查看完整版本: [-- ئۇيغۇرزادىدىن تورداشلارغا سالام: ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئوتى ۋە چەت ئەل تىلى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> ئۇيغۇرزادىدىن تورداشلارغا سالام: ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئوتى ۋە چەت ئەل تىلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۇيغۇرزادە 2011-09-12 05:55
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كەڭساي مۇنبرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار!
ئىككى-ئۈچ ئاي بۇرۇن بۇ مۇنبەرنىڭ خاسلىقىنى بايقاپ تىزىملاتقان بولساممۇ، ئشىلىرىم ئاۋۇپ كېتىپ مۇنبەرگە ۋاقتىدا كىرەلمىگەن ھەم ھەر قايسىڭلار بىلەن ھال-مۇڭ بولۇش پۇرستىىگە ئېرىشەلمىگەنىدىم. ئەمدى پۇرسىتى كەلگەن ئوخشايدۇ. بۈگۈن كىرىپ مۇنبەردە نادىر تېمىلارنىڭ ۋە ئىلغار پىكىرىلىك تورداشلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ  سۆيۈندۈم . ئەمما، قۇرۇق قول كېلىشىنى خالىماي، دوستلرىمىنىڭ، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ دەۋىتى بىلەن يېقىندا قۇرۇلغان "سەرخۇش بلوگى" دىن ئاممىبابراق بىر تېمىنى ئېلىپ كەلدىم. "ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئوتى ۋە چەت ئەل تىلى" دېگەن بۇ تېما "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" دە ئېلان قىلىنغان "بۇ كۈنلەردە ىرزقىم بار" دېگەن ماقالىىنىڭ بىر بۆلىكى بولۇپ، ئۆزۈمچە بۇ تېمىنى مۇشۇ مۇنبەرگە ماس كەلگۈدەك دەپ قارىدىم
     بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مۇنبەرگە كۈندە كىرەلمىسەممۇ ئارىلاپ كىرىپ، پىكىر قاتناشتۇرۇپ تۇرىمەن، يېڭى تېما يوللايمەن ھەم خالايدىغان تورداشلارنى "سەرخۇش بلوگى" غا كىرىپ زىيارەت قىلىپ چىقىپ كېتىشىكە تەكلىپ قىلىمەن. ئۇلىنىشى:http://serhush.com
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوتى ۋە چەت ئەل تىلى 
 ۋاڭ مېڭ ئۆزىنىڭ «مەن ۋە ئۇيغۇرتىلى» دېگەن ماقالىسىدە : «مەن ئۇيغۇر تىلى بىلگىنىم ئۈچۈن قاتتىق پەخىرلىنەتتىم . ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىدىغان ھەر قانداق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمايىتتىم . ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش داۋامىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى ، يېڭى بىر تىل ئادەمگە يېڭى بىر جۈپ كۆز ، يېڭى بىر جۈپ قۇلاق ، يېڭى بىر مېڭە ، يېڭى بىر قەلب ئاتا قىلىدىكەن» دەپ يازىدۇ . بۇ باياندا تىل ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ، ئۈنۈمى ھەققىدە جايىدا باھا بېرىلگەن . يېڭى بىر تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىشنىڭ ئادەمنىڭ قەلبىدىكى تاقاق بىر دەرۋازىنى ئاچىدىغانلىقى ، تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرىدىغانلىقى ئېنىق . چۈنكى ، يېڭى بىر تىلنى ئۆگىنىش يېڭى بىر خىل تەپەككۇر شەكلىنى ئۆگىنىشتۇر 
          ئەمما ، سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش مەقسىتى ، ئۇسۇلىدا ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مۇنچە مەسىلىلەر بار ئىدى . مەن بۇ مەسىلىلەرنى خېلى بۇرۇن ھېس قىلغان ۋە ئۇنى تۈزىتىشكە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى يېتەر دېگەن مەقسەتتە «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» دەرسلىكىنى باشقىچىرەك مېتودتا تۈزۈشكە تىرىشقان ئىدىم . ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەندىن كېيىن ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە تەبىئىي ھالدا يەنە ئويلىنىشقا مەجبۇر بولدۇم . بۇنىڭغا بىر قانچە ئىش سەۋەب بولدى .
  
       مەن ئامېرىكا شەرق غەرب تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 12 قەۋەتلىك بىناسىنىڭ 12 قەۋىتىدە تۇراتتىم . بىزنىڭ قەۋەتتە ئاز ساندىكى ياۋروپالىق ۋە ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ئاسىيادىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيىتتى . بىر ئاشخانىدا 20 گە يېقىن ئادەم بولغاندىن كېيىن كىرىپ چىقىش ، تاماق ئېتىش داۋامىدا تەبىئىي ھالدا دوستانە پاراڭلار بولۇپ ئۆتەتتى . دەسلەپكى كۈنى بىر ۋىيېتناملىق ئاسپرانتنىڭ يەنە بىر ھىندىستانلىق ئوقوغۇچى بىلەن قىلىشقان پارىڭىنى ئاڭلاپ قالدىم . ئۇلار ئىنگلىز تىلىنى تولىمۇ بۇزۇق تەلەپپۇزدا سۆزلەۋاتاتتى ، بەزىدە مەقسەتلىرىنى بىر بىرىگە ئۇقتۇرالماي تامغا يېزىشقا مەجبۇر بولاتتى . ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزى ئۆلچەملىك بولمىغاچقا ، نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بەكمۇ تەستە ئاڭقىرالىدىم . ئەسلى ئۇلار يېڭى مەۋسۈمدە تاللىماقچى بولغان دەرسلىرى ھەققىدە سۆزلىشىۋاتقان ئىكەن . كېيىنچە مەن خېلى كۆپ ئاسپىرانت ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلىپ ھەيران قالدىم . ئۇلارنىڭ ئوقۇش ، يېزىش ، سۆزلۈك سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقىدا گەپ يوق . بولمىسا ئۇنىۋېرسىتېتقا تاللىنالمايدۇ . لېكىن ، ئۇلار ئۆلچەمسىز تەلەپپۇزدا ئىنگلىزچە سۆزلەشتىن خالىي بولالمايىتتى ، تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىشكىمۇ ئامالسىز ئىدى . مەن ۋەتەندىكى چېغىمدا «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى تەربىيىلەش مەركىزى» ۋە بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا نەچچە قېتىم ئىنگلىزچە لېكسىيە سۆزلىگەن ، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىنگلىزچە ئېغىز تىلى كۇرسلىرىنى ئاچقان ، چەت ئەللىك يوق شارائىتتا تامغا ، ئەينەككە قاراپ سۆزلەش ، ئۆز ئاۋازىمنى ئۈنئالغۇغا ئېلىش ئارقىلىق ئېغىز تىلى قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرگەنىدىم . ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇ تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ پايدىسىنى كۆردۈم ، ئۆزۈمنى ئىپادىلەش جەھەتتە ئەۋزەللىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتىم . ۋىيېتناملىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىلى ئىنگلىزچىگە تەستە كېلەتتى ، بەزىدە ئۇلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئۇققىلى بولمايىتتى . تايلاندلىق ، فىلىپپىنلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆز دۆلىتىدە ئىنگلىز تىلى ئىككىنچى ھۆكۈمەت تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەچكىمۇ ، ئىنگلىز تىلىنى نىسبەتەن راۋان سۆزلەيتتى . ھىندىستانلىق ، پاكىستانلىق ئوقۇغۇچىلار راۋان سۆزلىگەندەك قىلغان بىلەن ، گېپىدە ئۆز ئانا تىللىرىنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك ئىدى .


