查看完整版本: [-- E.T. player بىلەن بلوگ بىرلەشتى - خوش خەۋەر --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كومپىيوتېر تور بىلىملىرى -> E.T. player بىلەن بلوگ بىرلەشتى - خوش خەۋەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

etplayer 2011-09-07 19:49


  
    يېڭى نۇسخىدا يېڭى ئىقتىدار...كۆپچىلىكنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن دېتالىمىزنىڭ مۇقىم توربېتى  xjtil.com   قۇرۇلدى شۇنداقلا مۇكەممەل بولغان فىلىملىك
ئىشلىتىش قوللانمىسى تۈزۈپ چىقىلدى .فىلىملىك چۈشەندۈرۈش ئادرىسى:
http://xjtil.com/aboutus/default.aspx

بۇ قېتىمقى يېڭى ئىقتىدارلار:
1.شەخسىي تىزىملىك، ياخشى كۆرگەن مەزمۇننى ساقلىيالايسىز:
دېتالنىڭ ناخشا ۋە كىنو بۆلىكىدىكى مەزمۇنلار ناھايىتى كۆپ شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر ئەگەر بىر ئابونت نامىدا تىزىملىتىپ ئىشلەتسىڭىز بۇ مەزمۇنلار ئىچىدىن ئۆزىڭىز
ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى ئايرىم ساقلىيالايسىز.شۇنداقلا باشقا بېكەتلەردىكى مەزمۇنلارنىمۇ قوشقىلى بولىدۇ. بۇ كېيىنكى قېتىم يەنە شۇ مەزمۇننى كۆرىشىڭىزگە قولايلىق
يارىتىدۇ.بىۋاستە 56 ،youku,tudou،قاتارلىق چوڭ فىلىم بېكەتلىرىدىن ساقالانغان فىلىملەر قويغۇچ ئىچىدە كۆرۈنىدۇ.باشقا بېكەتلەردىن قوشۇلغان فىلىملەر ۋە مەزمۇنلار
ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىدا كۆرۈنىدۇ.
3.دېتالىمىز ئۆزىڭىزنىڭ بلوگى بىلەن بىرلەشكەن:
بەزىدە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ ئورتاق بەھىرلىنىشنى ئويلايسىز،ئەلۋەتتە دېتالنى خالىغان بىر ئابونت نامىدا تىزىملىتىپ ئىشلەتكەندىن
كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق بلوگى ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ.سىز مەيلى كىنو توپلاڭ ياكى يېڭىدىن ناخشا قوشۇۋېلىڭ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز بلوگىڭىزدا ئەكىس ئېتىدۇ.
دېمەك ئۆزىڭىزنىڭ تور بېتىدە ياقتۇرىدىغان مەزمۇنلارنى كۆرەلەيسىز ۋە ئادرىسىنى دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتەلەيسىز دېگەن گەپ. تۆۋەندە بىرقانچە دوستلارنىڭ بلوگى مىسالغا
ئېلىنىپ چىقىرىلدى:
http://xjtil.com/titi
http://xjtil.com/maris
http://xjtil.com/ironman
http://xjtil.com/gulbargi
ئۇنىڭدىن سىرت سىز ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىڭىزدا تىل ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇچرىغان ھەرخىل سۇئاللارنى كۆپچىلىكتىن سورىسىڭىز،ياكى ئۆزىڭىزنىڭ بىلگىنىنى باشقىلارغا جاۋاب
سۈپىتىدە قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.بلوگ مەشغۇلاتى ئاسان ۋە يېقىشلىق لاھىيىلەنگەن.نومۇر تۈزۈمى ئورنىتىلغان .قانچىكى ئۆزىڭىزنىڭ بىلگىنىنى باشقىلارغا ئۇقتۇرسىڭىز
نومۇرىڭىز داۋاملىق ئۆرلەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن بېكەتلەردىكى بەزى تەربىيلەش فىلىملىرى ۋە باشقا ماتىرىياللىرىنى چۈشۈرۈپ كۆرەلەيسىز. تېخىمۇ خۇشاللىنارلىقى شۇكى بىزنىڭ
پۈتكۈل سېستىمىمىز پۈتۈنلەي بىرگەۋدە سۈپىتىدە ئۆز قولىمىز بىلەن تۈزۈپ چىقىلغان شۇڭا بۇندىن كېيىنكى تەرەقىياتى تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىق بولىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ
تەرەقىيات چوقۇم كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.


مۇخپۇل 2011-09-07 20:45
    


查看完整版本: [-- E.T. player بىلەن بلوگ بىرلەشتى - خوش خەۋەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.046757 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us