查看完整版本: [-- روزا ھېيت نامىزى توغرىسىدا --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> روزا ھېيت نامىزى توغرىسىدا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

era13 2011-08-30 21:57
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار! ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ ئۇلۇغ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن. ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ رامىزان ئېيىدىكى ئىبادەتلىرىنىڭ ئاللانىڭ دەرگاھىدا مەقبۇلىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىشىنى، گۇناھلىرىنىڭ ئۇلۇغ رامىزان ئايلىرىدا ئاللا تەرىپىدىن كەچۈرۈلگەن بولىشىنى تىلەيمەن.   
شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭنىڭ كۈندىلىك رامىزانلىق ۋاقىت جەدۋىلىنى مىسرانىم تورى ئارقىلىق تارقىتىلىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن مىسرانىم تورىنىڭ قۇرۇغۇچىسى ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم ئەپەندىمگە ئوتلۇق سالىمىمنى يوللايمەن.   
رامىزانلىق ۋاقىت جەدۋىلى ھەققىدە قىسقىچە خۇلاسە: ئۇيغۇر ھاۋارايى تورى تەرىپىدىن تەھرىرلىنىپ، ئۇيغۇر ھاۋارايى تورى ۋە مىسرانىم مۇنبىرى ئارقىلىق تارقىتىلغان رامىزانلىق ۋاقىت جەدۋىلى كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى، رامىزان ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ مىسرانىم تورىدىكى ئومۇمىي چېكىلىش سانى 25000 غا يېقىنلاشتى ۋە بۇ سان ئۇيغۇر ھاۋارايى تورىدىكى چېكىلىش سانىنىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر بولدى، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى كۆپنىڭ كۈچى كۆپ، مىسرانىم تورىنىڭ بىزگە مۇشۇنداق بىر سەھنە ھازىرلاپ بېرىلگەنلىكىدىن ھەر بىر تورداش سۆيۈنۈشكە تېگىشلىك. ئەمدى ناماز ۋاقتىغا كەلسەك، بىر قىسىم تورداشلار ناماز ۋاقتى بولۇپمۇ ئەسىر (دىگەر) نامىزىنىڭ ۋاقتىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈشتى، بىز بۇ ھەقتە توختىماي ئەسكەرتىش بەردۇق، چۈنكى بىر قىسىم تورداشلار جەدۋىلىمىزدىكى ۋاقىتنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەستىقلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا بىزنىڭ ۋاقىتنى ئۆزگەرتىشىمىز ئاقىلانىلىك ئەمەس ئىدى. ئەمما بىر قىسىم تورداشلار ۋاقتى ناھايىتى ئېنىق ، توغرىلىق نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئىفتارلىق (ناماز شام) ۋاقتىغا نىسبەتەن گۇمانىنى ئۆز رايونىنىڭ ئەزان ۋاقتىغا باغلاپ بىزدىن خاتالىق ئىزدىمەكچى بولدى(نىھايەت، ئەگەر ئۇلار ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۈن پاتقىنىنى كۆرگەن، ھەمدە بۇ ۋاقىت بىلەن بىزنى تەمىن ئىتىپ ئۆزىنىڭكىنى راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولسا بىز ئەلۋەتتە خۇرسەن بولغان بۇلاتتۇق)، ئەمما بىز ئۇنداقلارنىڭ پىكىرلىرىگە قۇلاق سالمىدۇق، تورداشلار شۇنىمۇ بىلىپ يېتىشى زۆرۈركى بىر قىسىم رايونلاردا بولۇپمۇ ناماز شامغا ئېيتىلغان ئەزان كىچىكىپ قالىدۇ. ئەزان ئېيتىلىشتىكى پەرق يەرلىك ھەتتا مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەردىمۇ بەلگىلىك پەرقلەر ساقلانغان، بۇ يەردە نوقۇل ھالدىكى ئۆزى بارىدىغان مەسچىتنىڭكىنىلا توغرا دەپ باشقا مەسچىتنىڭ ئەزان ۋاقتىنىڭ سائەت نەچچىدە ئېيتىلىدىغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلارمۇ مەۋجۇد، شۇڭا تورداشلارنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرۇۋالىدىغان خاھىشىنى تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللا خالىسا كىلەر يىلقى رامىزان ۋاقتىدا تورداشلار ئارىسىدا ئىختىلاپتىن خالىي ھالدىكى ناماز ۋاقتى ۋە سۇھۇرلۇق، ئىفتارلىق ۋاقتىنى تەمىن ئېتىشكە تىرىشىمىز.