          بىر كۈنى ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ماگستېرلىقنى تۈگىتىپ ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى باشلىغان جۇڭگولۇق ئوقوغۇچى جاڭ خاۋ مەن بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ مۇنداق دېدى :
- سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشتە ھەقىقەتەن ئارتۇقچىلىقىڭلار بار . مەن ۋەتەندىكى ۋاقتىمدىمۇ ئىنگلىز تىلىنى ياخشى سۆزلەيدىغان بىر نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىلەن ياخشى ئۆتەتتىم .
      جاڭ خاۋ دەۋاتقان بۇ گەپنى مەن ئۈرۈمچىدە تۇرغان ۋاقتىمدا بىر قىسىم خەنزۇ بۇرادەرلەردىن، چەت ئەللىكلەردىن ئاڭلىغان . بۇ گەپنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئاساسى بار ئىدى . ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىلى ئەۋرىشىم ، يېپىشقاق بولغاچقىمۇ ، ئەيتاۋۇر ئىنگلىز تىلىنىڭ تەلەپپۇزىغا ئوڭايلا ئاغزى كېلەتتى . ياپونىيىلىك ، كورىيىلىكلەرگە تەلەپپۇز قىلىش تەس كېلىدىغان گېرمان تىلىدىكى «ئۆ ، ئۈ» ، ئەرەب تىلىدىكى «ق» ، رۇس تىلىدىكى «ژ» ، فرانسۇز تىلىدىكى «غ» تاۋۇشى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھېچگەپ ئەمەس ئىدى . ئەمما بۇ بىر خىل ھېسسىي كۆزىتىش . ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپپۇزى ئىتتىك چىققىنى بىلەن ئىزچىللىقى ، چىدامچانلىقى ۋە يۈكسەك غايىسى كەم . تېز قىزىپ تېز سوۋۇيدۇ . ھەر خىل مەقسەتلەردە ۋە باشقىلارنى دوراپ كۇرسقا قاتنىشىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس . ئەمەلىيەتتە ، ئېنىق مەقسەت ، سىجىللىق ، جەڭگىۋارلىقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلمىغان ھەر قانداق ئوقۇغۇچىنىڭ تىل ئۆگىنىشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . بۇنىڭ بىلەن مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەتلىك چۈشكۈنلۈك ، ئىنگلىز تىلىدىن سوۋۇش ، قورقۇش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ

