查看完整版本: [-- ئوت كەتكەن يېڭى بالىق --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> ئوت كەتكەن يېڭى بالىق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

zulkyani 2011-09-09 18:47
ئوت كەتتى ،كۆيدى ،كۆيۈپ كۈل بولدى.....

يېڭى بالىق كۆيدى دەپ خەۋەر قىلدىم. ئۇلار ماڭا قاراپ كۈلدى....

ئوت كۆيىۋەرىدى ،ياندى ،لاۋىلدىدى ،لاۋاغا ئايلاندى. ئانىلارنىڭ يىغىسى ،مومايلارنىڭ نالىسى ،ئەرلىرى مەشەرەپكە كەتكەن ئىپپەتلىك قىزلارنىڭ پەرۋاسىز چوقانلىرى ، يېرىمى كۆيگەم بۆشۈكتە ،قوللىرى باغلانغان مەھكۇم بوۋاقلارنىڭ نالى زارى....

  ۋاھ ، يالماۋۇزدەك كېلىۋاتقان ئوت يالقۇنى ،ئوت ئىقىنى ، ئوت ئىچىدە كۆيۋاتقان ماكان. مەن چوققان كۆتەردىم ،قېنى سىلەر !!!!!!

سېيىت نوچى قاۋاقخانىدا مەس ياتىدى.

سادىر پالۋان بەش بالىسىغان ئاتاپ ئۆي سىلۋاتىدۇ.

لۇتپۇللا خۇشخەت يېزىشنى مەشىق قىلۋاتىدۇ.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئامېرىكىدا پىرزا سېتىپ يۈرىدۇ.

مەن يانا ۋاقىردىم يېڭى بالىق كۆيىۋاتىدۇ. كونا بالىققا قامالغان جامائەت ئاپپاق خوجىنىڭ نەزىرى بىلەن ئالدىراش ....

ئىمام قىنى؟

جۈمەگە چۈشكەن سەدىقە بىلەن ئالدىراش....

قارىم قىنى ؟

دۇبەيدە ئەتىر سېتىپ ئالدىراش..

ھاجىم قېنى ؟

رېستۇراندا پېۋە ئېچىپ ئالدىراش...

ئاھ ، ئۇلۇغ تەڭرىم ...

غەزىپىنىڭ بىزگە چۈشمىكى ھەق.

مەن يەنە ۋاقىرىدىم :- يېڭى بالىق كۆيۋاتىدۇ،ئوت كۆيىۋاتىدۇ، بۇ ئوت ئەمەس ئاپەت. مەنمۇ كۆيدىم ،كېيىملىرىمۇ كۆيدى. مۇسكۇللىرىم كۆيدى ،سۆڭەكلىرىم چوقچىيىپ قالدى. ھەممە ماڭا قاراپ كۈلۋاتىدۇ. مەن يەنە ۋاقىرىدىم يېڭى بالىق

كۆيىۋاتىدۇ.

سۇجۇپ بەرۋاپ چېلىپ ئۆڭكۈردىمىش ،ناتونۇش جىۋا خېنىم ئۆيمۇ ئۆي يۈرىدۇ نان تىلەپ ،كومراجىۋا تۇتقىندىكەن ،ۋىسائىراساتكا ناۋاي ئىكەن.

فارابى باغداتقا كۆمۈلگەن ،ئامانىساخان جەددىق ئىكەن ،ناۋائى تاشكەنىتە ،مەخمۇت قەشقىرى ئالمۇتىدا ،يۈسۈف خاس ھاجىپ بىشكەكتە.

ئاھ ،ئادەمسىز قالغان بۇ ماكان كۆيمەكتە ... مەن يەنە ۋاقىرىدىم يېڭى بالىق كۆيىۋاتىدۇ ،مەن ئەسەبىي ۋاقىردىم سىلەر قېنى ؟

نۇمۇس دەپ چاقىرسام ؟

بىر سادا كىلىدۇ ئەخلەت ساندۇقىدىن

ۋىجدان دەپ چاقىرسام ؟

خورەكنىڭ ئاۋازى ،بىزەڭ كۈلكىنىڭ ساداسى ،غىلجىڭ قىزنىڭ بەزمىسى ،غىتمەك ئەرنىڭ نەزمىسى..
ئىمان دەپ چاقىرسام ؟

سەللە ئورايدىغانلار تۈگەپتۇ.