روزا ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى
ئا- روزا ھېيت نامىزى بولسۇن، قۇربان ھېيت نامىزى بولسۇن، ھېچبىر ھېيت نامىزىغا ئەزان - تەكبىر ئوقۇلمايدۇ.   
ئە- ئىمامنىڭ ياكى مەزىن (مۇئەززىن) نىڭ «ھازىر ناماز باشلىنىدۇ دېگەندەك» ئېلان قىلىشى بىلەن جامائەت ئورنىدىن تۇرۇپ سەپ بولىدۇ.
ب- بۇ ئەسنادا ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدە روزا ھېيت نامىزى ئوقۇش نىيىتى بولىدۇ. نىيەتنى ئاغزىدا سۆزلەش ياخشى ئەمەس، چۈنكى نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر.   
پ- ئالدى بىلەن ئىمام «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا شۇرۇ قىلىدۇ (نامازغا باشلايدۇ)، جامائەت ئىمامغا ئەگىشىپ، ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا شۇرۇ قىلىدۇ.   
ت- ئىمام ۋە جامائەت ئىچىدە سانا (سۇبھانەكەللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە ۋەتەبارەكەسمۇكە ۋەتەئالا جەددۇكە ۋەلائىلاھە غەيرۇكە نى) ئىچىدە ئوقۇيدۇ.
ج- سانادىن كېيىن ئىمام ئۈچ قېتىم ئۈنلۈك «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ. ئىمامنىڭ ھەر تەكبىر ئېيتىشىدا جامائەت ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ. 
چ- ئاندىن ئىمام ئىچىدە «ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىم، بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم» نى ئوقۇغاندىن كېيىن، فاتىھە سۈرىسىنى ۋە باشقا بىرسۈرىنى (بۇ سۈرىنىڭ ئەئلا سۈرىسى بولۇشى ياخشىدۇر) ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ. جامائەت جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ.   
خ- ئاندىن ئىمام «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ. ئاندىن ئىمام «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ. ھېيت نامازلىرىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە ئوقۇلىدىغان زىكىر - تەسبىھلەر باشقا نامازلاردىكىگە ئوخشاشتۇر.   
د- ئاندىن ئىمام «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككى سەجدىدىن باش كۆتۈرۈپ ئىككىنچى رەكئەتنى ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» ئورنىدىن تۇرۇشىدۇ.  
ر- ئىمام ئورنىدىن تۇرۇپ ئىچىدە «بىسمىللاھ» نى ئوقۇغاندىن كېيىن فاتىھەنى ۋە بىر سۈرىنى (بۇ سۈرىنىڭ غاشىيە سۈرىسى بولۇشى ياخشىدۇر) ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ، جامائەت جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ.   
ژ- ئىمام قىرائەتتىن كېيىن يەنى فاتىھەنى ۋە بىر سۈرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئۈنلۈك تەكبىر ئېيتىدۇ، جامائەتمۇ ھەر تەكبىردە ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ. 
س- ئاندىن ئىمام قايتا «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ تۆتىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ رۇكۇغا بارىدۇ، جامائەت ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ. 
ش- ھېيت نامىزىنىڭ قالغان قىسمى ئادەتتىكى نامازغا ئوخشايدۇ، يەنى ئولتۇرۇش، ئەتتەھىيياتۇ دۇرۇت ۋە دۇئالار باشقا نامازلاردا قانداق ئوقۇلسا، ھېيت نامىزىدىمۇ شۇنداق ئوقۇلۇپ، ناماز ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ. 
غ- ئىمام نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن جۈمە خۇتبىسىگە ئوخشاش ئىككى خۇتبە ئوقۇيدۇ، جامائەت جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلايدۇ. 