.
        چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا ئىككى قۇتۇپقا چىقىپ كېتىش ئەھۋالى مەۋجۇت . يەنى ، بىرىنچى قۇتۇپتىكىلەر خېلى جىق ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپمۇ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنەلمەي چېكىنگەنلەر . بۇنداقلار خېلى ئۇزاق ھەپىلىشىپمۇ بىرەر ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەي بۇ تىلدىن سوۋۇپ كېتىدۇ ۋە كېيىنچە تىل ئۆگىنىشكە قىزىقماسلا بولىدۇ ، ھەتتا بەزىلەرنىڭ سوۋۇشى ئۇلارنىڭ باشقا جەھەتتىكى ئىنتىلىشلىرىگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى ، مىجەزىدىكى تۇتامسىزلىققا ، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن . بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش . بەلكىم ئۆگىنەلمىگەنلەر نېمە ئۈچۈن ئۆگىنەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ، تىل ئۆگىنىشتىكى غايە ، ئۇسۇل ۋە جەريان مەسىلىلىرى ھەققىدە ئويلانغان بولسا ، بۇنداقمۇ نەتىجە كېلىپ چىقماس بولغىيدى . ئىككىنچى قۇتۇپتىكىلەر دەل بۇلارنىڭ ئەكسىچە . ئىنگلىز تىلىغا خېلى تىلى كېلىپ قالغان ، مەلۇم سەۋىيىگە يەتكەنلەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ . بۇنداق ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش ھېسسىياتى بەكمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ . ھەتتا ئىنگلىز تىلىنى سۆزلىيەلىگىنى ئۈچۈن ئۆزىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايدۇ ، ھاكاۋۇرلىشىدۇ ، خەلقئارالىق تىلنى بىلگەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان ھاياجان ئۇلارنى ئۇزۇنغىچە پەپىلەيدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ئۇزۇن داۋاملاشقان بۇنداق ھاياجان بىر خىل بىنورماللىقنىڭ ئىپادىسى . ئۇ ھالدا تەبىئىي ھالدا «ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئاخىرقى مەقسەتمۇ ؟ ئىنگلىز تىلىنى بىلىش ھەممىگە باراۋەرمۇ ؟» دېگەن سۇئال تۇغۇلىدۇ .
               توغرا ، ئىنگلىز تىلىنى ياخشى سۆزلەش جەلپكار ئىش ، ئەمما ھەممىگە باراۋەر ئەمەس . ئىنگلىز تىلى -  نىشانغا يېتىش داۋامىدا بېسىپ ئۆتىدىغان بىر كۆۋرۈك ، ئەمما ئاخىرقى نىشان ئەمەس ، ئاخىرقى توچكىمۇ ئەمەس . ئىنگلىز تىلىنى قورال قىلىپ تۇرۇپ قىلىدىغان ئىشلار بەكمۇ جىق . ئىنگلىز تىلىنى سۆزلىۋالغىنى ئۈچۈن پەخىرلىنىپ يۈرگەنلەر بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى ئۈستىدە چوڭقۇرراق ئويلانغان بولسا ، بەلكىم قاڭقىيدىغان يېڭىچە بىر نىشاننى تېپىشىغا ياردىمى بولغان بولاتتى . 2002
يىلى مەن « ۋىسال » تېز تاماقخانىسىدىكى ئىنگلىز تىلى ئەنجۈمەنلىرىگە خېلى كۆپ بارغانىدىم . كېيىنچە پەقەت بارماس بولدۇم . سەۋەبى ، بۇ يەردىكى بەزى ناتوغرا كەيپىياتتىن ئىچىم پۇشقانىدى . ئىنگلىز تىلىنى ياخشى سۆزلەيمەن دەپ ئويلايدىغانلار ئۆزىنى كۆرسىتىشكە بەك كۈچەيىتتى . ئاددىي تېمىلاردا ھەر قېتىم سۆزلىشىشكە رازى ئىدىكى ، مۇلاھىزە قىلىدىغان چوڭقۇرراق تېما چىقىپ قالسا ، دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالاتتى . ھەر قېتىم بارغىنىمدا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىم ، ئىنگلىز تىلىنى قانداق ئۆگەنگەنلىكىم ھەققىدىكى ئوخشاش سۇئالغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولاتتىم . ئەھمىيەتلىك تېمىلاردا مۇنازىرە قىلىشنى خالايدىغان يۇقىرى سەۋىيىلىك سۆھبەتداشلارنى تاپماق بەكمۇ مۈشكۈل ئىش ئىدى . مانا ، مېنىڭ ئاشۇنداق ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىش سورۇنلىرىغا بارمىغىنىمغا ھەش پەش دېگۈچە بەش يىل بولۇپ قاپتۇ . بەلكىم ھازىر «ۋىسال تېز تاماقخانىسى» دا بولىدىغان پاراڭنىڭ شەكلى ۋە مۇددىئاسىدا ، كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولغاندۇ . ناۋادا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىش سورۇنلىرىغا بېرىش پەقەت يېڭى چىرايلار بىلەن تونۇشۇش ، بىر قەپەس ئۆزىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا ، ئۇنداقتا بۇ خاھىش ئادەمنىڭ سۈزۈك قەلبىگە چۈشكەن مىتە ، ۋاقىت ۋە زېھىنغا چۈشكەن قۇرت .
       ياشلىرىمىزنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشى ھەققىدە ئويلىنىشىمغا سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىلمۇ بار . مەن ۋەتەندىكى چېغىمدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن» ، «ئىز» قاتارلىق رومانلىرى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپتۇ ، دەپ ئاڭلىغانىدىم . ۋەتەندە بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچىسىنى تاپالمىغاندىن كېيىن ، ھاۋايغا كېلىپ كىتابخانىدىن ، كۇتۇپخانىدىن ، گۇگۇل ، ئامازۇن قاتارلىق خەلقئارالىق تور كىتابخانىلىرىدىن دېرىكىنى قىلدىم . ئەمما ھېچقانداق نەتىجە بولمىدى . بەلكىم مەن ئاڭلىغان ئۇچۇر ئەينەن بولماسلىقى ، ياكى تەرجىمە قىلىنغان بولسا مەن تاپالمايۋاتقان بولۇشۇم مۇمكىن ئىدى . بۇ ئۇرۇنۇش داۋامىدا يېڭى بىر نۇقتىنى ھېس قىلدىم . ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر تېخى خەلقئارادا تونۇشتۇرۇلمىغان ھالەتتە ئىكەن . بىزدە تەرجىمە قىلىشقا تېگىشلىك ، چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالايدىغان رومان ، شېئىر ۋە ماقالىلەردىن ئازراق بولسىمۇ بار . ئەمما ئۇنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلالايدىغان تەرجىمانلار يوق . چەت ئەلدە ماگىستىرلىق ، دوكتورلۇقنى ئىنگلىز تىلىدا ئوقۇش ئەسەر تەرجىمە قىلالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تېخى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغان تەقدىردىمۇ ، ئۇ تەرجىمە كىتابلارنى نەشر قىلىشنى خالايدىغان نەشر سودىگەرلىرىنى تېپىش بەسى مۈشكۈل . بۇ ئەھۋالدا مۇنداق ئاچچىق بىر رېئاللىق ئۆزلۈكىدىن ئايان بولىدۇ : بىر  مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى بىلەن ئوڭ تاناسىپ . ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىمۇ بىچارىلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ . ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئارىسىدا ئۆزىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىشنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە ئويلانغانلار باردۇر . ئەمما بۇ ھەقتە قاتتىق مېھنەت قىلىۋاتقان ياكى بىرەر ئەمگەكنى روياپقا چىقارغانلارنى بىز تېخى ئۇچراتمىدۇق . چۈنكى، چەت ئەلدە يېزىقچىلىق قىلىش بەكمۇ تەس ئىش. ئوڭاي ئىشقا كۆنۈپ كەتكەن تەبىئەت بىلەن بۇ نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ. ئەنگلىيىنىڭ مەشھۇر جەمئىيەتشۇناسى زىگمۇند باۋمەن ((Zygmund Baoman : «مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىق ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەسلىكتىن ، ھەل قىلىش كۈنتەرتىپىگە قويۇلماسلىقتىنمۇ يامان» دەپ يازىدۇ . تىل ئۆگىنىش پوزىتسىيىمىزدە ، مەقسىتىمىزدە مەسىلە بولغانىكەن ، ئۇنداقتا بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ۋە جاۋاب ئىزدەشكە ئۇرۇنۇش زۆرۈر .
        ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇنىمۇ دەپ ئۆتۈش كېرەككى ، 1950
يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ توختى باقى ئارتىشى ، ئابدۇكېرىم خوجا قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىنىڭ پېشۋالىرى خەنزۇچە ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئەمەلىيتىگە يول ئېچىپ بەرگەن ، ھازىر چولتا بولسىمۇ «خەنزۇچە -  ئۇيغۇرچە تەرجىمە نەزەرىيىسى» بار بولدى . ئەمدى يېڭى دەۋرنىڭ پۇقرالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىنگلىزچە ئۇيغۇرچە ، ئۇيغۇرچە ئىنگلىزچە تەرجىمە تەقەززاسىغا ۋە شۇنداق بىر دولقۇنغا مۇھتاج بولۇۋاتىمىز . بۇ ئۇرۇنۇش پۈتكۈل خەلقنى دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى بىلەن خەۋەردار قىلىشتا تولىمۇ زۆرۈر ئەھمىيەتكە ئىگە . مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ، نەشرىيات ئورۇنلىرى ئىنگلىزچە ئۇيغۇرچە ، ئۇيغۇرچە ئىنگلىزچە تەرجىمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلارنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىش جەھەتلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك .
      ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتىتىغا كېلىپ قاتناشقان «سېلىشتۇرما مەدەنىيەتشۇناسلىق» دەرسىدە گۇرۇپپا مۇزاكىرىلىرى ۋە مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇراتتى . مەن  ئىنگلىز تىلىدا چەت ئەللىكلەر بىلەن مۇنازىرىگە چۈشۈپ نۇرغۇن يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم . بۇ جەرياندا  ئېغىز تىلى ئىقتىدارىمدىن ياخشى پايدىلاندىم . ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدىمۇ باش مۇنازىرىچى بولۇپ خېلى جىق مۇنازىرىلەرگە قاتناشقان . شۇڭا بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىم ئىنگلىزچە مۇنازىرىلەردە خېلىلا ئەسقاتتى. ئارىلىقتا ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياتىقىدىن تېلېفون بېرىپ ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەنلىكىمنى تەبرىكلىدى ۋە گېپىنىڭ ئاخىرىدا ئىنگلىز تىلىدا ئەسەر يازالايدىغان ئادەم بولۇپ چىقىشىمنى ئۈمىد  قىلىدىغانلىقىنى  بىلدۈردى . مەن تىرىشىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم . ئەمما بۇ ئۈمىدنى ئاقلاش كۆپ كۈچ ۋە زېھىن تەلەپ قىلاتتى . ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىنىڭ بۇ سۆزىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىستىكى، ئىخلاسى ۋە ئىجتىمائىي مەۋجۇدلۇقىمىزنى سىرىتقا  ئېتىراپ قىلدۇرۇشنى ئىزدەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ پۇرىقى بار ئىدى . مەدەنىيەتلەر پەقەت مانا شۇنداق ئاكتىپ ، يۈزمۇ
يۈز دىئالوگلىشىش ئارقىلىقلا ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلالايىتتى، تەرەققىي قىلالايىتتى .
           تېلېفوننى  قويۇپ خىياللار قاينىمىدا خېلى ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ كەتتىم . ھەر بىر ئۈمىد ، تىلەك مەن ئۈچۈن غايەت زور بېسىم ۋە قامچا ئىدى . ياخشى ئاتقىمۇ بەزىدە قامچا كېرەكقۇ ، ئاخىر . بولۇپمۇ ئېزىلەڭگۈ ، تەكرار تۇرمۇش رىتىمىغا كۆنۈپ كەتكەن بىزلەر ئۈچۈن بېسىم ، قامچا تېخىمۇ كېرەك ئىدى . مەن ئەشۇ بىر خىلدىكى تەكرارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزۈمدىن ھالقىشنى ئىختىيار قىلغانىدىم . رۇسىيىگە پاتماي ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋە خەلقئارادا يۈكسەك ئابرويغا ئېرىشىپ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مۇساپىر پەيلاسوپ ئىسەييا بېرلىن «رېئاللىق تۇيغۇسى» دىگەن كىتابىدا شۇنداق يازىدۇ: «ئەسلىدىنلا ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولمايدىغان ۋە سېنى چىرىتىدىغان رېئاللىققا ۋە شۇ رېئاللىق ئاتا قىلغان ۋاقىتلىق مەنپەئەتكە ئالدانساڭ ، ئۆزۈڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن .» ئىنگلىز تىلىنى بىلىپ كاللامدا ئىدىيە بولمىسا ، ئىنگلىز تىلىدا پاراڭ قىلسام ، ئەمما پارىڭىمدا مەزمۇن بولمىسا ، بۇ مەن ئۈچۈن خەتەرلىك ئىش ئىدى . ھالبۇكى ، مەن تىلغا ئېلىۋاتقان بۇ نۇقتا ئىنگلىز تىلىنى سۆزلىيەلىگىنى ئۈچۈن پەخىرلىنىپ يۈرگەن ئاز ساندىكى ياشلىرىمىز ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك كەيپىياتقا ئايلانغان ئىدى . بەزى ياشلىرىمىز ھەتتا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش داۋامىدا يولنى قىڭغىر مېڭىپ ياتلارنىڭ دىنىغا ، يولىغا  كىرىشكە ئۈلگۈرگەن ، ئۇيغۇر تىلى ، ئۇيغۇر  مەدەنىيىتىدىن زېرىكىشكە باشلىغان ئىدى . بۇنداق بولسا  قەتئىي بولمايتتى . تاگور : «ئۆز تىلىمىز بىلەن دېيىلگەن سەپسەتە باشقىلارنىڭ تىلى بىلەن دېيىلگەن ھېكمەتتىن ئۇلۇغ» دەيدۇ . ياشلىرىمىزنىڭ چەت ئەل تىلى  ئۆگىنىشتىكى پوزىتسىيىسى ، ئاز بىر قىسىملارنىڭ تىل ئۆگىنىشتە ئاينىپ  كېتىشى ، تىل ئۆگىنىشتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى قىزىققانلىق ۋە تەنتەكلىككە يەم قىلىپ بېرىش جەمئىيەت پىسخولوگىيىسى نۇقتىسىدىن تەتقىقات قىلىشقا ، جاۋاب ئىزدەشكە ئەرزىيدىغان تەرەپلەر ئىدى . ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش مەسىلىسىنى جەمئىيەت پىسىخولوگىيىسى نۇقتىسىدىن ئويلىنىپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ، ئەنگلىيە دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان باقى ئابلىمىت ئاكىمىزنىڭ«ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا دوكتورلۇق ماقالىسى يېزىۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ خوشال بولدۇم . دېمەك ، مەن ئويلىنىۋاتقان بىر مەسىلىنىڭ باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ دىققەت نەزىرىگە ئىلىنىشى ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەھەتتىكى غايە ، مەقسەتچانلىق قاتارلىق نۇقتىلاردا مەسىلە بارلىقىدىن ۋە ئۇنى جىددىي تۈزىتىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بىرەتتى .
       ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۈنلەر بەكمۇ تېز ئۆتۈۋاتاتتى . ئارىلىقتا پىيۇرل خاربورغا ساياھەتكە چىقتۇق . ئۇ يەرگە بارغان چېغىمدا تارىختىكى «پىيۇرل خاربور» ۋەقەسى ۋە مۇشۇ ھەقتە ئىشلەنگەن كىنوغا باغلاپ نۇرغۇن خىياللارنى سۈردۈم . كېيىن شەھەر چېتىدىكى ۋايپاخۇ ئارىلىغىمۇ باردىم . ھونولۇلۇنىڭ كوچىلىرىنى تالاي قېتىملاپ يالغۇز ئايلاندىم . كوچىلارنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىدە ، گۈزەللىكىدە گەپ يوق . ئاسمانپەلەك بىنالار ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ . يوللار پاكىز ۋە تىنچ . مىغىلداپ ئۆتۈشۈپ يۈرگەن ئادەملەرنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ . ئەمما مېنىڭ ئويۇمچە ، ئېگىز بىنا دېگەن ئۈرۈمچىدىمۇ كۇرمىڭ ، نەنسەندىكى گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسى بۇ يەردىكىدىن قېلىشمايدۇ . بۇ يەرنىڭ ھەيۋىتى ، پاكىزلىقى ، گۈزەللىكى مەن ئۈچۈن نېمە ؟ بۇ يەردىكى ئورنۇمچۇ ؟ ئۆزبېك شائىرى مۇقىمى «ئۆزۈم ھەر جايدىمەن ، كۆڭلۈم سەندىدۇر»دەپ ئېيتىپ ئۆتكەندەك ، پىيۇرل خاربوردا ، ھونولۇلۇ كوچىلىرىدا ، ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچىدە سۈرگەن خىياللىرىمنىڭ كۆپىنچىسى مەۋجۇدلۇقىمىزغا ، بىز دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى مەسىلىلەرگە ۋە باشقا ئىجتىمائىي تېمىلارغا ياندىشاتتى . ھاۋاينىڭ كارىۋىتىدا يېتىپ ئۇيغۇرنىڭ چۈشىنى كۆرەتتىم
.. دەسلەپكى كۈنلەردە ئۈرۈمچى «يەنئەن» يولىدىكى ئاشخانىلاردا يېگەن لەڭمەنلەرنى ، ئانام  ئېتىپ بەرگەن پولو ، چۆچۈرىلەرنى، «يەنئەن» يولىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى «دوستلۇق» دوختۇرخانىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تۆپىلىك يولنى شۇنچىلىك سېغىندىم . بارا بارا ئىلمىي ئوقۇش موھىتىغا باشچىلاپ كىرىشىم بىلەن قورساق غېمى ئۇنچە موھىم بولماي قالدى . تەييار چۆپ ، گاڭپەن دېگەندەك ۋاقىت ئاز كېتىدىغان تاماقلار بىلەن قورساقنى ئالداشقا ئۇستا بوپكەتتىم . «كۆنگەن يامانمۇ ، كۆيگەنمۇ؟» دېسە ، «كۆنگەن» دەپ توغرا ئېيتىپتىكەن بۇرۇنقىلار . كاللا نېمىنىڭ موھىملىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشنى ئۆگەنگەندە ، مەززىلىك تاماقلارغا كۆنۈپ كەتكەن غەلۋىخور قورساقمۇ رايىش بولۇپ قالىدىكەن . ئەمما قويۇق ئىنگلىز تىلى مۇھىتىدا يۈرۈۋېرىپ ئۇيغۇر تىلىنى شۇنچىلىك سېغىندىم . ئالدىراشچىلىقتا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان كىتابلارنى ئېلىۋالمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم . ئانا تىلنىڭ مېھرى ئاجايىپ بولىدىكەن . مەن ئىنگلىز تىلىدا دەرسلەرگە ، مۇنازىرىلەرگە ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشاتتىم . لىكىن ، ئۇيغۇر تىلىدا تەپەككۇر قىلىشتىن خالىي بولالمايتتىم . مېھىرلىك ئۇيغۇر تىلى تىنىقىم ، خىيالىم ، چۈشۈمگە ئارىلىشىپ مەنىۋىيىتىمنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلغانىدى . داغىستان شائىرى رەسۇل ھەمزەتوف :
«مەيلى قايسى تىلدا زوق ئالسۇن ھەركىم ،
مېنىڭ ئۆز تىلىمغا جېنىم مىڭ پىدا .
ئەگەر ئانا تىلىم يوقالسا ئەتە ،
مەن بولاي تېنىمدىن بۈگۈنلا جۇدا .»
دەپ يازغاندا ، بەلكىم ئانا تىلىنىڭ ئىشقى ئۇنىڭ يۈرىكىنى شام قىلىپ ئېرىتىۋەتكەندۇ ۋە بەلكىم ئۇ ئانا تىلىغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ قويۇق شۇئار بىلەن چەكلىنىپ قالسا بولمايدىغانلىقىنى دېمەكچى بولغاندۇ!
         ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ بىر ئاي بولغاندا ، ئۈرۈمچىدە مەندىن ئىنگلىزچە ئۆگەنگەن بىر تىرىشچان ئوقۇغۇچۇمدىن ئېلخەت تاپشۇرۇۋالدىم . ئۇ خېتىدە ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياخشى ئوقۇشۇمغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپتۇ ۋە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە مەسلىھەت بېرىشىمنى ئىلتىماس  قىپتۇ . مەن ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا مەسلىھەت بەرگەندىن كىيىن خېتىمنىڭ ئاخىرىغا مۇنۇلارنى قېتىپ قويدۇم : «ھاۋايدىكى كۈنلىرىمگە نەتىجە تىلىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەھمەت . مەنمۇ ئۆتۈۋاتقان ھەر بىر كۈنۈمگە مەنە ، كاللامدا يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان سۇئاللارغا جاۋاب ئىزدەپ يۈرۈۋاتىمەن . خۇدا راۋا قىلسا ياشايمىز . كۈنلەر ئالبومىنى يېڭى مەنىلەر بىلەن بېزەشكە تىرىشىمەن. چۈنكى ، ماڭا تۇز بەرگەن تۇپراقنىڭ مەندە قەرزى بار. مېنىڭمۇ بۇ كۈنلەردە رىزقىم بار

