3=1+1 |
2011-09-06 23:58 |
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم! ئاللاھ نىڭ قۇدىرىتى ۋە ھىممىتى بىز بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولدۇق.قەدىردانلىرىمىز تىزدىن موللامغا ئادەم ئەۋەتىپ دىنى كالاملاردىن ئاختۇرۇپ تاپقان،ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئارزۇلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان مۇبارەك ئىسملار تاھارەتلىك موللامنىڭ <<ئاللاھۇ ئەكبەر>>دەپ ئەزان،تەكبىر توۋلىشى بىلەن شۇ مەنىلىك ئىسىملار بىزگە نام بولدى،بىز ئۇيغۇر پەرزەنتلرىنىڭ تۇغۇلۇپ تۇنجى بولۇپ ئاڭلىغىنىمىز ياراتقان رەببىمنىڭ مۇبارەك سۇپىتى<<ئاللاھۇ ئەكبەر>> بولدى .بىز شۇنداق پاك ھالەتتە ئاتا-ئانىلىرمىزنىڭ ئارزۇسى مەقسىدى ئىپادىلەنگەن مۇبارەك نام بىلەن ئاتىلىپ ئىسلام ئۇستىدە تۇغۇلدۇق. تىزدىن موللامغا ئادەم ئەۋەتىلدى. بۇگۇن چۇنكى بىزنىڭ <<بۆشۇك >>تويىمىز.موللام قىرا ئەتتىن كىيىن ئۇزۇندىن ئۇزۇن بىز پەرزەنتلەر ھەققىدە دۇئا قىلدى،ئاتا-ئانىلىرمىزمۇ قوشۇلۇپ بىزنىڭ بەختىمىز ،ئىنسابىمىزغا دۇئا قىلدى. تىزدىن موللامغا ئادەم ئەۋەتىلدى.چۇنكى بۇگۇن بىز پەرزەنتلەرنىڭ قۇتلۇق توي كۇنى نىكاھ ئوقۇيدىغان كۇن ئىدى.موللام خىر-خىر ئاۋازى بىلەن ئەرەپچە دۇئالىردىن كىيىن __ تەگدىڭىزمۇ؟__ ئالدىڭىزما دەپ ئالدىراپ نىكاھنى تۇگە تتى . بىز پەرزەتلىك بولدۇق ،موللامغا ئادەم ئەۋەتتۇق،پەرزەنتىلىرمىزنىڭ توي-مەرىكىللىرنى قىلدۇق ،موللامغا يەنە تىزدىن ئادەم ئەۋەتتۇق،چوڭلار ،بوۋىلىرمىز ئۇدۇنياغا سەپەر قىلدى ،يەنە شۇ موللامغا تىز دىن ئادەم ئەۋەتىلدى. بىز ئۇيغۇرلار مەيلى ئۇ ھاراقكەش بولسۇن،زىناخور بولسۇن،ئوغرى-يانچۇقچى،پارخور،جازانىغۇر،ۋەياكى مۇسۇلمانلارغا ئەرزىيەت بىرۋاتغان،دىنغا دۇشمەنلىك قىلۋاتقانلار بولسۇن بىزنىڭ يىنىمىزدا << تۆشۇكتىن بۆشۇككىچە >> موللام ھەمرا بولغىنى بولغان. توي-مەرىكە،نەزىر-چىراق،ھىيىت -بايرام،ئولتۇرۇش-پولتۇرشلىرمىزدا يەنىلا ئۇزۇن چاپاننى كىيۋالغان،ساقالنى قويۋالغان ،تۇماقنى كىيۋالغان موللام موككىدە پەيدا بولغىنى بولغان ،چۇنكى بىزنىڭ بۇنداق قىلغانلىقىمىز مۇسۇلمانلىدارچىلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان بولۇپ ،بىزدە <<لائىلەھە ئىللەللەھۇ مۇھەممىددىن رەسۇلىللا >> دىسەك ،ھەر توي-مەرىكە،نەزىر-چىراق،ھىيىت -بايرام،ئولتۇرۇش-پولتۇرشلىرمىزدا ئۇزۇن چاپاننى كىيۋالغان،ساقالنى قويۋالغان ،تۇماقنى كىيۋالغان موللام بولسا بىز جەننەتكە كىرمىز دەيدىغان ئۇقۇم ھاسىل بولۇپ قالغان . قەبرىستنلىققا بارساق قارىلرىمىز موللارىمىز شۇ ئۆلۇكنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغاندەك (بۇغۇ مومكىن ئەمەس) جىنىنى تىكىپ مۇقەددەس ۋەزىپەقۇرئاننى ئوقۇپ تۇگتىش ئۇچۇن توختىماستىن كۆرەش قىلىدۇ مۇقەددەس ۋەزىپە تۇكگەندىن كىيىن مەسچىتلەردە <<ئامىن >> نى ئۇنلۇك دىگەنلەرنى ياقتۇرمايدىغان موللام ئۇ يەردە <<ئامىن>> نى شۇنچە ئۇنلۇك دەيدۇ ،ئۇنلۇك دىگەنلىكتىدىن شۇ موللامنىڭ تاھارىتى بارمىدۇ ؟ دەپ قالسىز <<ئامىن>>دىن كىيىن ئۇ ئۆلگۇچى تەقۋا بولامدۇ ؟ياكى رەببىسنىڭ بۇيرىقلىرغا قارشى قوپقان لەقۋا بولامدۇ ،موللام جەننىتى بولغاي دەيدۇ ئىش تامام ۋەسسالام .موللامدىن كىيىن <<تاشچى ئۇستام>> مۇ ئايەتلەر ئويۇلغان،قەۋرە تىشىنى مىيىت ئىگىسگە سوۋغا قىلدۇ (پۇلغا) تاشچى ئۇستام مۇنكىر نەكىر مالا ئىكىلەرنى سىتۋالغاندەك << بۇ جەننىتى بولسۇن >>جىما دىگەندە ك قىلىپ چىرايلىق خەت ئويۇپ قويۇشلىرىمۇ بار . بۇ بىزلەردىكى ئىسلامى ھايات ،بىزدىكى ئىسلامى قاراش ،شۇڭا نورغۇن قىرىنداشلىرىمىز مۇشۇ ئەقىدە بويۇنچە گۇناھ ئىشلاردىن يانمايدۇ ،نامازلاردىن،مەسچىتلەردىن،يىراقكى شەيتانلار قەسرىدە بەزمە قىلىپ يۇرمەكتە ،چۇنكى ھازىر بىزلەردە <<موللا>> كۆپ،ئۇلار بىرەر ئىش يۇز بەرسە چاقارمىسىمۇ ،شۇ نەقمەيدانغا قوناقلىقتىن موزاي چىققاندەك پەيدا بولغىنى بولغان ،بىز شۇنڭغا كۆنگەن ،موللام تەييار ئەمەسمۇ بىزلەرگە ،شۇڭا
ئوينايلى دوسلار كۇلەيلى دوسلار بۇلبۇلدەك ناۋا ئەۋەيلەپ كۈيلەيلى دوسلار ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!!!
جىسمىمىز ئىسىمىمىزغا ماس كەلمەي ،دۇنياغا تۇغۇلۇپ تۇنجى ئاڭلىغان <<ئاللاھۇ ئەكبەر>>نىڭ مەنىسىنى چۇشەنمەي ئۆتۇپ كىتىپ بارىمىز ،
|
|