نۇرس |
2011-09-04 09:22 |
ئەي غاپىل سائىد! بىلكى: خاتا ھىسلىرىڭ تۈپەيلى، ۋاقىتلىق بولغان دۇنيانى ئۆلمەس ۋە دائىمى كۆرۈۋاتىسەن. ئەتراپىڭغا ۋە دۇنياغا قارىغان ۋاقتىڭدا، ئۇلارنى بىر دەرىجە سابىت(تۇراقلىق، مۇقىم، ئۆزگەرمەس) ئويلىغانلىقىڭدىن، پەقەت قىيامەتنىڭ قوپىشىدىن قورقۇۋاتىسەن. گويا قىيامەتكىچە ياشىيالايدىغاندەك، شۇنىڭدىنلا قورقۇۋاتىسەن. ئەقلىڭنى بېشىڭغا ئال. سەن ۋە سېنىڭ خۇسۇسى دۇنياسىڭ، دائىما زاۋال تېپىش(كونىراش، بۇزۇلۇش، بىر كېسەلدىن كېيىن يەنە بىر كېسەل بولۇش، قېرىش، ئۆلۈش... ) ۋە يوقۇلۇش زەربىسىگە ئۇچراۋاتىدۇ. سېنىڭ بۇ خاتا ۋە مەنىسىز ھىسلىرىڭ(يەنى، دۇنيانى دائىمى دەپ ئويلاش ھىسى) تۆۋەندىكى مىسالغا ئوخشايدۇ: بىر ئادەم قولىغا بىر ئەينەك ئېلىپ بىر ئۆيگە ياكى بىر شەھەرگە ياكى بىر باغچىغا تۇتسا، ئەينەكتە بىر ئۆي ياكى بىر شەھەر ياكى بىر باغچىنىڭ مىسالى كۆرۈنىدۇ. ئىنچىكە بىر ھەرىكەت ۋە كىچىك بىر سوقۇلۇش تۈپەيلى ئەينەك سۇنۇپ، ئىچىدىكى شەھەر ۋە باغچا خانۇۋەيران بولىدۇ. بۇ چاغدا سىرتتىكى ھەقىقى ئوي، شەھەر ۋە باغچىنىڭ داۋام قىلىشى ۋە باقىلىقى ئۇ كىشىگە پايدا بەرمەيدۇ. چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ قولىدىكى ئەينەكتىكى ئۆي ۋە ئۇ كىشىگە ئائىت شەھەر ۋە باغچا، پەقەت ئەينەكنىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن مىقياس ۋە مىزانى بىلەن بولىدۇ. سېنىڭ ھاياتىڭ ۋە ئۆمرۈڭ ئەينەككە ئوخشايدۇ. سېنىڭ دۇنياسىڭنىڭ بارلىقى، ئەينىكى ۋە مەركىزى- سېنىڭ ئۆمرۈڭ ۋە ھاياتىڭدۇر. ھەربىر مىنۇتتا ئۇ ئەينەك(ھايات ۋە ئۆمۈر) چېقىلىپ، ئۆي، شەھەر ۋە باغچىنىڭ ئۆلىشى ۋە خاراپ بولۇشى مۇمكىن بولغاچقا، ھەربىر مىنۇت سېنىڭ قىيامىتىڭ قوپىدىغان بىر ۋەزىيەتتەسەن. (چۈنكى ھاياتىڭ ئاياقلاشسا سىرىتقى دۇنيانىڭ ساڭا ھىچ تەسىرى قالمايدۇ. «ئۆلۈم خۇسۇسىي بىر قىيامەتتۇر» __تەرجىماندىن ) مادەمكى ھەقىقەت بۇدۇر؛ سەن، بۇ ھاياتىڭغا ۋە دۇنياسىڭغا، كۆتۈرەلمەيدىغان ۋە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان يۈكلەرنى يۈكلىمە!...
___ بەددىئۇززامان سائىد نۇرسى
|
|