dulbarqin310 2011-09-12 10:26
مۇشۇنداق ياخىشى تېمىلارنى يوللايدىغان بولغاندىن كېيىن يۇقاپ كەتمەي كىرىپ تۇرۇڭ ھە.

era13 2011-09-12 11:07
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئويغۇرزادە ، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا! سىزنىڭ "شنجاڭ مەدەنىيتى " تە ئېلان قىلنىۋاتقان ئەسەرلىرىڭىزنى ۋە باشقا مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىكى "مەشھۇرلار كىمنىڭ مەشھۇرى"دىگەنگە ئوخشاش بىرقاتار ھازىرىقى ئويغۇرجەمىئيتىنىڭ رۇھىي - ئىجدىمائىي ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىغا تۇرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئەقىيدە - ئىمان پۇرىقى كۈچلۇك ماقالىرىڭىزنى، مۇنازىرلىرىڭىزنى كۆرۇپ سىزگە تولىمۇ قايىل بولغانتىم ۋە بەزى ئەسەرلىرىڭىز توغرىسدا سىزبىلەن پىكىرلىشىپ ئۇرتاقلاشماقچىدىم !ئاللاھقا شۈكرى تور يۈزىدە بولسىمۇ كۆرۇشكىلى نىسپ  بوپتۇ ! بو مۇنبەرنىمۇ ئونتۇپ قالمىغايسىز!

