كىشىلەر "پەرىشتىلەرگە ئوخشايدىغان بالا" دەيدىكەن ۋە پەرىشتىلەرنى قىزلارغا ئوخشىتىدىكەن، پەرىشتە بىزگە ئوخشامدۇ؟ پەرىشتىلەر ئىنسانلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئەر-ئايال دەپ ئايرىلمايدۇ.توي قىلمايدۇ.خالىغان شەكلىدىكى سۆرەتكە كىرەلەيدۇ، يەپ - ئىچمەيدۇ ۋە قىيامات كۈنىگىچە ھايات تۇرۇدۇئاللاھ ئۇلارنى نىمە ئىش قىلىشقا بۇيرىسا شۇنى قىلىدۇ ۋەزىيپىلېرىدە ھىچقانداق خاتالىق سادىر قىلمايدۇ.ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇتلەق ئىتائەت قىلىدۇ.پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان بولغاچقا ، ئىنسانلار ئۇلارنى كۆرەلمەيدۇ. پەرىشتىلەر ئۆلەمدۇ؟ ئاللاھ پەرىشتىلەرنى قىيامەتتە ئۆلتۈرۈپ، ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن قايتا تىلدۈرۈدۇ. پەرىشتىلەر كەلگۈسىنى ئالدىن بىلەلەمدۇ؟ پەرىشتىلەر پەقەت ئاللاھ ئۆزلېرىگە بىلدۈرگەننىلا بىلەلەيدۇ. پەرىشتىلەر نىمىلەرنى ياقتۇرۇدۇ؟ پەرىشتىلەر پاك-پاكىزە مەخلۇقاتلاردۇر.. ئۇلارخۇشپۇراقلارنى،ياخشىلىقلارنى،ئاللاھنى زىكىر قىلىشنى قۇرئان ئوقۇغاننى ،ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىنى ياىشى كۆرۈشىنى،ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى،بالىلارغا مىھرى-شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ، چوڭلارغا ھۆرمەت قىلغاننى،قىسقىسى؛ياخشى ۋە گۈزەل بولغان ھەرقانداق ئىشنى ياقتۇرۇدۇ. بۇنىڭ قارمۇ-قارشىسى بولغان ھەر خىل يامان ۋە ناچار ئىشلارنى ياقتۇرمايدۇ.بۇ ناچار ئىشلارنى پەقەت شەيتانلارلا ياىشى كۆرۈدۈ. |