查看完整版本: [-- كەڭ سايغا تىما ،فىلىم يوللاش قائىدىسى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> كەڭ سايغا تىما ،فىلىم يوللاش قائىدىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

samanyoli 2011-08-29 15:02




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ ساي ئەھلى،،،
بەزى تورداشلىرىمىزنىڭ تىما يوللاش ياكى سۈرەت يوللاش دىگەن مەسىلىلەردە قىينىلىپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مەزكۇر تىمىنى ئىشلەپ چىقتىم،،،تىما ئىنكاس ،سۈرەت ياكى كىنولارنىڭ ئادرىسىنى ئۇلانما قىلىپ يوللاشنى بىلىدىغان تورداشلار بۇ تىمىنى كۆرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ،مۇشۇنداق ئاددى ئىشلارنىمۇ تىما قىلىپ يوللىغان بارمۇ دەپ كايىپ كەتمىگەيسىزلەر،،،بۇرۇن مەنمۇ بىلمەيتتىم،،،ئۆگىتىدىغان ئادەم بولمىغاندا ماڭىمۇ خېلى تەس توختىغان ئىدى،،
بىلمىگەنلەرگە ئۆگىتەيلى ،ھەممىلا ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا بىلىپ كەتمەيدۇ،ئاستا ئاستا ئۆگىنىدىغان گەپ،،،،
ئەمىسە باشلىدۇق ،،مۇنبەرگە تىزىملىتىشنى دىمىسەممۇ بولا ھەقاچان،،،ئىنكاس يېزىش دىگەننىمۇ دىمىسەكمۇ بولا،،بۇلار ئاددى،،،



ئەمدى تىما يوللاش قائىدىسنى ئۆگىنەيلى،،

ئالدى بىلەن مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىمىز ئاندىن مۇنبەرنىڭ ئاستىغىراق چۈشسەك،ئاستىدا بىز يوللىماقچى بولغان مەزمۇنلارغا خاس سەھىپىلەر بار،ئۇ يەردىن ئۆزىمىز يوللىماقچى بولغان ئەسەرگە ماس سەھىپىنى چېكىمىز،،،مەسىلەن خەلقئارا خەۋەرلەر دىگەندەك،،،ئاندىن ئېچىلغان سەھىپىگە قارىساق تىما دەپ چوڭراق قىزىل خەتلىك بىر جاي بار،،،ئۇنى چەكسەك بىز تىما يازىدىغان كۆزنەك ئېچىلىدۇ،،،ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى رەسىمنى پايدىلنىش ماتىريالى قىلايلى [attachment=12073]




   قىزىل رەڭ بىلەن بىرىنچى دەپ نومۇر قويۇلغان يەرگە تىما ماۋزۇسىنى يازىمىز ،ئاندىن ئاستىدىكى چوڭ كۆزنەككە تىما مەزمۇنىنى يازىمىز،،،يېزىپ بولغاندىن كېيىن يوللاش دىگەننى باسساقلا بولدى ،،ئىش تامام  باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىغاندىن كېيىن مۇنبەر يۈزىگە چىقىدۇ،،ئەمدى تىما خەتلىرىگە رەڭ بەرمەكچى بولساق،رەڭلەندۈرمەكچى بولغان قىسمىنى مائۇس بىلەن سىزىپ ئاندىن قىزىل رەڭ بىلەن ئىككىنچى دەپ نومۇر قويۇلغان يەرنى چەكسەك كىچىك بىر رەڭلەندۈرۈش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ،ئۇ كۆزنەكتىكى رەڭلەرنى بىرىنى تاللاپ چېكىپ قويساقلا بولدى ،ئىش تامام،،،،خەت ئاستىنى رەڭلەندۈرمەكچى بولساق ،يۇقىرىقى مەشغۇلات بويىچە ئۈچىنچى دەپ نومۇر قويۇلغان يەرنى چېكىپ رەڭنى تاللاپ قويساقلا بولىدۇ ،،،مانا ،مۇشۇنچىلىك،،