zero903 2011-09-12 11:30
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم...مانا بىر  زىيالى  كەپتۇ كەڭسايغا ........زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ دىيارىمدىكى  زىيارىتنى  كۆرۈپ قۇل قويغان ئۇ ئاكىمىزغا

تاھىربەگ 2011-09-12 11:37
ۋەئەلەيكۇم _ئەسسالام ۋەرەھمۇتۇللا

مۇئەللىمنىڭ كەلگەن قەدىمىگە مەرھابا ، بۇ مۇنبەردىمۇ ئوچۇق پىكىرلىك تورداشلار كۆپ ، ۋاقىت چىقىرىپ كىرىپ پىكىرلىشىپ تۇرارسىز .

ohho~duqu 2011-09-12 11:38
يېڭى ئۇقۇم ئېنگلىس تىلى كىتابى ياخشىمۇ ياكى سەرخۇشمۇ ؟

تاھىربەگ 2011-09-12 11:44
سەرخۇش ياخشى ،  ماختىغىنىم ئەمەس . ئۈگۈنۈپ بېقىپ  ئاخىرىدا چىقارغان يەكۈنۈم  

بابۇرشاھ 2011-09-12 11:44
مۇئەللىمنىڭ يەتكەن قەدىمىگە مەرھابا، مۇئەللىمگە سالامەتلىك، ئوقۇشىغا ئۇتۇق تىلەيمەن،

ohho~duqu 2011-09-12 12:14
مەندە سەرخشۇنىڭ 3-قىسمى يوق، بازاردىن تاپالمىدىم

rida 2011-09-12 12:27
ھېلىقى ئەلكۈيىدىكى قىز خۇمار ۋەقەسىدە يازما يوللىغان ئۇيغۇرزادە سىز ئوخشىمامسىز، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا..ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي،،

general 2011-09-12 12:33
تاگور : «ئۆز تىلىمىز بىلەن دېيىلگەن سەپسەتە باشقىلارنىڭ تىلى بىلەن دېيىلگەن ھېكمەتتىن ئۇلۇغ» دەيدۇ .
————————————————
ئانا تىل قەدىرلىكتۇر.
كەلگەن قەدىمىڭىزگە تەشەككۈر.ياخشى يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ،بىلىدىغىنىمىزنى كۆپەيتىشنى ئىستەيمىز.

كۆكئاي 2011-09-12 13:08
خوش كەپسىز

ئاللاھ قەدىمىڭىزنى خەيرىلىك قىلسۇن.

kizilkowruk 2011-09-12 13:35
      ئۇيغۇرزادىنىڭ مۇبارەك قەدىمىگە خۇش بولدۇق.ھاۋايدىكى ئۈگىنىش ۋە تەتقىقاتلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي، كىشىگە قەۋمى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرىدىغان يازمىلىرىڭىز كەڭسايغىمۇ داۋاملىق يوللىنىپ تۇرغۇسى.

alxirxahzada 2011-09-12 14:16
-كونىلاردا<ئەسكى  تامدا  قۇچقاچ  تۇلا،  كەمبىغەلدە  پۇتلاش  تۇلا>  دىگەن  گەپ  بار

bughra68 2011-09-12 15:33
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  ئۆزباش ئاكا .
مۇشۇنداق يات تەپەككۇرلارنى ئۆزبېشىمچىلىقىڭىزنى
بەك ياقتۇرۇپ قالدىم .

