查看完整版本: [-- قايغۇرماڭ ( داۋامى) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> قايغۇرماڭ ( داۋامى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ittisal 2011-09-12 17:28
 ئەتە ئۈچۈن قايغۇرماسلىق
{ئاللاھنىڭ پەرمانى (يەنى قىيامەت)چوقۇم كېلىدۇ،ئۇنىڭغا ئالدىراپ كەتمەڭلار}
تېخى يۈز بەرمىگەن ئۇ ئشلارنى مۇلاھىزە قىلماسلىق.ئەجەبا سىز ھامىلە شەكىللەنمەستىن بۇرۇن چۈشۈپ كېتىشنى ،مېۋە پىشىشتىن بۇرۇن ئۈزۈشنى ئويلامسىز؟مەۋجۇد بولمىغان ئەتە يەنىلا ھېچنىمىدۇر،ئەھمىيتىمۇ يوق،نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى چىڭ يېپىشتۇرۇپ ،بەلكىم يۈز بېرىدىغان ئىش ئۈچۈن دەككە دۈككە ئالاقىزادە بولۇپ يۇرىمىز؟بۇ ئىشلار ئېھتىمال يۈز بېرشى ، بەلكىم يۈز بەرمەسلىىكى ،يەنە بەلكىم غەمدىن خۇشاللىققا ئۆزگۈرشى مۇمكىن.مەسلە بولسا بۇ ئىشلار يەنىلا نامەلۇم دۇنيادا، رېئال ھاياتى تۇرمۇشتا كېلىپ چىقمىغان.تۇرمۇشنىڭ قانۇنى بولسا :بىز كۆۋرۈكتىن ئۆتىمىز،كۆۋرۈكنىڭ ئالدىغا بېرشىمىز كېرەك،ئېھتىمال بىز يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن قەدەم توختاپ قېلىشى مۇمكىن ،ئېھتىمال بىز يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن كۆۋرۈك ئاللىبۇرۇن ئۆرۈلگەن بولىشى مۇمكىن،ئېھتىمال بىز يېتىپ بارغاندىن كېيىن خاتىرجەم ئۆتۈپ كېتىشىمىزمۇ مۇمكىن.
 خىيالنىڭ كەلگۈسى دۇنيادا ئەركىن ئۇچۇشغا يول قويۇلۇش ،ئېھتىمال يۈز بېرشى مۇمكن بولغان بارلىق ئىشلار كېلىشتىن بۇرۇن قاتتىق تەشۋشلنىش،بولسا دىندا يامان كۆرۈلدۇ.چۈنكى بۇ ئاقىلانىسىزلىق بىلەن قۇرۇق خىيالغا پېتىپ قېلىش،خۇددى كۆلەڭگە بىلەن ئېلىشقانغا ئوخشاش.نۇرغۇنلىغان ئادەملەر كەلگۈسدە ئاچ-نامرات ،كېسەلىككە كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ،ئەمەلىيەتتە بۇ ئەنسىرەشلەرنىڭ ھەممىسى ئبلىس مەكتىپىنىڭ دەرىسلىك مەزمۇنى.{شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقۇتىدۇ،يامان ئىشلارغا(يەنى بېخىلققا،زاكات بەرمەسلىككە)بۇيرۇيدۇ؛ئاللاھ سىلەرگە ئۆز مەغفىرتىنى ۋە پەزىلىنى ۋەدە قىلىدۇ.}
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كۆز يېشى قىلىشدۇ،چۈنكى ئەتە ئاچ قېلىشىدىن،ۋە ياكى ئەتە كېسەل بولۇپ قېلىشىدىن،ياكى يۈز يىلدىن كېيىن قىيامەتنىڭ كېلىشىدىن.ھېچقانداق كىشى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ھەقىقى ئىگەللىگەن ئەمەس ،شۇڭلاشقا مەۋجۇدسىز ھەركەتنى دوغا تىكمەسلىك كېرەك؛ھېچكىم ئۆزىنىڭ قاچان ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ،شۇڭلاشقا ئەمەلى مەنىسى بولمىغان مەنىسىز خىيال ئىچىگە چۆكمەسلىك كېرەك.
ئەتە كېلىشتىن بۇرۇن ،ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرماسلىق،ئۇنىڭ خەۋىرنى تىڭ تىڭلىماسلىق،ئۇنىڭ كېلىشنى كۈتۈپمۇ ئولتۇرماسلىق،چۈنكى سىزنىڭ بۈگۈن قىلىدىغان ئىشلىرىڭىز بار.
كىشى ھەقىقەتەن چۈشەنگىلى بولمايدىغان مۇنداق بىر قىسىم كىشلەر بولسا :ئەتىنىڭ قۇياشى تېخى كۆتۈرۈلمىگەن،سۈبھى تېخى كۆرۈنمىگەن ،بىراق ئۇلار ئەتنىڭ غەم قايغۇسىنى ئالدىن چىقارغان.
ئىنسانلار! ھەرگىزمۇ كەلگۈسدىكى  قۇرۇق ئازاب – ئوقۇبەتكە پېتىپ قالماڭلار.


خەنزۇ تىلى نەشىردىكى قايغۇرماڭ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى،داۋامى يەنە بار.


查看完整版本: [-- قايغۇرماڭ ( داۋامى) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.046578 second(s),query:2 Gzip enabled

You can contact us