ئىككىنچى خۇتبىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ھېيت نامىزى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. 
يىغىپ ئېيتقاندا ھېيت نامىزى ئىككى رەكئەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەتتىكى نامازغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمامنىڭ بەرگەن تەلىمىگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىشىمىز ۋە ھېيت نامىزىنى شۇ بويىچە ئوقۇشىمىز كېرەك. 
روزا ھېيت نامىزى توغرىسىدا
روزا ھېيت نامىزىنىڭ قاچان يولغا قويۇلغان: 
روزا ھېيت نامىزى، رۇزىنى ئاچىدىغان كۈندە ئوقۇلىدىغان ناماز بولۇپ، ھىجرىيەنىڭ بىرىنچى يىلى يولغا قويۇلغان. روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان كۈن، شەۋۋال ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىدۇر. 
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇيدىغان يەرگە كەلسە، ئەۋۋەل ناماز ئوقۇيتتى. نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ سەپلىرىدە ئولتۇرۇپ تۇرۋاتقان ۋاقتىدا ئۇلارغا قاراپ ۋەز - نەسىھە ت قىلاتتى، تەۋسىيەدە بۇلاتتى ۋە ئۇلارنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيتتى. ئەگەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر يەرگە قوشۇن ئەۋەتمەكچى بولسا، ئەۋەتەتتى. ياكى بىر ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇق بەرمەكچى بولسا، بۇيرۇق بىرەتتى. ئاندىن قايتىپ كېلەتتى.  ]sP  
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرى ئەۋۋەل نامازنى ئوقۇيتتى، ئاندىن خۇتبە ئوقۇيتتى.  
روزا ھېيت نامىزىنىڭ ھۆكمى:   
شەھەرلەردە ياكى چوڭ كەنتلەردە ئولتۇرۇۋاتقان ۋە نامازغا كېلەلەيدىغان ئادەم ئۈچۈن روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنى داۋام قىلغان ۋە كىشىلەرنى بۇ نامازغا چىقىشقا بۇيرۇغان. بۇ ھەقتە ئۇممۇ ئەتىيە مۇنداق دەيدۇ: بىز ئىككى ھېيت كۈنلىرى (ناماز ئوقۇلىدىغان يەرگە) چىقىشقا بۇيرۇلدۇق. ھەتتا بىز قىزلارنى ئۆلار پۈركۈنۈپ تۇرىدىغان پەردىلەرنىڭ ئىچىدىن ۋە ھەيزدار ئاياللارنى ئېلىپ چىقاتتۇق .ئۇلار ئۇ كۈننىڭ بەرىكىتىنى ۋە پاكلىقىنى ئۈمىد قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ كىشىلەر ئېيتقان تەكبىرلەرنى ئۇلار بىلەن بىللە ئېيتاتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە دۇئا قىلاتتى.   
ئەمما مۇساپىرگە، ئايال كىشىگە، كېسەل ئاجىز كىشىگە، قۇلغا ۋە تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالىغا روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىب ئەمەس. روزا ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى:   
روزا ھېيت نامىزى چاشكا نامىزىنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇلىدۇ. روزا ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن ئۇپۇقتىن نەيزە بۇيى كۆتۈرىلىپ ئاقىرىشقا باشلىغاندىن تارتىپ تاكى كۈن ئىگىلگەنگە قەدەر داۋام قىلىدۇ. ئەگەر كۈن ناماز ئوقۇپ تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا ئېگىلىپ قالسا، ناماز بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. يامغۇر ياغقانغا ياكى ئىمامنىڭ كەلمىگىنىگە ياكى ھاۋا تۇتۇق بولۇپ ئاينى كۆرەلمەي، ئۇنى كۈن ئىگىلگەندىن كېيىن كۆرگەنگە ئوخشاش بىرەر ئۆزرىنىڭ سەۋەبىدىن روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنى ئىككىنچى كۈنىگە كىچىكتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئۆمەير ئىبنى ئەنەس مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ئەنسارلىق تاغام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا كىشىلەرنىڭ رامزاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كىچىسىنىڭ ئاخشىمى يېڭى چىققان ئاينى كۆرەلمىگەنلىكىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ روزا تۇتقانلىقىنى، ئەتىسى كۈن ئىگىلىپ كېتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئۆزلىرىنىڭ كېچىدە يېڭى ئاينى كۆرگەنلىكىدىن گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئېغىزلىرىنى ئېچىۋېتىشقا بۇيرۇغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى ئېچىۋاتقانلىقىنى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا ئەتىسى روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن.  