«مەيلى قايسى تىلدا زوق ئالسۇن ھەركىم ،
مېنىڭ ئۆز تىلىمغا جېنىم مىڭ پىدا .
ئەگەر ئانا تىلىم يوقالسا ئەتە ،
مەن بولاي تېنىمدىن بۈگۈنلا جۇدا .»


بۇ شېئىر ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى نۇرغۇن ئەسەرلەردە ئىشلىتىلدى ،
ئەمما ئاپتۇرنى تىلغا ئالغىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن .
يھنھ بىررەت رەھمەت !

tokkustara 2011-09-12 21:13
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زۇلپىقار مۇئەللىم ئەلكۇيى تورىدا سىزنىڭ يېقىندىن بۇيان ئەسەرلىرىڭىزنى سۆيۇپ ئاڭلاپ كىلىۋاتاتتىم ،
بۇگۇن كەڭسايغا قەدەم بىسىشىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىمەن .
ۋاقىت بولسا پىكىرلىشىپ تۇرارمىز .
بىر گەپ: سىزنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كۆزگە كۆرۇنگەن ئۇيغۇر زىيالى ئىكەنلىكىڭىزنى كۆپچىلىگمىز بىلىمىز ،لېكىن ئەقلىمنىڭ كالتىلىغىدىنمۇ ئەيتاۋۇر (زىيالى )دىگەن بۇ ئۇقۇمنى ھەقىقى چىن مەنىسىنى ۋەجەمىئىيىتىمىزدىكى ھازىرقى  ئورىنىنى بىلەلمىدىم .گەپنى شاخلاتماي ئۇدۇللا ئېيىتسام زىيالى دىگەن ئۇقۇمنى قانداق چۇشۇنىمىز .
جاۋابىڭىزنى كۇتىمەن .
ئەسەرلىرىڭىزنى سۆيۇپ ئاڭلاپ كىلىۋاتقان ئاددى ئوقۇرمىنىڭىز  توققۇزتارادىن

muhtarbay 2011-09-12 23:49
ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام،خوش كەپسىز،،زاكاتنىڭ ھەممىنى ئەلكۇيى بىلەن يازغۇچىلار مۇنبىرىگىلا تاپشۇرماي ماۋۇ كەڭسايغىمۇ  تاپشۇرۇپ بىزلەرنىمۇ مەنىۋى پەقىرلىقدىن قۇتۇلۇشىمىزغا ھەمدەمدە بولغايىسىز،

kuwruk 2011-09-13 00:44
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر زادى ئەپەندى كەڭسايغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزغا مۇبارەك بۇلسۇن !كەڭسايدا نۇرغۇن قىرىنداشلىڭىز بار ،،،كەڭسايدىكى قىرىنداشلار سىز بىلەن ئۇزئارا ھەمسۇھبەتتە بۇلۇپ ئۇزئارا ئۇگۇنۇپ ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكى ئۇچۇن جۇملىدىن ئۇيغۇرنىڭ تەرەقىياتى ئۇچۇن  بىرلىكتە ھەسسە قۇشۇش ئۇچۇن دائىم تەييار تۇرىدۇ،،،،!!!!!!!!!!!

muslima32 2011-09-13 03:01
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، سەر خۇش بىلوگىىسىغا كىرىپ ناھايتى خۇرسەن بولدۇم بۇنىڭدىن كىيىنمۇ يۇقاپ كەتمەي پاساھەتلىك تىمىلىرىڭىزدىن بىزنىمۇ پات-پات تەمىللەپ تۇرارسىز.

tuprakbag 2011-09-13 03:16
زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ قەدىمىگە مەرھابا!......يەنە ئۆزباش دىگەن تەخەللۇسنى قوللىنىۋاتامسىز؟ سەرخۇش دىگەن ئىسمىڭىزنى ئۆزباش دىگەندىن ياخشى كۈرەتتىم....ئۆزباش دىسە ماڭا ئۆزبەگ دىگەندەك ئاڭلىنىدۇ......يازمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

ئۇيغۇرزادە 2011-09-13 15:14
مەن ۋاقتىم چىقسىلا مۇنبەرگە كىرىپ تۇرىمەن. قېرىنداشلارغا رەھمەت.
نېمە ئىشكىن تاڭ، ئىنكاس كۆزنىكى قېتىپ تۇرۇۋېلىپ خەت يازسام چىقمايۋاتىدۇ(خەت كىرگۈزسەم ھېچنېمە يوق). ۋوردتا يېزىپ چاپلاپ ئەكەلدىم. باشقا مۇنبەردە بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقمىغان.

bilim 2011-09-13 19:58
خىزمەت بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇزاق ۋاقىتلار بوپتىكەن مۇنبەرگە كىرمىگىلى ئۆزگۈرۈشلەر چوڭ ئىكەن. 
قوساقتا بانى بىزگە يۇقتۇرالىغۇدەك  كىشىلىرمىز كۆپىيىپتۇ ئەمەسمۇ!!!

