ئۆركەش |
2011-09-18 15:55 |
مۇنبەرداشلار غا چاخچاق كەتتى (4)
1. لىللا سۆز
دوختۇر- جەڭچى :
ـ سىز نىمىشقا مەن پوچتىدىن ئەۋەتكەن ھىسابات تالۇنلىرىنى كۆرۇپمۇ باقماي ، ماڭا ئۆزپېتى ئەۋەتىۋەتتىڭىز ؟
بىمار- سامان يولى :
ـ دوختۇر ، ماڭا ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىشنى ئۆزىڭىز جىكىلىگەن ئىدىڭىزغۇ !
2. پىلنىڭ بالىسى
كەپسىز –بىلىۋال : بوۋا ، بىر بۇۋاق پىلنىڭ سۇتىنى ئىمىپ بىر ھەپتىدە 200 قاداق ئېغىرلاپتۇ !
بوۋىسى ـ كۆۋرۈك : ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ، ئۇ كىمنىڭ بالىسىكەن ؟
كەپسىز-بىلىۋال : پىلنىڭ .
3. قىيىن ئەھۋال
رەيھان : ساقچى ! 5 مىنۇت ئىلگىرى بىر بۇلاڭچى مىنىڭ ئالتۇن سائىتىمنى بۇلاپ كەتتى !!!
جۇلالا 520 : سىز قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋاقىرمىدىڭىزمۇ؟
رەيھان : قانداقمۇ ۋاقىراشقا جۈرئەت قىلاي ، چىشلىرىمنىڭ ھەممىسى ئالتۇن تۇرسا ؟!
4. قۇيە بىرنى
سەنەمجان مەس كىرگەن ئېرىگە : ھەي كۈندە ئىچەمسەن ؟ ساق ئۆيگە كىرىدىغان كۈنۈڭمۇ بارمۇ ما ئۆيگە ؟! زادى يەنە ھاراق ئىچەمسەن ئىچمەمسەن ؟!
ئېرى ـ ئەند : بوپتۇ قۇيە بىرنى !
5. كىچىك ئىش
دىلنازى : يولدىشىمنى كۆردىڭىزمۇ؟ مەن ئىزدەۋاتقىلى 2 كۈن بولدى ، تاپالمايۋاتىمەن .
سەييارە : ئۇ قانچىلىك ئىشتى ؟ مەن ئەر ئىزدەۋاتقىلى 10 يىل بولدى ، تېخىچە تاپالمايۋاتىمەن .
6. تۇغۇت بۆلۈمىدىكى شىرىن : دوختۇر مەن تۇغۇۋاتقاندا ئېرىم يېنىمدا تۇرسا بۇلامدۇ ؟
دوختۇر –دۇلبەرچىن310 : بۇلىدۇ ، مەن بالىنىڭ دادىسىنىڭ كۆرۈپ تۇرىشىنى قوللايمەن .
شىرىن : كەچۈرۈڭ ، ئېرىم بىلەن بالىنىڭ دادىسى ئوت بىلەن سۇ . ئۇ كەلمىسۇن .
مەنبە - ئۆزۈم يىققان
|
|