ھېچقانداق بىر ئۆزرە بولماي تۇرۇپ روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنى ئىككىنچى كۈنىگە كىچىكتۈرۈش توغرا ئەمەس.   
روزا ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى   
روزا ھېيت نامىزىمۇ جۈمە نامىزىغا ئوخشاش ئىككى رەكەت بولۇپ، جامائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. لېكىن، روزا ھېيت نامىزىدا ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس ۋ جابىر (اﷲ تائالا ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) مۇنداق دەيدۇ: روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرىغا ئەزان ئوقۇلمايتتى.   
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنى چىقىپ ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇماستىن نامازنى باشلاپ ئوقۇپ بەرگەن. روزا ھېيت نامىزىنى قازا قىلىۋەتكەن ئادەم ئۇنى ئۆزى يالغۇز ئوقۇمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا باشقا مەسچىتكە بېرىش مۇمكىن بولسا، نامازنى شۇ مەسچىتكە بېرىپ ئوقۇيدۇ. چۈنكى، روزا ھېيت نامىزىنى بىر نەچچە يەردە ئوقۇش توغرا بولىدۇ.   
ھېيت نامىزىنىڭ تەكبىرلىرىنى ئېيتىش ۋاجىپتۇر. ئۇ تەكبىرلەر ھەر بىر رەكەتتە ئۈچ قېتىم ئېيتىلىدۇ. بىرىنچى رەكەتتە ئىمام تەكبىرلەرنى، نامازنى باشلاپ "سۇبھانەكەللاھۇممە" نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئايەت ئوقۇشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئېيتىدۇ. ئىمامغا ئىقتىدا قىلغانلارمۇ تەكبىرلەرنى ئىمامغا ئەگىشىپ ئېيتىدۇ. ھەر قېتىم تەكبىر ئېيتقاندا قوللىرىنى قۇلىقىنىڭ يۇمشۇقىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرىدۇ ۋە تەكبىرنى ئېيتىپ بولۇپ تاشلاپ تۇرىدۇ. ئىمام ھەر ئىككى تەكبىرنىڭ ئارىلىقىدا ئىقتىدا قىلغان ئادەملەر تەكبىرنى ئېيتىپ بولغانغا قەدەر ساقلاپ تۇرىدۇ. ئىككى تەكبىرنىڭ ئارىلىقىدا: "سۇبھانەللاھ ۋەلھەمدۇلىللاھ ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋە للاھۇ ئەكبەر" دەپ دېيىش خاتا ئەمەستۇر.   
ئىككىنچى رەكەتتىمۇ تەكبىر سۈرە فاتىھە ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ بىر سۈرە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ئۈچ قېتىم ئېيتىلىدۇ. تەكبىرلەرنى بىرىنچى رەكەتتە ئايەتلەرنى ئوقۇشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ۋە ئىككىنچى رەكەتتە ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېيتىشنىڭ سەۋەبى بولسا، ئىككى رەكەتتە ئوقۇلغان ئايەتلەرنىڭ ئارىسىغا بىر پاسىل چۈشمىسۇن، دېگەنلىك ئۈچۈندۇر. ئەگەر تەكبىرلەرنى ھەر بىر رەكەتنىڭ بېشىدا ئېيتسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئەڭ ياخشىسى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە ئېيتىشتۇر.  
مانا تەكبىرنى بىرىنچى رەكەتتە ئۈچ قېتىم ۋە ئىككىنچى رەكەتتە ئۈچ قېتىم ئېيتىپ جەمى ئالتە تەكبىر ئېيتىش بولسا، ئىبنى مەسئۇد ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ قىسىمدىكى ساھابىلارنىڭ (اﷲ تائالا ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) تۇتقان يولىدۇر.  