ئەمدى گۈل قىستۇرۇش توغرىلىق ئازراق سۆزلەپ قويايلى،


يوللىماقچى بولغان تىمىلارنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن خەتلەرگە رەڭ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا گۈللەرنى قىستۇرۇشقىمۇ بولىدۇ ،،بۇمۇ ئادى،،تىمىلارنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن مائۇس بەلگىسىنى ئۆزىمىز گۈل قىستۇرماقچى بولغان يەرگە توختىتىپ بىرنى چېكىپ قويىمىز ئاندىن سەل ئۈستىگىرەك قارىساق تىما بېزەش رەسىمى دىگەن بىر يەر بار،،شۇنى تېپىپ چەكسەك بىر بەت ئېچىلىدۇ ،ئۇيەردىن تىما بېزەش رەسىمى بىرىنچى دىگەننى چېكىمىز (2 -دىگەننى چەكسەكمۇ بولىدۇ)ئاندىن يەنە بىر بەت ئۆرۈلۈپ نۇرغۇن گۈللەر كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ،،بىز گۈللەردىن چىرايلىقىدىن بىرسىنىڭ ئۈستىگە مائۇس بەلگىسىنى ئەكىلىپ مائۇس ئوڭ تەرەپنى چەكسەك
بىر تىزىملىك ئېچىلىدۇ،ئۇتىزىملىكتىن ئەڭ ئاستىدىكىسىنى مائۇس سول تەرەپ بىلەن چەكسەك يەنەبىر تىزىملىك ئېچىلىدۇ،ماۋۇ رەسىمدىكىدەك [attachment=12074]
ئۇنىڭدىكى قىزىل سىزىق بىلەن بويالغان يەردىكى ئادرىس دەل بىز تاللىغان گۈلنىڭ ئادرىسى بولىدۇ،،بىز ئۇنى مائۇسقا كۆچۈرۈۋالىمىز،ئاندىن جەزىملەشنى بېسىپ تىما مەزمۇنى بار بەتنى ئاچىمىز ،،ئاندىن توۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بىرىنچى ئورۇننى چەكسەك ھىلىقى گۈل ئادرىسىنى قىستۇرۇش ئورنى ئېچىلىدۇ (2-دەپ بەلگە سېلىنغان ئورۇن)،ئۇيەرگە مائوستىكى ئادرىسنى چاپلايمىز،ئاندىن جەزىملەش دىگەننى باسىمىز ،بولدى ئىش تامام ، [attachment=12075]
گۈلنىڭ ئورنىنى تەڭشەش ئۈچۈن خەتكە رەڭ بېرىدىغان رەڭلىك بەلگىلەرنىڭ ئوڭ يېنىدىكى پاراللىل تۇرغان سىزىقلارنى بېسىپ باقسىڭىز  بولىدۇ،بىر دەمدىلا تەڭشىيەلەيسىز.
تىما ئىنكاس يوللىغاندىن كېيىن بەزى يەرلىرى خاتا كەتكەن بولسا ھودۇقماڭ،،بۇنىڭمۇ چارىسى ئاسان،،شۇ تىما ياكى ئىنكاسىمىزنىڭ ئۈستىدە  تەھرىلەش دىگەن بىر خەت بار شۇنى چەكسەك بىز يازغان تىما ياكى ئىنكاسلىرىمىز تەھرىرلەش ھالىتىگە كېلىدۇ،،خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تۈزىتىپ ئاندىن يوللاش دىگەننى بېسىۋەتسەكلا ئىش تامام،،،



ئەمدى كەلدۇق سۈرەت يوللاش ،،


بۇمۇ بەك ئاددى،،توۋەندىكى رەسىمگە قاراڭلار،، [attachment=12076]
ئالدى بىلەن تىما ماۋزۇسىنى يازىمىز ئادەتتىكىدەك،
تىما يازىدىغان بۆلەكنىڭ ئاستىدا  (بىرىنچى بەلگىسى سېلىنغان )بىر خەت بار،شۇنى چەكسەك كومپيوتىرىمىزدىكى رەسىملەرنى چىقىرىش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ،ئۇيەردىن رەسىملەردىن بىرنى تاللاپ جەزىملەش دىگەننى باسىمىز ،ئاندىن ئىككىنچى بەلگىسى سېلىنغان يەرنى چېكىمىز ئاندىن يوللاش دىگەننى باسىمىز ،بولدى ئىش تامام،،باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىسا رەسىم مۇنبەرگە چىقتى دىگەن گەپ،،،رەسىم كۆپ بولسىمۇ مەيلى ،يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىيۋەرسىڭىز بولىدۇ،بىرىنچى دەپ بەلگە سېلىنغان خەتمۇ تۇگەپ كەتمەي چىقىيۋېرىدۇ ،،قوقماڭ،،




