gayrat828 |
2011-09-28 19:50 |
[attachment=12660] ئەخمەقلەر تېز سۈرئەتنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاقىللار كۆپىنچە بىرەر ئىشقا يولۇققاندا بىر قارارغا كېلەلمەي ئىككىلىنىپ قېلىش سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولىدۇ. ئۆزىنى باشقۇرالايدىغان ئادەم باشقىلارنىمۇ باشقۇرالايدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا ھەممىلا يەردە ئورا كولاقلىق بولىدۇ. باشقىلارغا ئۆزۈڭنى بىلدۈرسەڭ بىلدۈرگىنكى، لېكىن ئۇلار سېنى چۈشىنىپ يېتەلمىسۇن. كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى بويسۇندۇرۇش ھەققىقىي غەلىبە ھېساپلىنىدۇ. ئەخمىقانە ئىش قىلغان ئەخمەق ئەمەس، يوشۇرۇۋېلىشنى بىلمىگەن ئەخمەق. ئاقىلانە چارە: تىپتىنچ دالدىغا كىرىپ، دەھشەتلىك بوران-چاپقۇننىڭ ئۈزلىكىدىن پەسىيىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. ھەقىقىي كەسپ ئەھلى بىرەرسى تىلىنى مىدىرلاتقان ھامان ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ئۇجۇر- بۇجۇرىنى ئىگىلىۋالالايدۇ. ئەگەر دوستلۇقنى ئۇزاققىچە داۋاملاشسۇن دېسەڭ، دوستلىرىڭنىڭ مەنسەپ تۇتۇپ، باي بوپكېتىشىنى ئۈمىد قىلما. ئاقىللار ھەممىدىن بەك تاقەتسىز بولىدۇ، چۇنكى بىلىم ئۇلارنىڭ سەۋر - تاقىتىنى ئازايتىۋېتىدۇ. رەقىب بىلەن سۆزلەشكەندە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك؛ باشقا كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەندە بولسا غۇرۇر بولۇشى كېرەك. ھېچكىممۇ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. پەيلاسوپلار كەمتۈكلۈكنى ھېچ گەپ ئەمەس دېيىشىدۇ؛سىياسىيونلار بولسا، كەمتۈكلۈكنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدۇ. شەرمەندە بولغان مۇناپىق شەنىڭگە داغ تەگكۈزمەي قالمايدۇ. سەمىمى ئادەم ئىززەتلىنىدۇ، ئەمما داۋاملىق ئالدىنىپ قالىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقىي بىلىم - قانداق ياشاشنى بىلىشتە. سەن يېرىمىڭ يېلانغا، يېرىمىڭ كەپتەرگە ئوخشايدىغان بولۇشىڭ كېرەك، بۇ، شەيتانلىق ئەمەس، تالانتتۇر. مۇدا بوپقالغان نەرسىنى ئۆزۈڭ يالغۇز ئەيىبلەپ يۈرمە. ھەممەيلەننىڭ ئاغزىدىن ئوخشاش گەپ چىقسا، ئۇ بىر بولسا پاكىت بولىدۇ، بىر بولسا كىشىلەر پاكىت بوپقېلىشنى ئۈمىد قىلغان نەرسە بولىدۇ. ھەقىقىي يوسۇندا باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر كىشىنىڭ ئادەتتىكىدەكلا: «شۇنداق»دەپ قويغىنى، بىر توپ يارىماسلارنىڭ چالغان چاۋىكىدىن قەدىرلىك بولىدۇ شىنجىاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى
|
|