ئىسلام دۇلەتلىرى تۇركىيەنىڭ يىنىغا زىچ ئۇيۇشۇپ ئىسلام دۇلەتلىرنىڭ جۇملىدىن پۇتۇن دۇنيادىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ھۇقۇق -مەنپىئەتى ۋە دۇنيانىڭ تىنىچلىقى ئۇچۇن پايدىلىق ئىشلارنى قىلسا،،،لىكىن تۇركىيە ئۇنچىلىك قۇدرەتلىك دۇلەت ئەمەستە دۇلەت ئىچىدە ھەل قىلدىغان خىلى كۇپ ئىشلىرى باردە،،،!!!!!!!

===============================================
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 25-سېنتەبىر خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى سىرت ۋىلايىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى كورد ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە يەرلىكتىكى بىر ژاندارما ئەسكەرلەر قاراۋۇلخانسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 6 نەپەر تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى، 11 نەپەر ئەسكەرنىڭ يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا دېيىلىشىچە، بۇ ژاندارما ئەسكەرلەر قاراۋۇلخانىسى سىرت ئۆلكىسىنىڭ بەلەنئولۇك (Belenoluk) كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى بىلەن كۇرد ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئۇنسۇرلىرى كەسكىن ئېتىشقان. كۇرد قوراللىق ئۇنسۇرلىرىدىن 3 نەپىرى توقۇنۇشتا ئېتىپ تاشلانغان.
