查看完整版本: [-- ئەر كىشىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىڭ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خانىم - قىزلار -> ئەر كىشىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كوكتالالىق 2011-08-20 18:50
1.ئۇ ئۇدا بىر نەچچە سائەت تور ئويۇنى ئويناشقا رازىكى ۋاقىت چىقىرىپ سىز بىلەن پاراڭلاشمايدۇ ، تور ئويۇنىنى يەنە شاھمات ئويناش ، گولف توپ ئويناش ، ئەرمەك ھايۋان ئوينىتىش ، ھېكايە ئوقۇش ھەتتا ھاڭۋاقتىلارچە خىيال سۈرۈش قاتارلىقلارغا ئالماشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ ، ئىشقىلىپ ئۇ مەپتۇن بولۇۋاتقان ئىشلار قانچىكى زېرىكىشلىك بولغانسېرى سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ .
2.سىز نازۇك ئىچ كىيىملىرىڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈرسىڭىزمۇ ئۇ سىزگە پىسەنت قىلمىسا ياكى قارشى ئىنكاستا بولسا ؛
3.خىزمەتدىشى بىلەن بىرگە كارا okدا ناخشا ئېيتقىلى بېرىش ئۈچۈن سىز بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنى رەت قىلسا ؛
4.ئوتتۇراڭلاردا دېيىشكۈدەك گەپ بولمىسا ياكى ھەتتا گەپلەشكۈدەك ئىمكانىيەتمۇ بولمىسا ؛ بۇنداق ئوخشاش يولدىكى ناتونۇش ئادەملەر بولغاندىن كۆرە ئارىنى ئوچۇق قىلغان ياخشى بولمىسا كېيىنكى كۈنلەردە سىز تېخىمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلىسىز .
5.ئىككىڭلار دائىم بىر – بىرىڭلارغا قاراپ:« توۋا،مەن قانداق بولۇپ مۇشۇنداق ئادەم بىلەن بىرگە ئۆتۈپ قالغاندىمەن ؟» دەپ ئويلايدىغان بولساڭلار ؛سىز ئۇنىڭغا قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەندە ياكى ئۇ سىز قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەندە ۋە ياكى سىلەر بىر – بىرىڭلارنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرۈپ يەتكەندە ئەسلىدە قارشى تەرەپنىڭ بىر ناتونۇش ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلساڭلار ؛
6.ئەگەر سىز ئاچچىقلاپ كېتىپ قالسىڭىز ئۇ سىزگە تېلېفون قىلىپ كەچۈرۈم سورىمىسا ھەمدە سىزگە ئەپۇ قىلىش توغرىلىق نەسىھەت قىلمىسا ؛ ئېنىقكى ئۇ سىزدىن زېرىككەن ؛
7.سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن تاماق ئېتىش ، كىر يۇيۇش قاتارلىق ئىشلار ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلىشنى قوبۇل قىلالمايدىغان بۇنداق تۇرمۇشنى مەنىسىز ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالسىڭىز ؛ ئاللىقاچان ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالسىڭىز يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان بېرىشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟
8.ئىككىڭلار بىر يەرگە كەلسەڭلارلا پۇل ئۈچۈن غەم قىلىدىغان بولۇپ قالساڭلار ؛ئادەمنىڭ ياشىشى پەقەت تاماق يېيىش ئۈچۈنلا ئەمەس ئەمما تاماق يېمىسەك ھايات تۇرالمايمىز ، ئەلۋەتتە سىز چوقۇم ئىشەنچلىك بىر يۆلەنچۈك تېپىشىڭىز زۆرۈر ئەمەس بىراق ئۇ سىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلمىسە يەنە ئۇنى ئىزدەپ نېمە قىلىسىز ؟ئەجەبا سىز لېيفىڭدىن ئۆگەنمەكچىمۇ ؟
9.سىز ياكى ئۇ رومانتىكلىقنى بىر خىل ئەخمەقلىق دەپ ھېس قىلىپ قالساڭلار ؛
10.ئۇ سىزگە بىۋاسىتە ھالدا باشقا بىر خىل ئۇسلۇبتىكى كىيىم كىيىشكە دەۋەت قىلسا ياكى مەمەدانلىق بىلەن مەن نېمىشقا XX چولپانغا ئوخشاش گەپ قىلمايسەن ياكى شۇنىڭدەك ياسانمايسەن ؟دېسە ھەتتا ئۆزىنى قايسىدۇ بىر داڭلىق چولپاندەك ھېس قىلسا ؛
ھېچنېمە دېمەيلى بولدى ، يۇقىرىقىدەك ئىشلار تۇرمۇشىڭىزدا يۈز بەرسە ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى ئويلىشىپ بېقىڭ ؟