بۇمۇ پۇتتى،،ئەمدى كەلدۇق فىلىم يوللاش قائىدىسگە،،
ئادەتتە بىز مۇنبەرلەردە كۆرىدىغان ياكى كىنو بەتلىرىدە كۆرىدىغان فىلىملەر مۇنبەر ياكى ئۇيغۇرچەكىنو بەتلەرگە تەئەللۇق ئەمەس،پەقەت سىزگە ياكى ماڭا ئوخشاش كىشىلەر ئۇ فىلىملەرنى ئۇلانما قىلىش شەكلى بىلەن مۇنبەرگە ئۇلاپ قويىدۇ،،،مېنىڭ بىلىشىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى ئاران بىرلا فىلىم تور بېتى بارمىكىن دەيمەن،،ئاق لالە دەپ ،بۇ فىلىم تور بېتىنىڭ ئادرىسىنى ئۇلاپ قوياي ،مۇشۇ شۇ،،http://www.aqlale.com/
ئادەتتە بىز كۆرىدىغان سانسزلىغان فىلىملارنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە فىلىم تور بەتلىرىگە تەئەللۇق بولۇپ ئۇ فىلىملەرنىڭ فىلەش ئادرىسىنى ئۇلانما قىلىپ قويىمىز ،شۇنىڭ بىلەن مۇنبەرلەردە خاتىرجەم كۆرگىلى بولىدۇ،،ئىنتىرنىت دىگەننىڭ ئەڭ ياخشى ئىشىلىرىنىڭ بىرسى مۇشۇ شۇ دە،،،،
فىلىم يوللاش ئۈچۈن يەنە ئادەتتىكدەك تىزىملىتىپ كىرىمىز ئاندىن مۇنبەر ئاستىغىراق چۈشسەك ساياھەت ،كۆڭۈل ئېچىش ،ناخشا مۇزىكا فىلىم دىگەن بىر سەھىپە بار،ئۇنى چېكىمىز ئاندىن تىما دىگەن چوڭ خەتنى چېكىمىز ئاندىن تىما يوللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ،ماۋزۇ يازىمىز ئادەتتە تىما يوللىغاندەك ،تۆۋەندىكى رەسىمگە دىققەت قىلىڭ [attachment=12077]  بۇنىڭدىن بىرىنچى دەپ بەلگە سېلىنغان يەرنى چېكىپ چىققان كۆزنەككە يەنى ئىككىنچى دەپ بەلگە سېلىنغان يەرگە بىز يوللىماقچى بولغان فىلىمنىڭ فىلەش ئادرىسىنى چاپلايمىز،بۇ گەپ مۇشۇ يەردە تۇرپ تۇرسۇن ،فىلىملەرنىڭ ئادرىسىنى تېپىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۇرۈپ ئۆتەي،
ئادەتتە ھەرقانداق فىلىمنىڭ ئادرىسى بولىدۇ ،ئۇيغۇرچە بەتلەردە ،يەنى ئۇلانما شەكلىدە كۆرىۋاتقان فىلىملەردە بولمىغان بىلەن ئەسلى مەنبەدە بولىدۇ ،بۇ رەسىمگە قارايلى، [attachment=12078]
بۇنىڭدىكى بىرىنچى دەپ بەلگە سېلىنغان خەتنى چەكسەك بىر كىچىك تىزىملىك چىقىدۇ ،ئۇنىڭدىن بىز ئىككىنچى دەپ بەلگە سېلىنغان يەرنى مائۇسقا كۆچۈرىۋالىمىز ،،بىزگە لازىملىق ئادرىس دەل مۇشۇ،،بۇ ئادرىسنى ئۈستىدىكى رەسىمدىكى  ئىككىنچى بەلگىسى سېلىنغان يەرگە چاپلايمىز ئاندىن فىلەش دىگەن لاتىنچە خەتنىڭ توچكىسىنى (ئۈچىنچى بەلگىنى )چېكىپ قويىمىز ئاندىن تۆتىنچى دەپ بەلگە سېلىنغان خەتنى چېكىمىز ئاندىن يوللاشنى باسىمىز ،بولدى ئىش تامام،باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىسا چىقىدۇ دىگەن گەپ،،،
باشقا فىلىم تور بەتلىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىشمۇ ھەممىسى ئوخشايدۇ ،،پەقەت بىز ھىلىقى فىلەش ئادرىسىنى تاپالىساقلا،،،مەن يەنە بىر قانچە فىلىم تور بېتىنى كۆرسىتىپ قوياي،،،يۇقىرىدا كۆرسەتكىنىم 56 فىلىم تورىنىڭ ئىدى ،توۋەندىكىسى يوۋكۇ فىلىم تورىنىڭ [attachment=12080]  