نەپرەت دەپ چاقىرسام ؟

گۈرۈلدەپ ھەممىسى قوزغىلىپ چىقىتى

ئاكاڭ كىمىنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ.....

 

توۋا ، بۇ نېمە ئىش ؟

ئەسلىدە جاھان شۇنداق.. مەن بىلدىم ئازغانلىقىمىنى .

شۇ سەۋەب شېئىر يازغانلىقىمىنى ...

مەن يانا ۋاقىردىم --- يېڭى بالىق كۆيىۋاتىدۇ . مەن يەنە ۋاقىرىدىم يېڭى بالىق كۆيىۋاتىدۇ....جىم

مەن يەنە ۋاقىرىدىم يېڭى بالىق كۆيىۋاتىدۇ.-

نان ،قورساق

ۋىجدان قېنى ؟

نان قورساق

نۇمۇس قېنى ؟

نان قورساق

نەپرەت قېنى ؟

نان قورساق
ئىمان قېنى ؟

نان قورساق

بۇ دەھشەتلىك پاجىئە ، بۇ كۈلكىلىك پاجىئە ، بۇ تۇنجى سادىر بولغان ئەڭ ئاخىرقى پاجىئە .

ئۇلۇغ تەڭرى ئەرشى ئەلادا ئارخىپلاپ قويىدىغان سۆيۈملۈك پاجىئە .....

مەن يەنە ۋاقىرىدىم ..........يېڭى بالىق كۆيىۋاتىدۇ.





ئۆتكۈر ئىدىڭ تۆمۈرچى ئۇستام تاۋلاپ چىققاندا سىنى،

كەس دىسە چورت كېسەتتڭغۇ نائەھلىلەرنىڭ بېشىنى،

نەقىسمەت بۈگۈن سۇنى كىېسىپ لايدا توختاپ قالغىنىڭ؟

دات باسقاندا قىلمامسەن قېلىچ،بىلەي تاشنىڭ غېمىنى



ئالتۇن تاۋاق تۇتقان قەلەندەر بىز ،

بايلىققا كۆمىلىپ ياتقان قەلەندەر بىز

 مەنبە توردىن يىغىپ ساقلىغانلىرىم





karakax 2011-09-09 20:52
 رەھمەت قېرىندىشىم .مەنمۇ ۋاقىردىم يېڭى بالىق يېڭى بالىق كۆيىۋاتدۇ   ...................................................مەرھۇم شائىرنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي ئامىن  

لۇتفى 2011-09-09 22:07
ھەقىقەتەن قالتىسكەن .قەلبىمدىكى بوشلۇق تېخىمۇ بەك زورىيىپ  كەتتى  بۇنى ئوقۇپ.  بۇنىڭ ئاپتورى كىم  بولغىيتى ،  بىر بىلىپ باقسام     شۇ مەرھۇم شائىر  دېگىنىڭىزنى؟   بۇ گەپتىن كۆڭلۈم تېخىمۇ بەك يېرىم بولدى .

sebire 2011-09-09 23:46
يىڭى بالىق؟!!!  يۈرىكىم ئىچىشىپلا كەتتى.  

muzepper 2011-09-10 03:46
2- قەۋەت لۇتفىغا:
ئاپتۇرى ياشلا ئۆلۈپ كەتتى. بىلىشىمچە 90- يىللەرنىڭ باشلىرىدا 18 يېشىم دەپ ناخشا ئېيتقان ئىدى- غۇ دەيمەن.
    ئەمما دىگەن بىلەن بەك ياخشى يېزىپ قويغان- دە... .

جەڭچى 2011-10-02 22:34
بۇ ئوت يۈرەك شائېرمىزنىڭ  تەرجىمالى يوقمىكەن .

ansar514 2011-10-07 16:12
ھەي كۆڭلۇمدىكى بىر گەپنى دەي  يۇرگەن ئىغىزىمنىڭ ئۇچىدىلا بارئىدى. لىكن تاپالمىغان   ھەممىنى مۇشۇ شائىر دەۋىتىپدۇ.


查看完整版本: [-- ئوت كەتكەن يېڭى بالىق --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.063715 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us