查看完整版本: [-- يەنا شۇ قارا يورغا ..... --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> يەنا شۇ قارا يورغا ..... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

xahruh 2010-07-28 23:43
باشقا مىللەت ئۇسۇللىرى ئەزەلدىن   بۇنچە چىرايلىق كۆرۈنۈپ باقمىغان ،لىكىن ماۋۇ قازاقلارنىڭ
ئۇسۇلىمۇ بوپ قالىدىكەنغۇ ،ناخشىسىمۇ بەك قىزىقىكەن ،،،،،،،،،،،،،



قازاقچىىغۇ ئۇقمايمەن ،لىكىن بەزى گەپلىرىنى چۈشەنگىلى بۇلىدىكەن ،تەرجىمە قىپ باقتىم :

قارا يورغا بولمىسا ،
توينىڭ زىننىتى بۇلارمۇ ؟
ئەتلەس كۆينەك كىيمىسە ،
قىزنىڭ سەتى بۇلارمۇ ؟


قارا يورغا ئويناڭلار ،
قوش ئېرىقتىن ئاتلاڭلار ،
قوش قوچقارنى كەلتۈرۈپ ،
قۇيىۋەتمەي ئويناڭلار ....

تۈكرۈكىڭنى چاچرىتىپ ،
يۈرۈگۈڭدىن ئوت يېنىپ ،
شوخ يۈرىسەن مەيداندا ،
كەمپىرىڭدىن ماختىنىپ .....

كەمپىرىڭنى سەت كۆرۈپ ،
شۆلگىيىڭنى ئېقىتىپ ،
نىمە قىلىسەن مەيداندا ،
ئۆزگىلەرگە كۆز قىسىپ ؟


مۇنۇ قوينى كەلتۈردۈم ،
بولسۇن مۇشۇ تىلەگىم ،
تىپىۋەتتتى ئاغىسى ،
ياراتمىدى ئاناسى .....

layli 2010-07-29 00:26
مەن قازاقچىنى خىلى  بىلىمەن ،راسلام قاملىشىپتۇ .ھەر ھالدا توغىرا بوپتۇ.

oygurum 2010-07-29 00:30
مەن  قازاقلارنىڭ،،،،گەپلىرىنى پەقەتلا..چۈشەنمەيمەنكە ھې ھې ھې
  

tvnlirikisi 2010-07-29 00:38
ھا...ھا...ھا...شاھرۇھ...! ماۋۇ تەرجىمەڭنى كۆرۈپ راسا كۈلۈپتىمەن. تاس قالدى ئۈچۈيىم ئۈزۈلۈپ كەتكىنى.
ماۋۇ مىسرالارنى بەك قىززىق تەرجىمە قىپسەن............
قارا يورغا ئويناڭلار ،
قوش ئېرىقتىن ئاتلاڭلار ،
قوش قوچقارنى كەلتۈرۈپ ،
قۇيىۋەتمەي ئويناڭلار ....

بۇ كوبلىتنىڭ ئەسلى مەنىسى:

قارا يورغا ئويناڭلار،
قوي دېسىمۇ قويماڭلار.
قوش يۈرەكنىڭ شاتلىقىنى،
دەل مۇشۇنداق تويلاڭلار!(تەبىركلەڭلار)

قازاقلار بار سورۇنغا كىرىپ قېلىشتىن قورقىمەن. كىرىپ قالساملا مەجبۇرى ئوينىتىدۇ مېنى. ئۆزۈممۇ قازاقلاردىن ئۇستا قارا يورغىغا    

tvnlirikisi 2010-07-29 00:42
مەن ماۋۇ كوبلىتلىرىغا ئامراق:

ئاناۋ تۇرغان بوي جېتكېن،
سۈيكۈمدېتىپ ئوينېتكېن.
تالايلاغان جىگىتتېڭ،
جۈرەكتېرىن سۈيلېتكېن.

ئاۋۇ تۇرغان بوي يەتكەن،
ئوماققىنە ئوينايدىكەن.
تالايلىغان يىگىتنىڭ،
يۈرەكلىرىنى سۆزلەتكەن.

tamqi 2010-07-29 11:49
قازاقچىنى ياخشى بىلىدىكەنسىلەر،بۇمۇ ياخشى ئىش بارىكاللا..بولسا ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتىنىمۇ  ،ئۆرۈپ -ئادەتلىرىنى
بىلگەنلەر كۆپرەك تۇنۇشتۇرساڭلار؟

tvnlirikisi 2010-07-29 11:56
ئىشلىتىش
引用第5楼tamqi于2010-07-29 11:49发表的 :
قازاقچىنى ياخشى بىلىدىكەنسىلەر،بۇمۇ ياخشى ئىش بارىكاللا..بولسا ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتىنىمۇ  ،ئۆرۈپ -ئادەتلىرىنى
بىلگەنلەر كۆپرەك تۇنۇشتۇرساڭلار؟

ئۇلارنىڭ ئەڭ ئالاھىدە يېرى: كېلىنلەر قېينئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئاتىمايدۇ. ئەگەر تونۇش بىرەرسىنىڭ ئىسمى قېينئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالسا ئۇنىڭمۇ ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرمايدۇ.ئەگەر چوقۇم دېمىسە بولمايدىغان ئىش بولسا،سۆزىنىڭ ئارلىقىدا چوقۇم قېيىنئاتىسىنىڭ ئىسمىنى دېيىش توغرا كېلىپ قالسا ،يېنىدىكى ئادەمگە ئاتامنىڭ ئىسمىنى دىگىنە دەپ، ئۇ دېگەندىن كىيىن ئاندىن سۆزىنىڭ داۋامىنى دەيدۇ! 
ئۇلارنىڭ بۇ ئادىتى ماڭا بەك ئۆزگىچە تۇيىلىدۇ....

ata~kal 2010-07-29 13:16
قازاق مەدىنىيىتىدە بىز ئۈگىنىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن تەرەپلەرمۇ با ..... قازاق مىللىتى بەك مىھماندۇس ھەم مۇناسىۋەتكە بەك ماھىر ....

xahruh 2010-07-29 13:53
مىنىڭچە قازاقلار دۇنيادىكى بىردىنبىر تىلەمچى يوق مىللەت ،يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى بىز ئۇيغۇرلاردەك تارىختىن يېقىن تۇغقانلار بىر بىرى بىلەن توي قىلمايدۇ ،،،باشقا جەھەتتە بىزدىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بولمىسا كىرەك .....

biwapadunya 2010-07-30 00:21
مەن بۇلارنىڭ قارا جورغا بىلەن ئاي جارىق دىگەن ئۇسۇلىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن.

xahruh 2011-04-20 00:33
قازاقلار توغرۇلۇق مۇنۇ تېمىمىمۇ بار ئىدى ھە ،،،،،

alpacino 2011-04-20 01:20
ۋوي ۋوي  مېنىڭ  قازاق  ئاغىنەممۇ  چىقىۋاپتىغۇ  ئاۋو  سەھنىگە  ،،  كاساپەت  قارا جورغىنى  ياخشى تولاپ  قويىدىكەن  جۇما  ..

ياشايمەن 2011-12-07 09:57
جاقسى ناخشىكەن ،،،،،،،،،،،،


查看完整版本: [-- يەنا شۇ قارا يورغا ..... --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.056300 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us