查看完整版本: [-- ئۇزىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ(ھ) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> ئۇزىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ(ھ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2010-07-28 17:00
             ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

تۇۋەندىكى مەن يازماقچى بولغان بۇ تىما  تۇرمۇشىمىزدا ناھايتى كۆپ يۇلۇقىدىغان ھەم كۆپ ئويلۇنۇشقا  ،باشقىلاردىن ئۇرۇنسىز گۇمانلىنىشقا،ھەسەد قىلىشقا سەۋەپ بۇلىدىغان ئىشلاردۇر. شۇڭا بۇ تىمىنى يېزىشتىن مەخسەت سىزنىڭ قىلىدىغانلىقىڭىزنى ھەم قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇزىڭىزگە كۆرسۈتۈپ ئۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر.

مۇختەر بىلەن ئەممار ئىككسى   بىر مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان ياخشى دوسلاردىن ئىدى. ئۇلار دەرىستىمۇ ئوخشاشلا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇقۇغۇچىلار قاتارىدىن ئىدى.
ئۇلار ئالى مەكتەپكىمۇ بىللە ئۆتتى . بىر كەسىپتىن ئىنتاھان بەردى. ئۇنتاھاندىن ئۇڭۇشلۇق ئۆتتى.

بىر شىركەتكە خىزمەتكە چۇشتى.
ئاردىن 2يىل ئۆتتى ئەممار مۇئاۋىن دىرىكتورلۇققا ئۆستۇرۇلدى. مۇختەر بولسا يەنە بۇرۇنقى خىزمىتىدە قېلىۋەردى 2يىل ئىچىدە ھېچقاندق ئىلگىرلەش كۈرۈلمىدى.
ئۇ ئەممارنىڭ مۇئاۋىن دىرىكتور بۇلۇپ ئۆستۇرۇلگەنلىكىگە ھەيران قالاتتى. چۇنكى ئەزەلدىن ئىككىلىسىنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقاتتى. خىزمىتىمۇ ئوخشاشلا ئىدى . بۇگۇن ئۇنىڭ ئۆستۇرۇلگەنلىكى مۇختەرنىڭ كۆڭلىدە <ئەجابا ئەممار دىرىكتورنىڭ ئىشەنچىسىگە قانداق ئىرىشكەندۇ. قانداق قىلىپ مۇئاۋىن دىرىكتورلۇق ئۇنىڭغا كەپ قالدى؟ مەنمۇ ئۇنىڭدىن ھەرقانداق جەھەتتە  كەم ئەمەس ئىدىمغۇ؟ ئەجابا ئۇ پارا بەرگەنمىدۇ؟ ياكى....> مانا مۇشۇنداق خىياللار ئۇنىڭ كاللىسىدا نامايىش قىلاتتى.
شۇڭا ئۇ بۇ خىياللىرىنى باش دىرىكتورغا يۇز تۇرانە دىيىش قارارىغا كەلدى.

باش دىرىكتورنىڭ ئىشخانىسىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا كۆڭلىدىكى گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى قويماي تۈكۋەتتى.
دىرىكتور ھېچقانداق گەپ قىلماي ئۇنى بىر ئىشخانىغا بېرىپ تۇرۇشنى ئېيتتى. ۋە يەنە سادىر بىلەن ئەختەمنىمۇ ئۇ ئىشخانىغا بېرىشنى جىكىلەپ قويدى.
باشلىق ئىشخانىغا كىردى ۋە مۇختەرگە <بازارغا قاراپ بېقىڭ نىمە كىرىپتۇ> دىدى. مۇختەر بازاردىن كىلىپلا
-بازارغا بىر ھارۋا سەۋزە كەپتۇ دىدى.
دىرىكتور-ئۇنىڭ باھاسى قانچە پۇل ئىكەن
مۇختەر- ئاپلا... سورىماپتىمەن . مەن بېرىپلا كىلەي دەپ يۇگۇرۇپ بازارغا كەتتى. ۋە بىردەمدىلە كەلدى
______ بىر كىلوسى 1.5 يۇۋەن ئىكەن

___ پارنىكتا بولغان مىكەن ياكى ئاق يەردىمۇ

______  ئەستا.... سۇراپ كىلەي.....

---- ئاق يەردە بولغىنى ئىكەن
_______توپ باھاسى قانچە پۇل ئىكەن؟

_______ ئەستا..............  بېرىپلا  كىلەي

_________  1.2يۇەن دىن بىرىدىكەن.

________ سورتى قانداقكەن؟
_________ ئەستا........... بېرىپ كىلەي

________  بولدى . بارماڭ . ئولتۇرۇڭ دەپ بىر ئۇرۇندۇقنى كۆرسۇتۇپتۇ. ئۇ ئولتۇرۇپتۇ.
دىرىكتور ئەممارغا تېلپۇن قىلىپ <دەرھال ئىشخانغا كىلىڭ> دەپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئەممار يىتىپ كەپتۇ.

دىرىكتور ئۇنىڭغا مۇختەرگە دىگەندەكلا <سىز بازارغا قاراپ كىلىڭ نىمىلەر كىرىپتۇ > دىدى. ئەممار كەتتى.

ۋە ئازراق ۋاقىتتىن كىيىن< ھازىر بازارغابىر ھارۋا سەۋزە كىرىپتۇ. ئۇ ھارۋىدا 8خالتا سەۋزە بار ئىكەن. ھەر خالتىسى 20 كىلودىن كىلىدىكەن.ئۇ رەڭگى قىزغۇچ سېرىق بولغان ئىنچىكىرەك ئۇزۇن بۇلىدىغان يىڭى سورتلۇق سەۋزە ئىكەن. ھازىرقى بازار باھاسى 1.5يۇەن ئىكەن. توپ باھاسى 1.2يۇەن بىرىدىكەن. دېھقان ئاكا ئۇنى تېخى ھازىرلا ئاق يەردىن قېزىپ ئەكەلگەنلىكىنى ئېيتتى. مانا بۇ بىر كىلو سەۋزىنى سىزنى كۈرۈپ باقسۇن دەپ ئېلىپ كەلدىم> دەپ دىرىكتورغا ئۇزىتىپتۇ.
دىرىكتور مۇختەرگە مەنىلىك قاراپتۇ مۇختەر شۇئان ئۇزىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تۇنۇپ يىتىپتۇ ۋە تۇزىتىشكە بەل باغلاپتۇ.






ata~kal 2010-07-29 10:20
بۇ بولىدىغان تىمىكەن .................... ھەممە ئادەمنىڭ بىرقانچىلىغان يىتەرسىكلىكلىرى بولىدۇ .....

ibrayim 2011-07-15 15:59
قېرىندىشىمىز ھەمزە ئەزەلدىن ياخشى تىمىلارنى يوللاپ كەلگەنىكەن. بۇ مەن مۇنبەرگە كىرىشتىن بۇرۇن يوللىغان تىمىكەن

بالام 2011-11-09 04:02
مەنىدىغۇ تولا گەپ

muzepper 2011-11-09 04:31
مەزمۇنى بەك ياخشى تېما ئىكەن. ئەگەر مەن بولغان بولسام ئۇ سەۋزىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ يېرىمىنى بىلىپ كېلىدىكەنمەن.
ئاللاھ تەئەلا ھەمزە قېرىندىشىمىزنىڭ بىلىپ- بىلمەي ئۆتكۈزگەن چوڭ- كىچىك گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغاي، ياتقان جايىنى جەننەت قىلىپ بەرگەي. ئامىن.


查看完整版本: [-- ئۇزىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ(ھ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.057158 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us