| kalkan786 | 
2011-09-26 22:06 | 
 
قىزچاق گېزىت كۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئاپىسىدىن سوراپتۇ: -ئاپا، پارتىيە كومىتىتى (党委) دىگەن نىمە؟  ئاپىسى ساپلىقنى قۇلىغا ئېلىپ؛ -پارتىيە كومىتىتى (党委) دەل سىنىڭ داداڭ، كۈنبۇيى ھىچ ئىش قىلماي، يەنە دائىم ئادەم تىللايدىغان،  قىزچاق يەنە سوراپتۇ: -ئۇنداقتا ھۈكۈمەت دىگەن نىمە ؟ئاپىسى سەي قورۇغاچ : -ھۈكۈمەت دىگەن مانا مەن، كۈنبۇيى توختىماي ئىشلەپمۇ . داداڭدىن تىل ئىشتىمەن، قىز يەنە سوراپتۇ:  -ئۇنداقتا خەلق قۇرۇلتىيى دىگەن نىمە ؟ ئاپىسى : خەلق قۇرۇلتىيى دىگەن سىنىڭ بوۋاڭ، نامدا بىر ئائىلىنىڭ باشلىقى بولغان بىلەن قەپەزدىن بىرنى كۈتۈرۋېلىپ ھىچ ئىش بىلەن كارى يوق.  قىز تۇختىماي سوراپتۇ:  -ئۇنداقتا سىياسى كېڭەش دىگەن نىمە ؟  ئاپىسى بىلىنى رۇسلىغاچ:  -سىياسى كېڭەش دىگەن سىنىڭ موماڭ، كۈنبۇيى ۋالاقشىيدۇ، لىكىن ھىچكىم ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ.  قىز يەنە سوراپتۇ:  -ئەمىسە ئىتتىپاق كومىتىتى دىگەنچۇ؟  ئاپىسى سەي تىزغاچ:  -ئىتتىپاق كومىتىتىدىگەنچۇ سىنىڭ ئاكاڭ، كۈنبۇيى سىرتتا بىر ئىشلار بىلەن ھەپلىشىپ يۈرگەن، يا ھىچنىمە قۇلىدىن كەلمىگەن.  قىزچاق تۇمشۇقىنى پۈرۈشتۈرۈپ:  -ئەمىسە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتى دىگەنچۇ؟  ئاپىسى قىزچاقنىڭ قۇلىدىكى گېزىتنى تارتىۋىلىپ:  -ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتى دىگەنچۇ سەن! نامدا ئاتا-ئاناڭنى نازارەت قىلغان بىلەن، يەيدىغىنىڭ ئاتا-ئاناڭدىن، كىيىدىغىنىڭ ئاتا-ئاناڭدىن، ئاتا-ئاناڭنىڭ بۇيىرىقىنى ئاڭلايسەن، مۇھىمى ، توختىماي ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى سورايسەن، .... بولدى ، ماڭ قۇلۇڭنى يۇ،تاماق يەيمىز.... | 
 
 
 |