查看完整版本: [-- بانكا سېستىمىسىدىكى 22 جىنايەتچى قولغا ئېلىندى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> بانكا سېستىمىسىدىكى 22 جىنايەتچى قولغا ئېلىندى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gayrat828 2011-09-28 12:53
 

[attachment=12648]

خۇجىنتاۋ 27-مىزان چاۋشىيەن ئىچكى كابىنىت زۇڭلىسى سۈييۇڭلىن بىلەن كۆرۈشۈپ ،يېرىم ئارالغغا ئالاقىدار مەسىللەرنى سۆزلىشىش ،سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تىنىچ ھەل قىلىش ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ، جۇڭگو تەرەپنىڭ چاۋشىيەن يېرىم ئارال ۋەزىيتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
. [attachment=12648]
كانادا ئاۋام پالاتاسى 26- مىزان كېچىدە بىر تەكلىپ لايىھەسىنى ئاۋازا قويۇپ ماقۇللاش ئارقىلىق ، كانادا ھەربىي قىسىمىنىڭ ش ئا ئە ت نىڭ رەھبەرلىكىدىكى لىۋىيەگە قارتىلغان ھەربىي ھەركىتىنىڭ مۆھلىتىنى يەنە 3 ئاي يەنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلغان .
. [attachment=12648]
پۈتۈن مەمەلىكەتتىكى بانكا سېستىمىسىدا زور ئالدامچىلىق دېلوسى يۈز بەرگەنلىكتىن ، ئىراندىكى ئەڭ چوڭ بانكا ، ئىران مىللى بانكىسىنىڭ باشلىقى ھاۋارى 27-مىزان خىزمىتىدىن ئىستىىپا بەردى . ھازىر ئىران مۇشۇ دېلوغا چېتىلىپ قالغان 22 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى .
. [attachment=12646]
ياپۇنىيە فۇكۇئى ئۇنۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يىقىندا ئېيتىشچە ، ئۇلار پوزىترۇن ئېتىپ چىقىرىپ ئۈزۈلمە تەسۋىر ھاسىل قىلىپ تەكشۈۈرۈشىگە ماسلىشىدىغان بىر خىل دورىنى ياساپ چىققان ،ئۇ بالىياتقۇ ئىچىدىكى ئۆسمىنىڭ زادى ياخشى سۈپەتلىك ياكى يامان سۈپەتلىك بالىياتقۇ ئۆسمىسى ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرەلەيدىكەن ، بۇ خىل ئۇسسۇلىنى پەقەت ئادەتتىكىى راك كېسلىنى تەكشۈرۈش ئۇسسۇلى بىلەن ماسلاشتۇرسا ،دىئاگىنۇزنىڭ توغىرلىق نېسبىتى 90 % تتىن ئاشۇرغىلى بولىدىكەن .
. [attachment=12647]
26-مىزان، شەنشى تەييۈەندە ئېچىلغان 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئوتتۇرا قىسىم مەبلەغ سىلىش يەرمەنكىسىدە، نۇرغۇن مۇستەقىل بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى بار، تېخنىكىلىق ئىقتىدارى يۇقىرى سانائەت مەھسۇلاتلىرى نامايان قىلىنىپ، نۇرغۇن تاماشىبىننى جەلپ قىلدى. سۈرەتتە: يەرمەنكىگە قاتناشقۇچىلار تەيجوڭ گۇرۇھى ئىشلەپچىقارغان ئىلىكتىرونلۇق كۆمۈر قېرىش ماشىنىسىنى كۆرمەكتە.
. [attachment=12648]

[attachment=12650]
F-22 كۈرەشچى ئايروپىلانى ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى بولۇپ، لوكخىد مارتىن شېركىتى ۋە بوئىڭ شېركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان، رادارنىڭ سېزىۋېلىشى ۋە ئاۋازدىن تېز چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلارغا ئىگە، 2005-يىلى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان. F-22 نىڭ باھاسى ناھايىتى قىممەت، يەككە باھاسى 140 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. 2011-يىلى 5-ئايدا، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ جەمئىي 170 دانە F-22 كۈرەشچى ئايروپىلانى بار بولدى




.



kuwruk 2011-09-28 12:55
غەيرىتجاننىڭ قىسقا خەۋەرلىرى ئۇزۇلمىگەي ،،،،!!!!!!!


查看完整版本: [-- بانكا سېستىمىسىدىكى 22 جىنايەتچى قولغا ئېلىندى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.118758 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us