查看完整版本: [-- مېنىڭ ئىسمىم ئۈمىد ..HOPE --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ھېكمەتلەر -> مېنىڭ ئىسمىم ئۈمىد ..HOPE [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gayrat828 2011-09-27 14:00
[attachment=12639]
خېلىلا ياشانغان بىر موماي تولىمۇ ئاستا ماڭغىنىچە تاش ياتقۇزۇلغان سەھرا يولىدا كېتىۋاتقان ئىكەن. ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي چىرايىدا كىچىك قىزلارغا خاس ياشلىق كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن. ئۇ تۇيۇقسىز ئۆز ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆرۈپ قاپتۇ، يىگىت ھەم ئورۇق، ھەم پاكار ئىكەن. موماي بەللىرىنى ئىگىپ بوشقىنا ئاۋازدا:
- سىز كىم؟- دەپ سوراپتۇ.
جۇشقۇنلۇقتىن ئەسەرمۇ يوق، ھارغىنلىقتا گۆمۈشتەكلا بولۇپ قالغان يىگىت:
- مەن... مەن قايغۇ،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئارانلا ئاڭلانغۇدەك ھالدا.
-ھە قايغۇ دىگەن سەن ئىكەنسەن-دە،- دەپتۇ موماي خۇددى كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان دوستىنى كۆرگەندەك.
- مېنى تونۇمسىز؟- قايغۇ سەل ھەيران بوپتۇ.
- ئەلۋەتتە تونۇيمەن. يول بويى ئەتراپىمدا ماڭا ھەمرا بولۇپ كەلدىڭ.
- بىراق،- دەپتۇ قايغۇ بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي،- سىز نىمىشقا مەندىن ئايرىلمىدىڭىز؟ ئەجىبا قورقمىدىڭىزمۇ؟
- قەدىرلىكىم، نىمىشقا سەندىن ئايرىلغۇدەكمەن. سەن ئۆزۈڭنى ئەڭ چۈشىنىسەن، سېنىڭدىن قۇتۇلۇپ كەتمەكچى بولغانلارنى قوغلاپ يۈرىسەن. ئەمما سېنىڭدىن سورايدىغىنىم، سەن نىمىشقا قايغۇرۇپلا يۈرىسەن؟،- دەپ سوراپتۇ موماي.
- چۈنكى مېنىڭ ئىسمىم قايغۇ،- قايغۇنىڭ
كارنىيى يىرتىلىپ كەتكىلى تاس قاپتۇ. موماي ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ:
- قېنى ئېيتقىنا، سېنى ئازاپلاۋاتقان زادى قانداق نەرسە؟- دەپ سوراپتۇ.
قايغۇ چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن، كۆڭلىدە « ئەجىبا راستىنلا بىرەرى مېنىڭ يۈرەك سۆزۈمنى ئاڭلىغۇسى بارمىدۇ» دەپ ئويلاپتۇ، ئۇ بۇنداق پەيتنىڭ كېلىشىنى كۈتكىلى ئۇزۇن بولغان ئىكەن.
- سىز بىلىسىز،- دەپ سۆزىنى باشلاپتۇ قايغۇ ھەم دىلىغۇل ھەم ھەيران بولغان ھالدا،- ئەمەلىيەتتە مېنى ھىچكىم ياخشى كۆرمەيدۇ، مانا بۇ مېنىڭ قىسمىتىم بولسا كېرەك. مەن كىشىلەر ئالدىدا شۇنداقلا پەيدا بولسام ئۇلار مەندىن ۋابادىن قاچقاندەك قاچىدۇ.
قايغۇ يىغلاپ تۇرۇپ دەردىنى تۆككىلى تۇرۇپتۇ.
[attachment=12640]
