查看完整版本: [-- «بىر يۈەن پۇتبول كۇلۇبى »قۇرايلى (گېنېرال) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى -> «بىر يۈەن پۇتبول كۇلۇبى »قۇرايلى (گېنېرال) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

general 2011-09-12 19:22

مەن « پۇل يوقمىش » ناملىق تېما ئاستىدىكى ئىنكاسلارنى ئارىلاۋېتىپ «بىر يۈەن پىلانى» دېگەن ئاتالغۇنى كۆرۈپ ، ئىختىيارسىز ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. ئويلاپ باقسام بۇ ناھايىتى بولىدىغان پىلانكەن،ھەم ئاددىي ھەم قىلغىلى بولىدىكەن . شۇڭا مەن دەرھال بۇنىڭغا ئىنكاس يېزىپ يوللىۋەتتىم . لېكىن ھېچكىم بۇ ھەقتە جاۋاپ قايتۇرمىدى. بەلكىم كۆپلىگەن مۇنبەرداشلار بۇنى بايقىمىغان بولۇشى مۈمكىن ، دەپمۇ ئويلىدىم .شۇڭا دېمەكچى بولغىنىمنى تېما ئارقىلىق يوللاپ بېقىش قارارىغا كېلىپ بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
    مەن «بىر يۈەن پىلانى»غا يانداپ «بىر يۈەن پۇتبول كۇلۇبى »نى سىلەرگە تەۋسىيە قىلماقچىمەن. بۇنى تەۋسىيە قىلىشىمدىكى مەقسەت شۇكى ، بىز ئەمدى باشقىلارنىڭ كېلىپ بىزگە پۇتبول كۇلۇبىدىن بىرنى قۇرۇپ بېرىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرساق بولمايدۇ. بىرەر شىركەتنىڭ چىقىپ دەرھال بىزگە پۇل چىقىرىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرساق، ئۇ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىققۇچە دۇنيا تەرەققىي قىلىپ نەگە كېتىدۇ ؟ بىز نەدە قالىمىز ؟ ئەمدى باشقىلاردىن رەنجىپ ، باشقىلارنىڭ بىزنى يۆلىمىگىنىگە ، بىزنى قەدىرلىمىگىنىگە رەنجىپ ، ئاھ ئۇرۇپ ئولتۇرىدىغانغا ۋاقىت قالمىدى. بىز ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ بۇ قاتماللىقلارنى ئوڭشايلى. بىزنىڭ خەلقىمىز پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان خەلق. بىز پۇتبولنى پۇل ئۈچۈن ئەمەس، پۇتبولغا بولغان چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتىمىز بىلەن، چوڭقۇر ئىشتىياقىمىز بىلەن تېپىمىز . مانا بۇنىڭ ئۆزى بىزدىكى تاغدەك بايلىق ئەمەسمۇ ؟ بىز نېمىشقا مۇشۇ بايلىقنى ئاچمايمىز ؟ نېمىشقا مۇشۇ بايلىق مەنبەسىدىن پايدىلانمايمىز ؟قىيىنچىلىق ئالدىدا دولىسىنى چىقىرىپ ئامالسىزلىقىنى بىلدۈرۈپ قاراپ تۇرغان مىللەت تەرەققىي قىلالمايدۇ، بەلكى قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلار ئىچىدىن يول تېپىپ ئىلگىرىلىيەلىگەن مىللەت دۇنياغا ھەقىقىي ئۆزىنى تونۇتالايدۇ. ئەجىبا بىزدە بۇ خىل ئىقتىدار يوقمۇ ؟ بىزدە پۇتبولغا نىسبەتەن ئېتىقاد ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولدى. فىرانسىيىلىك بىر ئەدىپ:«بىز ئېتىقادقا تايانساق قوش قورالغا ئىگە بولغان بولىمىز »دېگەن. بىز ئېتىقاد ئارىسىدا ياشاۋېتىپمۇ  ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمامدۇق ؟ ئەلۋەتتە پايدىلىنالايمىز .
   ئەلۋەتتە مۇنبەرداشلارنىڭ مۇنبەر تەرەققىياتىغا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا كىشىنىڭ ئاپىرىن ئوقۇغۇسى كېلىدۇ . بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىزدىكى پۇتبول تۇنۇشى ۋە قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئېشىپ بارماقتا. لېكىن...يەنىلا بىر نەرسە كەم.ئۇ بولسىمۇ ئەمەلىي ئىش . دىلشات پۇتبول تېپىپ پۈتۈن شىنجاڭنى ئايلىنىپ شىنجاڭنى تەۋرەتتى ، بىزنىڭ يۈرىكىمىزنىمۇ تەۋرەتتى. بۇ بىر ئەمەلىي ئىش. دىلشاتنىڭ ھەقىقى مەقسىدى نېمە ؟ ئۇ بىزدە مۇھەببەت ئويغاتماقچى ، شۇنداقلا بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدىكى غەپلەت تۇمانلىرىنى تارقىتىپ ، بىزنى ئەمەلىي ئىش قىلىڭلار ، دېمەكچى. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھېرىپ چارچاشتىن قورقماي ، پۈتۈن شىنجاڭنى ئايلىنىپ ،زور بەدەللەرنى تۆلىدى. بىز ئەجىبا ئۇ مەنزىلگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى ئالقىشلاپ ، مەدھىيە ئوقۇپ قويغاندىن كېيىنلا ،ئىشنىڭ ھەممىسى تۈگىدى، دەپ جىم يېتىۋالساق، ئۇنىڭ تۆلىگەن بەدىلى نېمىگە ھېساپ بولۇپ قالىدۇ؟ ئويلاپ بېقىڭ، تارىختا قايسى بىر پۇتبولچى پىيادە پۇتبول تېپىپ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك سەپەر ئېلىپ بارغان؟بىزنىڭ ئوغلانلىرىمىز باشقىلار قىلالمىغان ئىشلارنى قىلالايدىكەنغۇ ؟ بۇ شۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇكى ، بىزدىكى پۇتبول روھى پۇتبول ھەرىكىتى تەرەققى قىلغان ئەللەردىكى پۇتبۇل روھىدىن يۇقۇرى تۇرسا تۇرىدۇكى،ھەرگىز تۆۋەن تۇرمايدۇ. بىزدە پەقەت بەلگىلىك مۇھىت ئاسارىتىگە چۈشۈپ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۆزىمىزنى ئىپادىلىيەلمەي قېلىش ئەھۋالىلا مەۋجۇت.لېكىن بۇ بىزنى ئامالسىز قالغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز ئەتىكى ئۈمىدنى كۆرۈپ ياشىشىمىز كېرەك .فىرانسىيە يازغۇچىسى ئالېكساندىر دىيۇما شۇنداق دېگەن: «ئۈمىدسىز ئادەملەر ھەممە نەرسىگە ماتەم پەردىسىنىڭ كەينىدىن قارايدۇ!».
    خوش مۇنبەرداشلار ، گەپنى قىسقا قىلىپ ئەسلى مەقسەتكە كۆچەيلى. مەن «بىريۈەن كۇلۇبى»ھەققىدە سىلەرگە تەكلىپ سۇنماقچىمەن. «بىر يۈەن» -ئۇ يالغۇز تۇرسا ھېچ قانچە كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدۇ، ئەمما ئۇ توپلانسا بىزنى قانچىلىك زۆرۈر ئېقتىسادىي شارائىت ، مەبلەغ شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ .بىز ئالدى بىلەن « بىر يۈەن»فۇندى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىقايلى ، جەمئىيەت ئەزالىرى ئۇيغۇر پۇتبولى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ، پىكىرى ئوچۇق پىدائىي ئەزىمەتلەردىن تەشكىل تاپسۇن.جەمىيەت كېڭىشىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى چىقىش قىلىپ«بىر يۈەن پىلانى»نى تۈزۈپ چىقسۇن، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا « بىر يۈەن»تارماق فۇندى جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇپ بىر يۈەندىن ئىئانە يىغىش پائالىيىتى ئېلىپ بارسۇن، بۇنى ھەر قايسى جايلاردىكى پۇتبول پىدائىيلىرى ئۈستىگە ئالسۇن،ئىئانە چېكى ئەڭ تۆۋە بولغاندا بىر يۈەن قىلىپ بېكىتىلىپ ، يۇقۇرىسىغا چەك قويۇلمىسىمۇ بولىدۇ.ھەر ئايدا بىرنۆۋەت ياكى بىرنەچچە نۆۋەت ئىئانە يىغىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.بۇ ئارقىلىق ھەممە كىشىنىڭ ئىئانە بېرىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئىئانىدىن يىغىلغان پۇلغا شىركەت قۇرايلى ، شىركەت نامى «بىر يۈەن شېركىتى » بولسۇن. شېركەت خۇسۇسىينىڭ ئەمەس ، بەلكى خەلق ئاممىسىنىڭ شېركىتى بولىدۇ. شېركەتنىڭ پايدىسىغا «بىر يۈەن پۇتبول كۇلۇبى
»قۇرايلى.ئېنىقكى بۇ پۇتبول كۇلۇبىمۇ كەڭ ئۇيغۇر خەلق ئاممىسىنىڭ پۇتبول كۇلۇبى بولىدۇ. «بىر يۈەن پۇتبول مەكتىۋى » ئاچايلى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پۇتبول مەكتىۋى بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، خەلقنىڭ شېركىتى تەرەققى قىلسا قىلىدۇكى ، ھەرگىز ۋەيران بولمايدۇ. بۇ چاغدا چەتئەلدىن ياخشى تېرىنىرلارنى كىرگۈزەلەيمىز، ياخشى توپچىلارنى كىرگۈزەلەيمىز ، ئۇلارغا ئەگىشىپ بىزنىڭمۇ پۇتبول سەۋىيىمىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلىدۇ. بىزنىڭ توپچىىرىمىزمۇ خۇددى چوڭ كۇلۇپلاردا توپ تېپىۋاتقان توپچىلاردەك مۇئاش ئېلىپ تېپىدىغان كەسپىي پۇتبولچىلارغا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا يول ئېچىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا ، بىز تېز ئارىلىقتا جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە كىرەلەيدۇ،ھەتتا ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۈزۈپ چىقىپ كېتەلىشىمۇ مۇمكىن ، ھەتتا..ھەتتا ...خەلقئارادا نام قازىنىشىمۇ مۇمكىن ... ئۇ چاغدا باشقىلار :« بۇ قايسى كۇلۇپكەن؟» دەپ سوراپ قالسا :«بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان‹بىر يۈەن پۇتبول كۇلۇبى› ئىكەن» دېگەن جاۋاپنى ئاڭلىسا قانداق تەسىراتتا بولار ؟ تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭلەرچۇ ؟....ئەپسۇس،تولىمۇ ئەپسۇس ...بۇ بىر تاتلىق ئارزۇدىن ئىبارەت.
   لېكىن ئويلاپ بېقىڭ ، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشساقلا ، بۇ ئارزۇنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشىدا ئۈمىد زور. قېنى قايسىڭلار «بىريۈەن پۇتبول كۇلۇبى»غا ئەزا بولۇشنى خالايسىلەر ؟ قېنى كىم پىدائىي بولۇپ بۇ جەمىيەتنى قۇرۇپ چىقىدۇ؟ كىم قاتنىشىشقا تىزىملىتىدۇ ؟ كىم دەسلەپكى بىر يۈەننى تاشلىيالايدۇ ؟!!!! 

