭ سۈتىدىن  ئۇلارنى سۇغىراتتى ، كۇففارلار ئۇلارنىڭ ئىزىغا غارنىڭ ئىشىكىگىچە ئەگەشتى ،بىراق ھەممىگە قادىر ئاللاھ ئۇلارغا ئۇ ئىككىسىنى كۆرسەتمىدى،قۇرەيشلەر ئۇ ئىككىسنىڭ دىيىتىنى( يەنى ئۇ ئىككىسنى تېپىپ بەرگەن كىشىگە مۇكاپات قىلىپ ) 200 تۆگە قىلدى،لىكىن ئاللاھ پەيغەمبىرىنى يولدا سۇراقە ئىبنى مالىكتىن قوغدىغاندەك ،ھەر قانداق يامانلىقتىن ھىمايە قىلدى ، شۇ ۋاقىتتا سۇراقەنىڭ ئېتىنىڭ پۇتلىرى يەرگە پېتىپ كىتىپ ،ئامانلىقنى تەلەپ قىلغان.
9- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇباغا چۈشتى، ۋە ئۇ يەردە 3 كۈن تۇردى،ۋە تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان تۇنجى مەسجىد  قۇبا مەسجىدىنى قۇردى، ئۇندىن كىيىن مەدىنىگە قاراپ يۈزلەندى،ئەنسارىلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۈتۈۋېلىپ ، مەدىنىگە كەلگەنلىكىدىن خۇشال بولدى، كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىققانلار خۇشال بۇلۇپ ناخشا ئېيتتى.
‹‹تۇلۇن ئاي چىقتى بىزلەرگە سەنىياتۇل ۋەدائتىن
ۋاجىپ بولدى تەشەككۇر بىزلەرگە چاقىرسا دەۋەتچى ئاللاغا››
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبى ئەييۇب ئەلئەنسارىىنىڭ ھويلىسىغا چۈشتى،مەدىنىلىكلەر ‹ئەنسارىلار›،مەككىلىكلەر‹مۇھاجىرلار›دەپ چاقىرلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
 مەككىدە قىلغان مۇھىم ئىشلارنىڭ قاتارىدىن: ئۆزىنىڭ مەسجىدىنى قۇردى ۋە قۇرۇشقا قاتناشتى،ئەۋس بىلەن خەزرەج قەبىلىسنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاپ قويدى،مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلارنىڭ ئارىسىنى ئۇلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن قېرىنداش قىلىپ قويدى،ئۆزى بىلەن يەھۇدىلار ئارىسىدا كىلىشىمنامە ئىمزالىدى.

10- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىھادلىرى:ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە جىھاد قىلىشقا ئىزنى بەردى،ۋە جىھادنى مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرىنى قوغداش،ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى تارقىتىش ئۈچۈن ۋاستە قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۇففارلار ئارىسىدا نۇرغۇن جەڭ ۋە غازاتلار يۈز بەرگەن بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ مەشھۇرلىرى تۈۋەندىكىچە:
*چوڭ بەدرى غازىتى: بۇ ھىجرەتنىڭ 2-يىلى يۈز بەرگەن بۇلۇپ، بۇنىڭدا مۇسۇلمانلار غەلبە قىلغان،مۇشرىكلار مەغلۇپ بۇلۇپ، ئۇلاردىن 70 كىشى ئەسىرگە ئېلىنىپ 70 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن.
*ئوھۇد غازىتى:بۇ ھىجرەتنىڭ 3-يىلى مەدىنىگە يېقىن ئوھۇد تېغىنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەن، بۇنىڭدا مۇسۇلمانلار دەسلەپتە غەلبە قىلدى، كىيىن ئوقياچىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپ ئىش قىلىپ، تاغدىن چۈشتى،شۇنىڭ بىلەن مۇشرىكلار خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ قۇماندانلىقىدا تاغ تەرەپتىن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى،دە ئۇرۇشتا ئۇلار غەلبە قىلدى.
*ئەھزاب غازىتى:ھىجرەتنىڭ5-يىلى قۇرەيشلەر بىر قىسىم قەبىلىلەر بىلەن مەدىنىنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۈچۈن سۇيقەست پىلانلاشتى،مۇسۇلمانلار مەدىنە يەھۇدىلىرى بولغان ‹بەنۇ قۇرەيزە›نىڭ ئەھدىلىرىنى بۇزغاندىن كىيىن ئىتىپاق تۈزگەن گوروھلاردىن مەدىنىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن خەندەك كولىدى. ئاللاھ تائالا قاتتىق شامال ئەۋەتىپ مۇشرىكلار توپىنى پارچىلىۋەتتى، ئاللاھ مۆئمىنلەرنى ئۇرۇشتىن ساقلاپ قالدى.
*بەنۇ قۇرەيزە غازىتى: ئەھزاب غازىتىدىن كىيىن مۇسۇلمانلار ئەھدىلىرنى بۇزغان بەنۇ قۇرەيزە يەھۇدىلىرىغا قاراپ يولغا چىقىپ ،ئۇلارنى مۇھاسىرىگە ئالدى،ئاخىرى ئۇلار سەئد ئىبنى مۇئاز نىڭ ھۈكمىگە چۈشتى،ئۇلارنىڭ پىتنىسى ئاخرلاشتى.
 