بۇنىڭدىكى بىرىنچى دەپ بەلگە سېلىنغاننى چېكىپ چىققان تىزىملكتىن ئىككىنچى دەپ بەلگە سېلىنغاننى مائۇسقا كۆچۈرىۋالساقلا بولىدۇ ،ئاپىرىپ بايا سۆزلىگەن تەرتىپ بۇيىچە چاپلاپ قويىمىز ئاندىن يوللايمىز تامام
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى فىلم تور بېتىدىن ئۇلانما قىلىدىغان يەرنىمۇ كۆرۈپ باقايلى،توۋەندىكى رەسىمدىكىدەك [attachment=12081]
بۇ رەسىمدىكى بىرىنچى دەپ بەلگە سىلىنغان يەرنى چېكىپ چىققان تىزىملىكتىن ئىككىنچى دەپ بەلگە سېلىنغان يەرنى مائۇسقا كۆچۈرىۋالىمىز،شۇنىڭ بىلەن بايا دىيىلگەن تەرتىپلەر بۇيىچە چاپلاپ يوللىساق بولىدۇ،،مەن بىر فىلىمنى ئۇلاپ قوياي ھە،،،،مەرھەمەت ،تارتىنماي كۆرۈڭلار،،،،،،

تۇدۇۋاڭ دەپ بىرسى بولىدىغان ،ئۇسەل مۇرەككەپ ئىكەن ،ئالدىدا سەل ئاددىراقلىرىدىن كېلەيلى،،ئاستا ئاستا ئۇنىمۇ ئۆگىنىۋالىسلەر،،
يەنە بىر ئىش ،مۇزىكا يوللاش تىمىلارغا مۇزىكا قىستۇرۇش دىگەن بىرىسى قالدى،،،مەن ئەزەلدىن مۇزىكا بىلەن خوشۇم بولمىغاچ بۇئىشنى قىلىپ باقماپتىكەنمەن،،،بۇنى بىلىدىغانلار ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ قويسا بولىدۇ.
ئۇف،،،،ئاران تۈگىدى ،،،،ئەجەپ ھېرىپ كەتتىما،،،،،،،،،،، 
 
مەنبە -سامانيولى

abduwali123 2011-08-29 15:33
رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم

نەزىرە 2011-08-29 16:05
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!  رەھمەت سىزگە، مەن گۈل قىستۇرۇپ تېما يېزىشنى پەقەت بىلەلمىگەنتىم ئەمدى ئۆگىنىۋالدىم، لىكىن سىز كۆرسىتىپ بەرگەن يەرنى چەكسەممۇ گۈلنىڭ ئادرىسىنى يازىدىغان يەر چىقمىدى؟  قانداق قىلسام بولا؟

samanyoli 2011-08-29 16:13
خاتا قىلىپ قويدىڭىزمۇ قانداق،،،،قايتا تەپسىلى كۆرۈپ سىناپ باقامسىز،،،ئادەتتە گۈل ئادرىسىنى قىستۇرىدىغان كۆزنەك سول ئۈستىدىراق چىقىدۇ ،ئېكرانغا تەپسىلى قاراڭ،،،،

dulbarqin310 2011-08-29 16:41
رەھمەت سىزگە مەنمۇ بىلۋالدىم. مۇشۇنداق مەنپەئەتلەرنىمۇ يەتكۈزۈپ قۇيۇڭ سامانيۇلى ئاكا.  

albax 2011-08-29 18:19
كېيىن سىناپ باقاي  رەھمەت !

مەنزىرە 2011-08-29 19:46
بۇ مەن تۇنجى يوللىغان فىلەش ھۆججىتى........