ئەگەر ئىمام ھېيت نامازلىرىدا تەكبىرلەرنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئېيتسا، ئىقتىدا قىلغان ئادەممۇ تەكبىرلەرنى ئىمامغا ئەگىشىپ شۇنچە قېتىم ئېيتىدۇ. چۈنكى، ھېيت نامازلىرىدا تەكبىرلەرنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق دېيىشمۇ بەزى ساھابىلاردىن رىۋايەت قىلىنغان ئىشتۇ ر. 
ئەگەر ئىمام بىرىنچى رەكەتتە ئىسىدە يوق تەكبىرلەرنى ئېيتماي ئايەتلەرنى باشلاپ كەتكەن ۋە ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تەكبىرلەرنى ئېيتمىغانلىقى ئىسىگە كەلگەن بولسا، تەكبىرلەرنى ئېيتىدۇ ئاندىن ئايەتلەرنى قايتا ئوقۇيدۇ. ئەمما تەكبىرلەرنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىسىگە كەلگەن بولسا، تەكبىرلەرنى ئېيتماستىن نامازنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۋېرىدۇ ۋە نامازنىڭ ئاخىرىدا سەھۋە سەجدىسىنى قىلىدۇ.  
ئەگەر بىر ئادەم بىرىنچى رەكەتتە ئىمامغا، ئىمام تەكبىرلەرنى ئېيتىپ بولۇپ تۇرغاندا يىتىشكەن بولسا، ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى ئىمام ئايەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى تاكى ئىمام رۇكۇ قىلغانغا قەدەر ئېيتمىغان بولسا، ئىمام بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىدۇ ۋە تەكبىرلەرنى قوللىرىنى كۆتۈرمەستىن رۇكۇدا تۇرۇپ ئېيتىدۇ.  
ئەگەر بىر ئادەم نامازنىڭ بىرىنچى رەكەتىگە ئۈلگۈرەلمىگەن بولسا، ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى ئۇ رەكەتنىڭ قازاسىنى قىلغىلى ئورنىدىن تۇرغاندا، ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېيتىدۇ. 
روزا ھېيت نامىزىنىڭ خۇتبىسى 
ھېيت نامىزىنىڭ كەينىدىن ئىمامنىڭ ئىككى خۇتبە ئوقۇشى سۈننەتتۇر. ئىمام ئىككى خۇتبىنىڭ ئارىلىقىدا بىر قېتىم يەڭگىل ئولتۇرىۋالىدۇ. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام (ھېيت كۈنلىرى) ئەۋۋەل ناماز ئوقۇدى. ئاندىن كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلىدى. (يەنى تەشۋىق قىلدى) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبىنى سۆزلەپ بولۇپ مۇنبەردىن چۈشۈپ ئاياللارنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلدى. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىتىكىنى يېيىپ تۇراتتى. (سەدىقە قىلماقچى بولغان ئاياللار) سەدىقىسىنى ئۇنىڭ ئىتىكىگە تاشلايتتى.  
ئىمام مۇنبەرگە چىققان ۋاقتىدا خۇتبە ئوقۇماستىن ئولتۇرمايدۇ. چۈنكى، ئەسلىدە مۇنبەرگە چىققاندىن كېيىنلا مۇنبەردە ئولتۇرۇش، مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇپ بولىشىنى كۆتۈپ تۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئەمما ھېيت نامازلىرىنىڭ خۇتبىسىدە ئەزان ئوقۇلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمامنىڭ مۇنبەرگە چىقىپلا خۇتبە ئوقۇماستىن ئۇنىڭدا ئولتۇرۇشىغا بولمايدۇ.   
ئىمامنىڭ بىرىنچى خۇتبىدە خۇتبىنى باشلاشتىن ئىلگىرى توققۇز قېتىم، ئىككىنچى خۇتبىدە خۇتبىنىڭ بېشىدا يەتتە قېتىم، ئاخىرىدا ئون تۆت قېتىم تەكبىر ئېيتىشى مۇستەھەپتۇر.
