查看完整版本: [-- مۇھەببەتنىڭ ئۆمرى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خانىم - قىزلار -> مۇھەببەتنىڭ ئۆمرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كوكتالالىق 2011-08-24 17:44
سىز ھېس قىلدىڭىزمىكىن ، بىرىنى ياخشى كۆرۈش ھېسسىياتى يېڭى باشلانغاندا ناھايىتى تاتلىق بولىدۇ ، ھامان بىر ئادەم سىزگە ھەمراھ بولىدۇ ، جاپالىرىڭىزنى بىللە ئۈستىگە ئالىدۇ ، سىز يالغۇزلۇق ھېس قىلمايسىز ،چۈنكى بىر ئادەم سىزنى سېغىنىدۇ ، سىزنى ئاسرايدۇ ، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سىلەر بىللە يۈرسەڭلەرلا ياخشى بولغىنى .......ئەمما بارا- بارا ئىككىڭلار ئارىسىدىكى چۈشىنىش چوڭقۇرلاشقانسېرى سىز قارشى تەرەپنىڭ بەزى كەمچىللىكلىرىنى بايقاپ قالىسىز ، مەسىلىلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىگە ئەگىشىپ يۈز بېرىشكە باشلايدۇ ، سىز قارشى تەرەپتىن زېرىكىشكە ، چارچاشقا ھەتتا ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭدىن ئەپ قېچىشقا باشلايسىز . بەزىلەر مۇھەببەتنى خۇددى تاش تېرىشقا ئوخشىتىدىكەن ، كىشى ھامان ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بىر تال تاش تېرىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ، ئەمما شۇ تاشنى قاچان تېپىۋالالايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ، ئۇ سىزگە ماس كېلىدۇ ، ئەمما سىز ئۇنىڭغا ماس كېلەمسىز ؟ ئەمەلىيەتتە ، مۇھەببەت ، تاشنى سىلىقلىغانغا ئوخشايدۇ ، بەلكىم ، سىز قولىڭىزدىكى تاشنى دەسلەپ تېپىۋالغاندا ئۇنىڭدىن ئانچە رازى بولماسلىقىڭىز مۇمكىن ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئادەم ئېلاستىكلىققا ئىگە ، تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ ، سىز  ھەممە يەردىن تاش تېرىپ يۈرگەندىن كۆرە ئىشەنچ ۋە غەيرەت بىلەن قولىڭىزدىكى شۇ تاشنى سىلىقلاڭ ، قانداق ؟ سىز سىلىقلاشقا باشلىدىڭىزمۇ ؟ نۇرغۇن ئادەملەر مۇھەببەت ھېسسىياتىنى سۇسلىشىپ كەتتى دەپ ئويلايدۇ ، شۇڭلاشقا بارا – بارا قارشى تەرەپكە ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ، قەدىرلىمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ ، ھەتتا ھۇرۇنلىشىپ كېتىدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ ناھايىتى خاتا ئادەت ،چۈنكى ئادەم ھۇرۇنلۇق تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلىدۇ شۇڭا مۇھەببەت سۇسلىشىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ ، بىرىنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇنى چۈشىنىش كېرەك ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز كەمچىللىكلىرىنى ئىمكانقەدەر تۈزىتىش كېرەك ،كەڭ قورساق ،  ئەپۇچان ۋە سەۋرچان بولۇش كېرەك ، باشقىلار بىلەن ئاسانلىقچە قول تۇتۇشماڭ ، قول تۇتۇشقان ئىكەنسىز ئاسانلىقچە قويۇۋەتمەڭ ، مۇھەببەتنىڭ ئۆمرى سىزنىڭ كۆيۈنۈشىڭىز ئارقىلىق ئۇزۇنغا بارىدۇ .
  

                   مەنبە:تەرمىلەردىن



查看完整版本: [-- مۇھەببەتنىڭ ئۆمرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.047851 second(s),query:2 Gzip enabled

You can contact us