ئەسكەرتىش:
(بۇ يازمىنى باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ)
(بۇرادىرىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يوللىدىم)

تاھىربەگ 2011-09-12 19:26
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم خەت شەكلىنى تەڭشەپ قويۇڭ گېنىرالىم ، بەك كىچىك

xahruh 2011-09-12 19:28
ئۆزىڭىز قۇرۇۋېلىڭ ،،،،بىر يۈەنمۇ پۇل ھازىر .......تاپماق تەس ،،،،،

ohho~duqu 2011-09-12 19:51
تېما ئىگىسىنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمىسەك دىگەن ئۈمۈتتىمەن

general 2011-09-12 23:15
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى xahruh نىڭ 2011-09-12 19:28 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۆزىڭىز قۇرۇۋېلىڭ ،،،،بىر يۈەنمۇ پۇل ھازىر .......تاپماق تەس ،،،،،

سىلىنى چىللىمىدۇق،شاھرۇھخان...

arkaturuk 2011-09-12 23:22
مەن قوللايمەن  

ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىغا بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشسامكەن دەپ ئويلايمەن

بۇ مۇ ئۇيغۇر لارنى دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ توغۇرا ئۇسۇلى  

arkaturuk 2011-09-12 23:31
ئاللا نىسىپ قىلسا  بۇ ئارزۇلىرىمىزمۇ رىياللىققا ئايلىنىپ قالار  .