روزا ھېيت كۈنلىرى قىلىش سۈننەت قىلىنغان ئىشلار 
روزا ھېيت كۈنلىرى نامازغا چىقىشتىن ئىلگىرى تاتلىق بىر نەرسە يېيىش سۈننەتتۇر. خۇرما يېيىش ئەڭ ياخشىدۇر. لېكىن، ئۈچ دانە، بەش دانىگە ئوخشاش تاق بولۇشى لازىمدۇر. بۇ ھەقتە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت كۈنى ھەتتا تاق قىلىپ بىر نەچچە تال خۇرما يىۋالمىغۇچە نامازغا چىقمايتتى.
ئۇ كۈندە يۇيۇنۇش، مىسۋاك قىلىش، خوش بوي نەرسە قوللۇنۇش، چىرايلىق كىيىم كېيىش، نامازغا كەلگىچە يولدا ئىچىدە تەكبىر ئېيتقاچ كېلىش، ئۈستۈدىكى پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىش ۋە خۇش چىراي بولۇش سۈننەتتۇر. 
بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنى قىزىل تون كىيەتتى.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى ھېيت كۈنلىرى ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيەتتى، دېدى.   
نامازغا ماڭغان ئادەم ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان يەرگە يېتىپ كەلگەنگە قەدەر يولدا تەكبىر ئېيتىپ ماڭىدۇ. 
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككى ھېيت كۈنلىرى تاكى ناماز ئوقۇيدىغان يەرگە كەلگەنگە قەدەر (يولدا) تەكبىرلەرنى ئاۋازلىق قىلىپ ئېيتىپ كېلىدىغانلىقى ۋە ئۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنمۇ تاكى ئىمام كەلگەنگە قەدەر تەكبىر ئېيتىپ تۇرىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. 
تەكبىرنىڭ شەكلى مۇنداقتۇر: ئەللاھۇ ئەكبەر. ئەللاھۇ ئەكبەر. لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ. ۋەللاھۇ ئەكبەر. ئەللاھۇ ئەكبەر. ۋە لىللاھىل ھەمدۇ.  
يەنى ئىككى قېتىم "ئەللاھۇ ئەكبەر" دەپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم "لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ" دەپ دېيىلىدۇ ئاندىن يەنە ئىككى قېتىم "ئەللاھۇ ئەكبەر" دەپ دېيىلىدۇ. ئەڭ ئاخىردا "ۋە لىللاھىل ھەمدۇ" دەپ دېيىلىدۇ. بۇ تەكبىرنى ئاۋازلىق قىلىپ ئېيتىش ۋاجىپتۇر. شۇنداق قىلىشنى سۈننەت دېگەن قاراشمۇ بار. ئەمما ئايال كىشى تەكبىرنى ئىچىدە ئېيتىدۇ.   
تەكبىرنى بۇ شەكىلدە ئېيتىش ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغاندۇر.   
ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تاكى ئۆيگە قايتىپ كەلگەنگە قەدەر نەپلە ناماز ئوقۇلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇزى ھېيت كۈنى ناماز ئوقۇيدىغان يەرگە چىقىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ بەردى. بۇ ئىككى رەكەت نامازدىن ئىلگىرى ۋە يا ئۇنڭدىن كېيىن ھېچقانداق ناماز ئوقۇمىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىلالمۇ بار ئىدى.
روزا ھېيت كۈنى نامازغا بارغان ئادەم نامازغا بېرىشتا باشقا يول بىلەن، كېلىشتە باشقا يول ماڭىدۇ. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت كۈنىدە يولنى ئالماشتۇراتتى. يەنى نامازغا بېرىشتا باشقا يول بىلەن كېلىشتە باشقا يول بىلەن ماڭاتتى. 


مەنبەسى:http://bbs.misranim.com/read.php?tid=59237


查看完整版本: [-- روزا ھېيت نامىزى توغرىسىدا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.052065 second(s),query:2 Gzip enabled

You can contact us