مەن مۇشۇ فىلەش ھۆججىتىنى قويالمايتتىم ئاخىرى ئۆگىنىۋالدىم.
كۆپتىن كۆپ رەھمەت! سامانيولى ئاكا!

جەڭچى 2011-08-29 20:10
رەھمەت .ئاخىرى ئۈگۈنۋالدىم

samanyoli 2011-08-30 14:00
سىلەرگىمۇ رەھمەت،،،،،،   

ئەسلى 2011-08-31 13:14
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى abduwali123 نىڭ 2011-08-29 15:33 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم

abdul 2011-08-31 17:33
رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم

nazli0998 2011-08-31 20:34
رھمەت  سىزگە  

نەزىرە 2011-09-02 23:14
سامانيۇلى ئاكا رەھمەت سىزگە، ئاخىرى گۈل قىستۇرۇپ تېما يېزىشنى ئۆگىنىۋالدىم

مەنزىرە 2011-09-04 16:07



تۇغۇلدۇڭ سەن ئۇچقۇن ئۆچمەي گۈرۈلدە،
ھايات شۇ سەن شۇڭقار پەرۋاز قىل ئۆرلە...................

                                               _ زوردۇن سابىر"ئانا يۇرت" ناملىق رومانىدىن







كۆپ رەھمەت !  رەسىم قىستۇرۇشنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم.

oguzhan 2011-09-04 21:29
ھېرىپمۇ كىتىپسىز قولىڭىزمۇ تالغاندۇ شۇنداقتىمۇ يەنە يوللاپسىز  سىزگە رەھمەت
ھە بولىدىكەن

guzal~atux 2011-09-06 18:25
ئەمىسە مەن سىناقىنى باشلىۋەتتىم .
ما رەسىم كەتتى  [attachment=12225]  [attachment=12226]

oylinish 2011-09-06 22:31
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!  
مانا مەنمۇ بىر ھۈنەر ئۆگىنىۋالدىم.  رەسىم يوللاش نىمانداق ئاسان؟؟؟؟

samanyoli 2011-09-06 23:02
 
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 16قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-09-06 22:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!  
مانا مەنمۇ بىر ھۈنەر ئۆگىنىۋالدىم.  رەسىم يوللاش نىمانداق ئاسان؟؟؟؟

ئۆمرىدە ئىشەك مىنىپ باقمىغان قونچاقكەندە ماۋۇ،،،نىمانچە خوش بوپ كەتكەندۇ ،دوڭگال چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ،،،،،

ohho~duqu 2011-09-07 00:05
سامان يولى قولىڭىز ھارمىغاي، تېخىمۇ پايدىلىق تېمىلىرىڭىز تۈگەپ قالمىغاي رەھمەت سىزگە

arslantikin 2011-09-07 17:04
خەتلەرنىڭ قۇيرىقى يوق چۇشىنەلمىدىم

muslima32 2011-09-10 01:31
رەھمەت قېرىندىشىم مەنۇ بىلمەيتىم بىر سىناپ باقاي،

ئۆزتۈرك 2011-09-10 14:21
راخمات سېزگا مانمۇ ئازراق ئۇگنېۋالدېم

aral52 2011-09-11 19:39
ئەجەپ تەستە مۇشۇنداق قىلدىغان بىر ئادەم چقتى دىسە ...........بەك رەھمەت............

bahadir0996 2011-09-14 23:11
نىمە دىگەن مەنپەئەتلىك تىما بو .رەھمەت سىزگە
اللە ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن . مەن تېخى بايىلا سىزنىڭ بۇ دەرسىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئوڭىشلۇق ھالدا تورغا فلىملىق بىر تىما يوللىيالىدىم .
سىزنىڭ بۇ دەرىسىڭىز ماڭا ھەقىقەتەنمۇ بەك ئەسقاتتى .
يەنە بىر قېتىم رەھمەت

مۇھسنە 2011-09-17 13:24
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم رەخمەت سزگە قېرىندىشم .مەن سز دىگەن ئۇسۇل بىلەن تېما يولىدىم بىراق تېمام يېڭى تېمىلار قاتارىدا كۈرۈنمەي پەقەت ئۈزەملا كۈرىۋاتىمەن .ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن  