                   مەنبە:خانىم-قىزلار دەستۇرىدىن


tikasohle 2011-08-21 10:13
   بىزنىڭ ئۆيدىكلەر كۆرەپ قالمسۇن بۇ تېمانى،

turkizat 2011-08-21 10:30
خېلى ئاساسى بار گەپلەركەن.بېر كۆرۇپقۇيۇشقا تىگىشلىككەن

aces 2011-08-21 17:18
ئىچ كىيىم بىلە ن يورسە ەە دە پ ئوتتىرامدو،كىيىم كە ي دىمە ي.

kadir7448 2011-08-21 18:07
ماندا تىمىنى كۆرۈپ توۋا دىمەي بولمايدۇ، ئىتقاد ئوخشىمسا، قىممەت قاراش ۋە ئوتتۇرىغا چىقارغان نەزەرىيەمۇ ئوخشىمايدىكەن دىسە، توۋا!!!!

دىلناز 2011-08-21 18:08
بىز ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت !

samanyoli 2011-08-21 18:21
ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلۈش بولماپتۇ بۇ،،،،،،،،،،،،،،،،بۇ نەزەرىيەلەر كاللىسى ئاجىز ئاياللارنى تېزراق ئاجرىشىپ بەخىتسز بولۇشقا ئۈندەيدۇ شۇ،،،،،،،،،،،،

abduwali123 2011-08-21 20:23
مۇنبەر ئېچىلغاندىن بۇيانىقى ئەڭ بىمەنە سەپسەتە بوپتۇ،   بۇنىڭسىزمۇ يىتىم بۇلۇۋاتقان بالىلار ئازمۇ بىزدە
سەمىمى تەكلىپ؛ قىلالىسىڭىز پايدىلىق،ياكى ياخشى گەپ قىلىڭ قىلالمىسىڭىز ،سۈكۈت سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىش،  ياخشىسى شەيتاننى خوشال قىلماڭ ،يەنىلا ئاجراشمايلى ئاتا ئانىلار ، يىتىم بولمىسۇن سەبى بالىلار،

زىلالە 2011-08-22 00:30
قاملاشمىغان تېمىدىن بىرنى كۆرۈپ قالدىميا مەن ، ھەي بىر تۈزۇك تېما يوللاڭلار قېرىنداشلار .

sad~da 2011-08-22 00:57
نىمە قىلسىز ئۇلارنى ئايرىۋىتىپ  

ohho~duqu 2011-08-22 12:21
ئاجرىشىش سانىنى ئاشۇرماقچىمۇ سىز ؟؟

دىلناز 2011-08-22 17:53
بىزمۇ كالۋا ئەمەس ،خەخنىڭ گېپىگەكىرىپ بالىمىزنى يېتىم قىلىدىغان .كۆرۈپ قويۇشقا بولىدىكەن .

umid 2011-08-22 18:42
ھا  ھا  

surgeon 2011-08-22 23:41
باشقىلارغا ماس كەلگەن بىلەن بىزگە قەتئىي ماس كەلمەيدۇ بۇ لاۋزا نەرسىلەر.
تېما دىسە نىمە كەلسە تەرجىمە قىلىپ چىقىرىۋەرمەي ئويلىشىپ ئەۋەتىلى  كوكتالالىق قېرىندىشىم.
بولۇپمۇ ئاۋۇ نىپىز ئىچ كىيىم،كارا ئوكي دىگەنلەر نىمە ئەمدى.....،

xayik 2011-08-23 00:32
ئەڭ ياخشىسى ئاجراشماڭلار ، ئييىق بولسىمۇ ئېرىڭلار ياخشى ، ئوڭكۇر بولسىمۇ ئويۇڭلار !...ئايال كىشنىڭ قەدىرى قىممىتى ،ئىززىتى ئەر بىلەن بولىدۇ .شۇڭا رەسۇللا ئەلىنى كۆروپ كۇيئۇغلۇم كەلدى دەپ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتكەنكەن ...دىمەك قولىدىكى ئايال كىشىدىن ئىبارەت بۇ گۆشنى  بۇزۇپ قويماي ،سېستىپ قويماي ، كۆچىغا چىقرىۋەتمەي مەھكەم تۇتۇپ تۇرغان ئەر كىشى ھەقىقى ئوغۇلبالدۇر ... 

 


查看完整版本: [-- ئەر كىشىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىڭ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.070195 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us