‹‹كەڭساي››دا ئەدەبىياتنى چۈشىنىدىغانلار قانچىلىك
نەچچە كۈندىن بۇيان مەن ‹‹كەڭساي››دىكى كۆپ قىسىم ئەسەرلەرنى ئوقۇش ۋە ئۇنىڭغا يېزىلغان ئىنكاسلارنى كۆرۈش ئارقىلىق ‹‹كەڭساي››نىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپ قالدىم.شۇڭا بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن: 1.‹‹كەڭساي››مۇنازىرە مۇنبىرى بولسىمۇ،قىلچىلىك ئەدەبىي مۇنازىرە يوق.گەرچە بىرنەچچە ئەزالىرىمىز مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشقا تىرىشقان بولسىمۇ،ئۇنىڭغا ئىنكاس يازغۇچى مۇنبەرداشلىرىمىز چاقچاقنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلغان. 2.‹‹كەڭساي››مۇنبىرى ئەدەبىي مۇنبەر بولسىمۇ،لېكىن مۇنبىرىمىزدە ئەدەبىياتنى چۈشىنىدىغانلار ئاز.كۆپ قىسىم مۇنبەرداشلىرىمىز ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن مۇنبەرگە كىرىدۇ.ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئىنكاس يازىدۇ. 3.‹‹كەڭساي››مۇنبىرى ئەدەبىي مۇنبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىجادىي ئەسەرلەر كۆپرەك بولۇشى كېرەك ئىدى،بىراق،مۇنبەردە باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن تېمىلار جىق.بۇ ‹‹كەڭساي››مۇنبىرىنى‹‹باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان››قىلىپ قويىدۇ.بۇنىڭغا ۋاقتىدا چەك قويۇلىشى كېرەك. 4.‹‹كەڭساي››مۇنبىرىدە بىرتۈركۈم ھىسىياتچان ،كاللىسىغا نېمە كەلسە ئىچىگە يۇتماي دەۋىرىدىغان،باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغان ئەزالار بار.بۇلار ۋاقتىدا تازىلىنىشى ياكى ئۇنداقلار ئۆزىنى سۇراپ مۇنبەردىن چېكىنىشى ۋەياكى ئۆزگىرىشى كېرەك. 5.‹‹كەڭساي››مۇنبىرىدە ئۇيغۇرتىلىنى ،ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلمەيدىغانلار جىق.بۇلارمۇ ياكى ئۇيغۇرتىلىنى ئۆگۈنۈپ بولۇپ مۇنبەرگە كىرىشى ۋەياكى باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن مۇنبەردىن چىقىرىۋىلىتىشى كېرەك. ئاخىرىنى ئىنكاس شەكلىدە يازىمەن. |