查看完整版本: [-- ئەي،مۇسلىم ساڭا ھەيرانمەن --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كەڭ ساي تور ئەسەرلىرى -> ئەي،مۇسلىم ساڭا ھەيرانمەن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

يۈسۈپچان 2011-09-28 14:11

ھەر بىر ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا ئېرىشكەن نەرسىلىرى بۇلىدۇ.گاھى بايلىق،گاھى مەنسەپ گاھى نام-ئابروي...بەزى كىشىلەر بۇ نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنى ھىچ بەخىتلىك كۆرمەيسەن!!!
لىكىن شۇنداق بىر قىسىم ئىنسانلار باركى ئۇلارنىڭ نە بايلىقى نە مەنسىپى نە شۆھرىتى يوق لىكىن ئۇلار شۇ قەدەر بەخىتلىك كۆرسەنكى،ئۇلار ھەر ۋاقىت شۇقەدەر خۇشال-خۇرام،جۇشقۇن،قەيسەر....كۆزلىرىدىن قانائەت،قەدەملىرىدىن شىجائەت،تىللىرىدىن مەرىپەت نەپسىلىرىدىن سەۋىر-تاقەت تۈكۈلۈپ تۇرىدۇ
بۇ قانداق كىشىلەردۇ؟؟؟بۇلارنى بۇنچە باي قىلغان زادى نىمىدۇ؟
بەلكىم بۇنى روھىي قايمۇقۇش ئىچىدە قىلىۋاتقان ،ئۆزنى ۋە ئۆزگىنى خوش قىلالمايۋاتقان ياشلار ،يىشى بىر يەلەرگە بىرىپ قالسىمۇ ئۆزىنى بىلەلمەيۋاتقانلار ۋە بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىسىمۇ جان-جەھلى بىلەن دىنغا قارشى تۇرۋاتقان ياشانغانلار...بۇنىڭ تېگىگە ھەرگىزمۇ يېتەلمەسلىكى مۇمكىن .ياق مۇمكىن دىمەي بەلكى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس!
زادى نىمە؟زادى نىمىدۇ؟؟؟
بۇ دەل ئىمان
توغرا بۇ دەل ئىمان
ئىمان پەقەت ۋە پەقەت شۇ (ئىمان )دىن ئىبارەت غايەت زور بايلىق ھىچنىمىسى يوق كىشلەرنى شۇ قەدەر باي مەغرۇر،جەسۇر ...قىلالىدى...دۈشمەن ئالدىدا قامىتىنى تىك قىلدى،دۇنيا ئالدىدا كۆزنى توق قىلدى،ئازاپلىق كەچمىشلەر ئالدىدا سەۋىرلىك قىلدى...
ھەيرانمەن !!!ھەي مۇسلىم !!!ساڭا ھەيرانمەن!!سىنىڭ ھەر بىر ئىشىڭغا،ھەر بىر قەدىمىڭغا،ھەر بىر تىنىقىڭغا...ھەيرانمەن!
ئاللاھىم ساڭا تېخىمۇ كۈچ-قۇۋۋەت بەرسۇن!سىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم،تېخىمۇ باتۇرقىلسۇن!!!كۆزلىرىڭنى تېخىمۇ روشەن،قۇلاقلىرىڭنى سەزگۈر،تىللىرىڭنى تېخىمۇ ئۆتكۈر قىلسۇن!!!
ساڭا مۇۋەپپەق تىلەيمەن  ئەي مۇسلىم!!!!...

مەنبە مەرىپەت تورى

alkoyar 2011-09-28 20:21
ئىمان ئېيتقان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن باشقىسى


زىيان ئىچىدە..................

monisa 2011-09-28 21:42
ئى ئۇلۇغ رەببىم ،  بارلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمز نىڭ ئمانىنى مۇستەھكەم قىلغن،   قەلبنى گۇزەل ئەخلاق بىلەن زىننەتلىگن.

نەفىسە 2011-09-28 22:32
      پۇتكۈل بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئمانى ئۈستىدە مۇكەممەل تۇرۇشىنى رەببىمىزدىن تلەيمەن،اللە ھەممىمىزنڭ ئىمانىنى مۇكەممەل،ئېتىقادىنى مۇستەھكەم قىلسۇن امىن!!!!!!!!!!


查看完整版本: [-- ئەي،مۇسلىم ساڭا ھەيرانمەن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.054804 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us