-كىشىلەر مېنى چەتكە قېقىپلا تۇرىدۇ. مەسىلەن، «بىلجىرلىما، مەن ئازراقمۇ قايغۇرمىدىم، تۇرمۇشۇم خاتىرجەم ۋە شاد-خوراملىققا تولغان» دىيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ساختا كۈلكىسىدە يۈزلىرىمۇ تارتىشىپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلەر «ماختاشلار بىزنى تېخىمۇ غەيرەتلىك قىلىدۇ» دىيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئازاپلانغانلىقىدىن نەپەس ئېلىشىمۇ تەسكە توختاۋاتقان بولىدۇ. يەنە بەزىلەر «ئاجىزلارلا كۆز يېشى قىلىدۇ، كۆز يېشى قىلمايمەن» دىيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مېڭىسى چارچاپ ئېتىلىپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ. يەنە بەزىلەر ئىسپىرت ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەر بىلەن ئۆزىنى مەست قىلىۋېلىپ مېنىڭ مەۋجۇتلىقىمنى ھىس قىلماسلىققا ئۇرىنىدۇ.
-شۇنداق،-دەپتۇ موماي ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلاپ،- ئىلگىرى مەنمۇ شۇنداق كىشىلەرنى كۆرگەن.
قايغۇ تېخىمۇ قايغۇرۇشقا باشلاپتۇ.
- ئەمەلىيەتتە مېنىڭ كىشىلەرگە ياردەم بەرگۈم كېلىدۇ، ئۆزىگە توغرا قارايدىغان كىشىلەرگە يېقىنلاشقىنىمدا ئۇلار ئۈچۈن پاناھ جاي تېپىپ بېرىپ، شۇ يەردە يارىسىنى داۋالىسا دەيمەن. قايغۇرۇپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ تېرىسى نىپىز ھەم يۇمران بولىدۇ، يارىنىڭ ۋاقتى ئۇزارغانسېرى ئۇ ئاسان پۈتمەي، ئادەمنى تېخىمۇ نابوت قىلىدۇ. ئەمما كىممۇ ئۆز-ئۆزىگە توغرا قارىيالايدۇ؟ كىشىلەر مېنىڭ ياردەم قىلىشىمنى خالىمايدۇ، ئۇلارنى قەيسەر قىلىشقا ئۇرۇنسام، ئۇنىڭ ئورنىغا يالغان كۈلكىلىرى بىلەن ئۆز يارىسىنى يوشۇرىشىدۇ ياكى تولىمۇ ئېغىر ھەم قېلىن دۇبۇلغا-ساۋۇت كىيىشۋالىدۇ.
بىر ئاز سۈكۈتتىن كېيىن، قايغۇنىڭ يىغىسى بارغانچە كۈچىيىپ، ئاخىرى ئەسەبىيلىشىپ كېتىپتۇ.
موماي ئۇنى قۇچاقلىغىنىچە باش-كۆزلىرىنى سىلاشقا باشلاپتۇ ۋە:
- يىغلىۋال قايغۇ، پۇخادىن چىققۇچە يىغلىۋال،-دەپتۇ مۇلايىم ھالدا، ئاندىن،- ئازراق ئارام ئېلىۋالغىن، تازا كۈچ يىغمىساڭ بولمايدۇ. ھازىردىن باشلاپ يالغۇز سەپەر قىلمايسەن، مانا مەن
ساڭا ھەمرا بولىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئۈمۈدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك سېنى كونترول قىلالمايدۇ،-دەپتۇ.
قايغۇ يىغىدىن توختاپ يېنىدىكى يېڭى ھەمرايىغا ھاڭۋاققىنىچە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:
- رەھمەت سىزگە، بىراق ئۆزىڭىز كىم؟- دەپ سوراپتۇ.
- مەن؟- موماي چىرايىدىكى كۈلكىنى قىلچە يوشۇرماي ،- مېنىڭ ئىسمىم ئۈمىد، قايغۇغا توغرا قارىغان، ئۈمىدۋار كىشىلەرلا داغدام يولدا تېخىمۇ يىراققا بارالايدۇ،- دەپتۇ.
[attachment=12641]


ئۆمەرئىلى 2011-09-27 18:52
ئۇمۇ تۋار  ئادەملەر نېڭ ئەتىسى پارلاق. ئۇ مۇتسز لېكنڭ ئـە تىسې يەنلا [ئۇمۇ تىسزلىك]     

samanyoli 2011-09-27 20:05
[attachment=12645]


查看完整版本: [-- مېنىڭ ئىسمىم ئۈمىد ..HOPE --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.055749 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us