fatih204 2011-09-15 22:14
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،،
بىر سائەتلىك دەرىس بەرسىمۇ ئۇستازىڭ دىۋىدى بىرى ،، بۇنداق ئۇستازلاردىن كوپنى كوردۇم ، ئىسىمدە بەكرەك قالغىنى سىز ئىدىڭىز ،، چۇنكى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن سىز ۋە ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىنىڭ ئىسىل نۇتۇقلىرىنى مەڭگۇتاش قىرائەتخانىسىدا ئاڭلىغان ئىدىم ،، بۇگۇن ئەسەر يوللىغىنىڭىزدىن كوپ خۇرسەن بولدۇم ،، ياپونغا بارسا ياپونلۇق ، ئامرىكىغا بارسا ئامرىكىلىق بوپ كىتىدىغان ۋە شۇلارنىڭ كوزى بىلەن ئۇيغۇرنى، مۇسۇلماننى باھالايدىغان كىشىلىرىمىزدىن پەرىقلىق ھالدا سىز قاتارلىق بىر نەچچەيلەندىن خېلى ئۇمۇد نۇرى كۇرىنپ تۇراتتى ،، پادىشاھنىڭ يالىڭاچ شەھەرگە چىقىشىدا ھوقوق ئورنىدىن ئەنسىرەپ ۋە ئوزىنى بىلەرمەن كورسىتىشكە ئورۇنغان ۋەزىرلەرنىڭ ، كورمىگەننى كوردۇم ۋە بىلمىگەننى بىلدىم دىگەن ئاتالغان ، ئاتالمىش ۋەزىرلەرنىڭ خاتالىقى كوپ ئىدى ،،،  شۇنىڭدەك بوراندەك كىرىۋاتقان يات مەدىنىيەتكە دۇچ كەلگەندە شامالغا قاراپ ئىش كورۇپ ، ئوزىنى مەدىنىيەتنىڭ ئىلغارتەرىپىدە يۇرىۋاتقاندەك كورسىتىشكە ئورىنىۋاتقان زىيالى كىشىلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى ئىغىر ئەلبەتتە ،، چۇنكى يوق كىيىمنى ئەقىللىق ۋەزىر بار دىسە خەلىقنىڭ ھەممىسى «بۇ ۋەزىرلەر ئاقىل ئادەملەر ، بۇلار بار دىگەندىكىن بار ، بەلكى بىز بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن ، كورەلمەيۋاتقاندىمىز»دىگەن تۇنۇشتا بولىدۇ ئەلبەتتە ،، دىمەكچى مەنكى بۇ ئىغىر يۇك ئۇستىڭلەردە ،،
يەنە بىرى ، سىز تىمىدا تىلغا ئالغان ئىنگىلىز تىلىنى ئوگىنىش يولىدىكى خاتالىقلارنى مەن باشتىن كەچۇرگەن ،، تىل بىلىشنى ئالاھىدە دەششەت ئىشتەك ھىس قىلىدىغان ، شۇنى بىلگەنلەرگە ھەۋەس قىلىپ تاس قالغان سىز دىگەندەك ئوز ئەقىدە ئىتىقادىمدىن ئايرىلىپ قالغىلى ،، توغرىسىنى ئىيتسام ئايرىلپ قالغىلى دىگۇدەكمۇ تۇزۇك ئەقىدە ئىتىقاد بىلەن يۇغۇرۇلغان قەلىب يوق ئىكەنتۇق ئەينى چاغدا ،، خىلى كىشىلەردىن قىلىشمىغۇدەك تىل سەۋىيىسى بار بىرسى بىلەن دوست بۇلۇش جەريانىدا ئوزەمدە كام نەرسىنى ھىس قىلغان ئىدىم ، چۇنكى ئۇ دەل سىز دىگەندەك تىل ئوگىنىش بىلەنلا خەقنىڭ ئەقىدە ئىتىقادىنى تارىتىدىغان قورال بوپ كەتكەن ئىكەن ،، بۇ جەرياندىكى ئىشلار كوپ ئىدى ، ئۇ ھازىرقى ھىسياتىم بويىچە ئىيتقاندا مىنى ئاستا ئاستا زەھەرلەۋاتاتتى ، ئەينى چاغدا مەن خىرىس تۇيغۇسى ھىس قىلدىم ، ئەمدى ئوزلۇك ھەققىدە ئويلانمىسام بومايدىغانلىقىنى شۇ ئادەمنىڭ قوپقورۇق قەلبىمنى چىكىشى بىلەن ھىس قىلغان ئىدىم ،،، بۇمۇ بولغىنى ئىدى بىر ھىساپتا ، شۇنىڭ بىلەن ئىزلەندىم ، ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن ھەر ھالدا ئېزىپ كەتمىدىم ئوزگە يوللارغا ،،
سىزنىڭ بۇ تورغا داۋاملىق چىقىپ تۇرىشىڭىزنى ، ۋە پىكىر قاتناشتۇرۇپ تۇرىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمەن ،، بۇ يەرلەردىمۇ بەلكى سىزگە پايدىلىق نەرسىلەر چىقىپ قېلىشى ۋە سىز بىلدۇرمىسىڭىز بولمايدىغان تەخىرسىز ئىشلار بوپ قېلىشى مۇمكىن ،،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

pantekin 2011-09-15 23:40
ئۆزىنى ماختىغان بىرىنچى ئەخمەق!!! 
 كەمتەررەك بولۇڭ ئۆزباش ئەپەندىم،، 
ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي.

almiliq 2011-09-16 00:05
پانتىكىن گېپىڭىز قىززىق ھە، كۆڭلىگە كەپ قالمىسۇن، مۇئەللىمنىڭ، دېگىنىنى قىلايلى، قىلغىنىنى قىلمايلى ئۇستاز دىگەننىڭ.  

iltebir 2011-09-28 21:32
ھەي بېيجىڭدىكى كۈنلەر نىمە دىگەن ئاستا. بىر يىل قاچانمۇ تۇشار؟ يەنە مۇشۇنداق كەيپىياتتا بۇلارمەنمۇ يا؟ ھەي كۈنلرىمنىڭ مەنىلىك ئۆتىشىنى تىلەي.بۇ يازما ماڭا بىر خىل كۈچ بەرگەندەك ھىسىياتقا كەلدىم.

تىۋىپ010 2011-10-06 20:35
بۇ مەزمۇن يوشۇرۇنغان بولۇپ ، ئىنكاس قايتۇرغاندىن كىيىن كۆرەلەيسىز

يالقۇنى 2011-10-10 18:28
زۇلپىقاركا،سىز بىلەن بۇ كەڭساي مۇنبىرىدە دىدارلاشقىمىندىن تولىمۇ خۇشالمەن.

يالقۇنى 2011-10-10 18:31
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 26قەۋەتتىكى تىۋىپ010 نىڭ 2011-10-06 20:35 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ يەر يوشۇرۇنغان يازمىغا كەلتۈرۈلگەن نەقىل

سىز تامچە سۇنى كۆرۈپ دەريانى بۇلغانغان ئوخشايدۇ دەپ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىسڭىز مۇۋاپىق بولماس


查看完整版本: [-- ئۇيغۇرزادىدىن تورداشلارغا سالام: ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئوتى ۋە چەت ئەل تىلى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.172876 second(s),query:4 Gzip enabled

You can contact us