قولىمىزدا توپىمىز بار  لىكىن مەيدانىمىز يوق  .
بىزمۇ تىرىشساق  ئارىمىزدىن دۇنياغا داڭلىق پۇتبۇلچىلار چىقاتتى   ،لىكىن بىزلەرگە  ھۆكىمىتىمىز بۇنداق شارايىتنى يارىتىپ بەرمەيدىكەن  .
پەقەت پۇتبۇل ھەۋەسكارى بوپ  بۇ نانقىپى بەسەيلەنىڭ   ھەرقىتىم ئۇتتۇرغان ھالىتىگە قاراپ  ئەپسۇسلىنىپ ئولتۇردۇق.

بىزمۇ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئۆزىمىزنى كۆرسىتىدىغان مەيدان ھازىرلىساق بولاتتى

kuwruk 2011-09-13 00:50
تۇغرا دانا پىكىر لىكىن ئەمىللەشتۇرمەك تەس،،،،!!!!!!!!!!!

wijdanim 2011-09-13 02:04
مىللەت ئۇچۇن باش قاتۇرغىنىڭىزغا  باركاللا  تەكلىپىڭىز  بولىدىكەن ئەپسۇس  لىكىن بۇپىلانىڭىز بىلەن بۇئىشلارنى ھۇجۆۇتقاچىقىرىش مۇمكىن ئەمەس نىمەئۇچۇن كىسىپلا بۇنداق دەيسەن دىسىڭىز  مۇشۇھىتنىڭ بىرىنچى كۇنى بىرئىسلامى قىرىندىشىمىزنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى تۇپەيلى ھىتقىلالمىغانلىقىنى ئۇقتۇم ۋەبۇقىرىندىشىمىزغا ياردەم قىلىشقاۋەدە بەردىم مەن ئەسلىدە ئوزوم بەشيۇز يۇئەن چىقارسام دوس بۇرادەرلەردىن بىرمىڭ بەش يۇزيۇئەن يىغىپ ئىككىمىڭ يۇئەننى تەقلەپ بۇقىرىندىشىمىزغا بەرىشنى كوڭلوم گە پۇككەن ئىدىم  ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس ھىتنامىزىدىن يىنىپ چىقىپ يىرىم كۇن قات راپ  يىگىرمىدىن ئارتۇق خىلى پۇلى بايلاردىن ئاران دىگەندە ئوچ يۇزيۇئەن پۇل يىغالدىم سىزگە شۇنىدىمەك چىمەن ھازىربىزنىڭ مىللىتى مىز خەيرى ساخاۋەتكە قىززىق مايدىغان دەك تۇردۇ ،،، بۇپىلاننى رۇياپقاچىقىرىچ ئۇچۇن باشقىچە بىرئامال تاپقىنىمىز تۇزۇك ،،،

oghuzhan 2011-09-13 10:04
كۆڭلىڭىز ياخشى ، بىراق ناھايىتى تەس .
مۇنداق ئىشقا ئالدى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان پۇتبول ئىشلىرىغا پۇل ، مۇھەببىتىنى ئايىمىغان بىرەرسى ( يۈسۈپ ساقالدەك ) مەبلەغ چىقىرىپ بىرەر كولۇبنى قۇرسا ، خالىغانلار بىر سومدىن ھەتتا كۆپرەك بەرسەك بولىدۇ . مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ياكى كولۇب يوق ( تىزىمغا ئېلىنغان بولۇشى كېرەك ) ، يا توپچى ، ۋە نۇرغۇن نەرسىلەر يوق . شۇڭا ھېچكىم ئالدىراپ بىرنېمە دىيەلمەيدۇ .مېنىڭ ئويلىغانلىرىم .  

amanxa 2011-09-13 10:14
مانا مەن قوشۇلىمەن!!!
ئاۋاال قوشۇلۇپ ئازراق ئىختىسا توپلانغاندا، ئاندىن باشقا ئىشلارنى ئويلاشساقمۇ بولىدۇ. بۇ پىلاننى ئوتتۇرغا قويغانلارمۇ ھەرگىز تەييارلىقسىز بىر ئىش قىلايلى دىمەيدىغۇ دەيمەن، ھەممىگە قاخشاپ ئولتۇرغىچە قىلىپ باقمامدۇق؟
سىناپ باقماسلىقنىڭ  ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت!!!

era13 2011-09-13 15:45
مەن قوللايمەن ، بۇ مەيلى قايسى نوقتىدا تۇرۇپ ئويلساقمۇ قىلچە خاتا ئەمەس !


查看完整版本: [-- «بىر يۈەن پۇتبول كۇلۇبى »قۇرايلى (گېنېرال) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.049711 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us