[attachment=12547] ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان تاجىكستان مۇستەقىل بولۇپ يىگىرمە يىلدىن كىيىنمۇ يەنىلا ئىلگىرىكى سوۋىت رىپابىلىكلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ نامرات دۆلەت. [attachment=12546] تاجىكىستاندا تەخمىنەن ئومۇمىي نوپۇسنىڭ يېرىمى نامراتلىق سىزىقى ئاستىداياشايدىكەن.دۇنيا ئاشلىق پىروگىراممىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، يېزا قىشلاقلاردىكى نوپۇسنىڭ ئۈچتىن بىرى(بىر يېرىم مىليون ) كىشىنىڭ يىتەرلىك يەيدىغان نەرسىسى يوق ئىكەن. [attachment=12545] تاجىك ئەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى روسىيەگە خىزمەت ئىزدەپ كەتكەن ، ئېتىز ئېرىق ،تېرىلغۇ ئىشلىرى ئاياللارغا قالغان .روسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،تاجىك ئىشلەمچىلەر 2010-يىلى روسىيەدىن ۋەتىنىگە 2.21 مىليارد دوللارپۇل ئەۋەتكەن،بۇ تاجىكىستان ج د پ سىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدىكەن. [attachment=12544] سەيلىنىڭ سەككىز بالىسى بار بۇلۇپ ،ئۈچى روسىيەدە قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلىمەكتە، ئۆيىدىكىلەر شۇلار ئەۋەتكەن پۇل بىلەن تۇرمۇش قامدىماقتا. [attachment=12539] تاجىكىستاننىڭ يۇشۇرۇن سۇ ئىلىكتىر كۈچى ناھايىتى مول.سوۋىت دەۋرىدە بىر قانچە سۇ ئىلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلغان بۇلۇپ ،ھازىر ئۇلارمۇ كونىراپ قالدى. مەبلەغ تېپىشتىكى قىيىنچىلىق ۋە تۆۋەنكى ئېقىمدىكى [attachment=12543] دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقى ،يېڭى ئىستانسا قۇرۇشتىكى توسالغۇ بۇلۇپ قالدى. يېزا قىشلاقلاردا پاكىز ئىچىملىك سۇ تېپىش يەنىلا بىر مەسلە بۇلۇپ قالدى.نۇرغۇن ئائىلىلەردە كىچىك بالىلار سۇ تەمىنلەش ئورۇنلىرىدىن سۇ ئەكىلىشكە ئەۋەتىلىدۇ. ` [attachment=12542] گۈلجەكخان بىر يېزا ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ،ئۇ سوۋىت ۋاقتىدىكى تۇرمۇشىنى ياخشى دەپ قارايدىكەن."سىز دوختۇرخانىدا بىرەرسىگە پارا بەرمىسىڭىز ،باشقىلار سىزگە قاراپمۇ قويمايدۇ.پۇلىڭىز بولمىسا كارۋىتىڭىزدا ئۆلمەكتىن باشقا ئامال يوق "دەيدۇ ئۇ. [attachment=12541] پايتەخىت دۈشەنبىدە زور قۇرۇلۇش پىروگىراممىلىرى شەھەر قىياپىتىنى ئۆزگەرتمەكتە _ ئەمما كۆپچىلىك يۇقىرى ئۆي باھاسىنى كۆتۈرەلمەيدىكەن. [attachment=12540] بۇ ئىشچى پىرىزدىنىت سارىيىنىڭ ئالدىغا قىش ياتقۇزماقتا. |