*ھۇدەيبىيە سۈلھىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلار 6-يىلى مەككىگە چىقتى،ئۇلار نىڭ ئۇرۇش قىلىش مەقسىتى يوق ئىدى ،پەقەت ئۆمرە قىلىش مەقسىتىدە چىققان ئىدى،مۇشرىكلار ئۇلارغا ئۇچرىشىپ ئۇلارنى بەيتۇللاھتىن توستى،ئىككى تەرەپ ئارىسىدا (ھۇدەيبىيە سۈلھىسى) دەپ تۇنۇلغان سۈلھى تۈزۈلدى،بۇ سۈلھىنىڭ ماددىلىرىدىن:ئۇلار ئارىسدا 10 يىل ئۇرۇش توختىتىش، مۇسۇلمانلار بۇ يىل ئۆمرە قىلماي قايتىپ كىتىپ،كىلەر يىلى ئۆمرە قىلىش.
*مەككىنىڭ فەتھى قىلىنىشى:مۇشرىكلار ئەھدىنى بۇزغاندىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتنىڭ8-يىلى مەككىنى فەتھى قىلىش ئۈچۈن چىقىپ، مەككىنى فەتھى قىلدى،ۋە ئۇنىڭدىكى بۇتلارنى سۇندۇرپ،ۋە شىرىك كۆرۈنۈشلىرىنى يۇقاتتى،بۇ فەتھىدىن كىيىن ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا تارقىلىشقا باشلىدى،ئەرەبلەرنىڭ ئەلچىلىرى مۇسۇلمان بولغانلىقنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن مەدىنىگە كىلىشكە باشلىدى.
* پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12-كۈنى دۈشەنبە چاشگاھ ۋاقتىدا63 يېشىدا ۋاپات بولدى،ۋە ئائىشە(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نڭ ھۇجرىسىنىڭ ئىچىدىكى ۋاپات تاپقان ئۇرۇندا دەپنە قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇسۇلمانلار توپ-توپ بۇلۇپ ناماز ئۇقۇدى.
تۈگىدى!!!
 مەنبە{
:ئەرەب تىلى ھۇزۇرىڭىزدا} ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:نۇر ئەلى


ئىزباسار 2011-09-30 09:28
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھ!
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى ھەسسىلەپ بەرسۇن قېرىندىشىم. بۇ تىما توغۇرلۇق مەن بىر نەرسە يېزىشنى ئويلاۋاتاتتىم. سىز مەندىن چاققان كەپسىز.
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ  ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تارىخىنى بىلىش ئۆزىنى مۇسۇلمان چاغلايدىغانلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتى. مۇسۇلمان تۇرۇپ پەيغەمبىرىنىڭ قاچان قەيەردە تۇغۇلۇپ،نىمە ئىشلارنى قىلىپ ھەق ئۈچۈن،ئۇممىتى ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقى،قەيەردە قانچە يېشىدا ۋاپات تاپقانلىقى توغۇرلۇق مۇشۇ بىلىملەر بىلمىسە بولمايدىغان ئىنتايىن زۇرۇر بىلىمدۇر. بىر خىرىستاندىن ياكى يەھۇدىيدىن ئۆزىنىڭ ئەگەشكۇچىسىنىڭ (پەيغەمبىرىنىڭ) تارىخىنى سورسا تۇلۇق دىيەلەيدۇ. ئەمما مۇسۇلمانلارچۇ....................
ئەگەر ئىش مىنىڭ قۇلۇمدا بولغان بولسا پۇتۇن مۇسۇلمانلارغا رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تارىخنى يادلىتاتتىم.
ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىغاي.

!adiyat 2011-09-30 10:59
بۇنى  ئوقوغىلى  بولمىدى.
بۇ  توغورلۇك  ئىلكىتاب  باتتى..  بارلار  يوللاپ  قويساڭلار  ياخشى بولغۇدەك.

ئىزباسار 2011-09-30 11:24
خەتلىرى ئۇيغۇرچىدەك قىلىدۇ بولمىسا

!adiyat 2011-09-30 11:29
مىنىڭكىدە  خەتنىڭ  ئورنىدا   كاتەكچىلەر  چىقىۋالدى.

dulbarqin310 2011-09-30 13:04
مەن بۇرۇن «پەيغەمبەرلەر قىسىسى»(«قىسەسۇل ئەنبىيا»)دىگەن كىتابتىن ئازراق كۆرگەن پەيغەمبىرىمىز تۇغۇرىىسدا، ئەمما بۇنچىلىك تەپسىلى ئەمەستى، ئەمدى بىلۋالدىم. رەھمەت قېرىندىشىم.

لۇتفى 2011-09-30 22:01
مەندە <شېرىن بۇلاق>نىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسى بار ،  لېكىن قانداق يوللاشنى  بىلمىدىم .

nazim 2011-10-11 08:48
يادقا ئىلىۋىلىش راسلا زۆرۈر...


查看完整版本: [-- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسقىچە تارىخى.(تەۋسىيە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.051245 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us