查看完整版本: [-- ئۆمچۈك تورىچىلىك ياخشىلىق (تەرجىمە ئەسەر) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ھىكايە پوۋىسىتلار -> ئۆمچۈك تورىچىلىك ياخشىلىق (تەرجىمە ئەسەر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

muzepper 2011-09-15 05:08
 
                                          ئۆمچۈك تورىچىلىك ياخشىلىق
                                                 (تەرجىمە ئەسەر)

                                              
   
     بىر كۈنى دۇنيادا پۈتۈن ھاياتىنى ئەسكىلىك ۋە جىنايەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر ئادەم ئۆلدى. ئۇ ئادەم ئۇدۇل دوۋزاققا ئېۋەتىلدى. ئادەم دوۋزاققا كىرىدىغان ۋاقىتتا دوۋزاقنىڭ ئىشىگىنى باقىدىغان مالائىكە ئۇ ئادەمگە شۇنداق دېدى:
    - ئەگەر سەن دوۋزاققا كىرمەيمەن دىسەڭ، ھاياتىڭدا قىلغان بىر تال بولسىمۇ ياخشىلىغىڭ بولسا ئېيتقىن يېتەرلىك بولىدۇ، ياخشى ئويلان دېدى.
    ئۇ ئادەم ناھايىتى ئۇزۇن ئويلاندى ۋە ئاخىرى قىلغان ياخشىلىغىنى ئەسلىيەلىدى.
    - بىر قېتىم ئورمانلىقتا كېتىۋاتقان ئىدى يولدا بىر ئۆمچۈكنى كۆردى ۋە ئۇ ئۆمچۈكنى دەسسىۋالماسلىق ئۈچۈن يولىنى ئۆزگەرتكەن ئىدى.
    ئۇ ئادەم ھاياجان بىلەن بۇ ئەھۋالنى ئېيتىپ بەردى.
    مالائىكە كۆلۈمسىردى ۋە ئۇ ئادەمگە بىر ئۆمچۈك تورىنى چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇ ئادەم بۇ ئۆمۈچۈك تورىغا ئېسىلىپ چىقىپ چەننەتكە كىرالايتى. ئادەم ئۆمچۈك تورىغا ئېسىلىپ يوقۇرى چىقىۋاتقىنىدا دوۋزاققا مەھكۇم بولغانلاردىن بىرقانچىسى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جەننەتكە كىرىۋېلىش ئۈچۈن ئۇ ئۆمچۈك تورىغا ئېسىلىپ يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى.
    ئۇ ئادەم ئارقىسىغا قاراپ ئۇ كىشىلەرنى كۆردى ۋە ئۆمچۈك تورىنىڭ ھەممىسىنى كۆتىرەلمەي ئۈزۈلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ ئۇلارنى ئىشتىپ چۈشۈرۈۋەتمەكچى بولدى. دەل شۇ ۋاقىتتا دىگەندەكلا ئۇ ئۆمچۈك تورى ئۈزۈلۈپ كەتتى- دە باشقىلار بىلەن بىللە ئۇ ئادەممۇ بىرلىكتە دوۋزاققا چۈشۈپ كەتتى.
    "ئىسىت" دېدى مالائىكە.
    ئۇ ئادەمنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ھاياتىدا قىلغان بىردىن- بىر ياخشى  ئىشىنىمۇ يامان ئىشقا ئايلاندۇرىۋەتتى. ئۇ ئىنسانلارغا شەپقەت قىلالىغان بولسا ئىدى، ئۆمۈچۈك تورىنىڭ ھەممە كىشىنى كۆتۈرەلەيدىغانلىغىنى كۈرالايتى.
   
   تەرجىمە قىلغۇچى، مۇزەپپەر
http://www.sevgiplatformu.com/hikayeler.htm#İçimdekileri_Söyletme!_(Mutlaka_Okuyun)

general 2011-09-15 22:46
كىچىككىنە سەۋەنلىكىمىز ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەپ قېلىشىمىز مۈمكىن.
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت،مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەر بىلەن كۆپرەك تەمىنلەپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز.

ئويغاق 2011-10-07 17:09
نىمە دىگەن ياخشى ئەسەر مەزمۇنى قىسقا بولغان بىلەن

zamandax 2011-10-15 15:21
ھەقىقەتەن ئويلىنىش.مۇلاھىزە قىلىش قىممىتى بار ئەسەر ئىكەن.
ھازىر جەمىيئەتتە كىشىلەر ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى ئويلايدىغان بوپكەتتى.


查看完整版本: [-- ئۆمچۈك تورىچىلىك ياخشىلىق (تەرجىمە ئەسەر) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.098815 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us