查看完整版本: [-- ئىنسانلىق دەرسى... (تەرجىمە ئەسەر) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ھىكايە پوۋىسىتلار -> ئىنسانلىق دەرسى... (تەرجىمە ئەسەر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

muzepper 2011-09-15 06:25

                                                   ئىنسانلىق دەرسى...
                                                     (تەرجىمە ئەسەر)
 
                                                  
 
    ۋىتنامدا "بەدەل" تۆلەشنى خالىمىغان بىر ئامىركا گېنىرالى بىر يېزىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تازىلاش ھەركىتى ئېلىپ بېرىپ ئۇ يېزىنى بومباردىمان قىلىپ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدۇ. بومباردىماندىن كېيىن ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرى ئۆيلەرنى بىرمۇ- بىر ئاختۇرۇپ چىقىپ "بولدى" دىگەن ھۆججەتنى "ئىشخال قىلىندى" دېگەن تىزىملىككە قۇشۇپ يېزىدىن ئەمدى ئايرىلاي دەپ تۇرۇشىغا خارابىلىق ئىچىدىن بىر تال ئوق ئېتىلىدۇ. 
    شۇنىڭ بىلەن ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرى يېزا خارابىسىنى تەكرار قورشاۋغا ئالىدۇ- دە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگىدەك دەرىجىدە بومباردىمان قىلىشقا باشلايدۇ. ئىگىز كۆتۈرۈلگەن خۇددى يەر مەدىكىدەك ئوت شارى، ئېغىر قوراللارنىڭ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئەۋازى ۋە كېيىن ئۆلۈمنى ئەسلىتىدىغان جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ.
    بۇ دەھشەتلىك جىمجىتلىقتىن كېيىن ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئەسكەرلىرى يەنە يېزا خارابىسىنى ئاختۇرۇشقا باشلايدۇ ۋە خارابىلەرنىڭ بىرسىنىڭ ئىچىدىن قۇلىدا بىر تال مىلتىق تۇتقان، بىر تېرە، بىر ئۇسقان بولۇپ قالغان كىچىك بىر بالىنى تېپىپ چىقىدۇ.
    گېنىرال بالىنى كۆرۈپ بەكمۇ تەسىرلىنىدۇ. ئالدىدا تۇرغان بالىغا قىلىدىغان مۇئامىلە بىرمۇ ئادەم كۆرمەي تۇرۇپ بومباردىمان قىلغانغا ئوخشىمايدۇ- دە. گېنىرالنىڭ ئوڭ كۆزى يالغان كۆز ئىدى. يەنە كىلىپ بىر قاراشتىلا بىلگىلى بولىدىغان يالغان كۆز ئىدى. گېنىرال بالىغا قاراپ:
    - ماڭا قارا، ساڭا بىر پۇرسەت بىرەي. قايسى كۆزۈمنىڭ راست ئىكەنلىكىنى تاپ، سېنى ئوققا تۇتۇشتىن قۇتقۇزۇپ قالاي دەيدۇ.
    بالا گېنىرالنىڭ يۈزىگە بىردەم قارىغاندىن كېيىن، ئوڭ كۆزۈڭ راست! دەيدۇ. گېنىرال چۆچۈپ كېتىدۇ:
    - بۇ نېمە دىگىنىڭ، ئوڭ كۆزۈم يالغان تۇرسا، نېمىشقا مۇنداق دەيسەن؟ دەيدۇ. بالا:
    - چۈنكى ئۇ كۆزۈڭ ئىنساننىڭ كۆزىدەك قارايدىكەن.... دېدى.
 
تەرجىمە قىلغۇچى، مۇزەپپەر



ئۆزئۇيغۇر 2011-09-23 19:19
شۇنداق ئېسىل ئەسەرنى ھىچكىم ئۇقۇماپتۇ دىسە.   تەرجىمىسىمۇ بەك ئېسىل چىقىپتۇ.  ئافېرېن

muslima32 2011-09-24 00:58
رەھمەت قېرىندىشىم ناھايتى تەسەرلىك ياخشى ئەسەركەن ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،

ئويغاق 2011-10-07 17:12
ھەجەپ ياخشى ئەسەركەن


查看完整版本: [-- ئىنسانلىق دەرسى... (تەرجىمە ئەسەر) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.054100 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us