مۇھسنە 2011-09-17 13:26
/read.php?tid=14991

samanyoli 2011-09-17 22:29
مۇھسىنە خانقىز ،،،،،،،،،،سەۋىر قىلىڭ،،باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىغاندا چىقىدۇ،،،،ئەمدى چىقتى ھەقاچان،شۇنداقمۇ،،،

ئالىمجان520 2011-09-29 17:11
تۇلىمۇياخشى دەرىسلىككەن مەن يەنە بىر بىلىم ئۇگنىۋالدىم

دېدار 2011-09-29 18:01
رەخەمەت مەنمۇ ئۇقۋالدېم

شابان 2011-09-29 18:43
كۆپ رەھمەت

رىفات 2011-10-15 23:31
ياخشى تىمىكەن  رەخمەت سىزگە

ئابلىزئايۇپ 2011-10-24 11:01
رەخمەت سڭزگە

يەھيا 2011-10-25 00:15
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

يەھيا 2011-10-25 00:38
مەن تاپالمىدىم نەدىراق تى

يەھيا 2011-10-25 00:40
بولمىسا باشقا ۋاقتىدا ئۇگىنىۋالامە

almiliq 2011-10-26 22:54
رەھمەت سامانيولى، جاپا چەكتىڭىز، ئەجرىڭىزدىن گۈل-چىچەكلەر پورەكلىگۈسى، دەرىسىڭىزنى تەپسلىي ئوقۇپ چىقتىم. مۇشۇ تېمىنى چوققىلاپ قويساڭلار بوپتىكەن.

مەدىنەم 2011-10-27 10:02
ئەسسالامۇ _ئەلايكۇم،   مەن  يىڭى  ئەزا  بۇلغاچقا  نۇ  مەزمۇنلارنى  بىلمەيتتىم  رەھمەت  سىزگە ،  ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى  بەرسۇن.

saifulla 2011-10-27 14:31
سامانقارى ى ى مانداق شەكىلدە يوللاشنىمۇ ئۈگۈتۈپ قويمامسىلە.....

samanyoli 2011-10-27 22:53
ئۇ دىگەن مۇنبەر ئىقتىدارى بۇرادەر،،،،،،،،،،،،،،،بەزىدە ئاپتوماتىك شۇنداق قويۇلۇشقا تەڭشىلىپ قالىدۇ،بەزىدە ئۇنداق بولماي قالىدىكەن،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ئىنچىكە تېخنىكىلىق تەپسىلاتلىرىنى كۇلۇپ باشلىقلىرى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ،،،،،،،،،،،

qimpiyun 2011-10-30 14:51
بىز ئۇچۇن بىر دەرسلىك بۇپتىغۇ بۇ ، رەھمەت. قېرىندىشىم....

نۇرئىسلام 2011-11-04 18:43
رەھمەت سىزگە مەنمۇ ئۈگىنىۋالدىم

wali12 2011-11-06 22:02
رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم

faruh 2011-11-21 12:16
ئەسسەلەمۇئەلەيكۇم..samanyoliئاللاھ رازى بولسۇن.

ئپارە408 2011-11-25 17:27
ئەسسالامۇ _ئەلايكۇم،   مەن  يىڭى  ئەزا  بۇلغاچقا بۇ مەزمۇنلارنى  بىلمەيتتىم  ،  ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى  بەرسۇن.
رەھمەت  سىزگە !

مىسكىن 2011-11-29 14:27
مەن قەتئى ئۈگىنەلمىدىم ئادرىس چاپلايدىغان يەرنى چۈشىنەلمىدىم.چاپلايدىغان كۆزنەكمۇ چىقمىدى.

urkax5 2011-12-01 22:11
ماۋۇ بولىدىكەن مانا!رەخمەت سىزگە قېرىنداش!

رىشتە 2011-12-04 17:22
رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم

مىسكىن 2011-12-04 17:40
تېما يوللاي دىسەم  标题不能为空دەپ چىقىۋالدى قانداق قىلىمەن.

unqa 2012-01-05 00:05
پايدىلىق تېمىڭىزغا رەھمەت ، ئاللاھ  خالىسا چۇقۇم ئۈگنىمەن .

قارگۇلى 2012-01-13 20:18
رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم !!!!!!!!!!!!


查看完整版本: [-- كەڭ سايغا تىما ،فىلىم يوللاش قائىدىسى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.057560 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us