查看完整版本: [-- قەرز سۈيلەش تاكتىكىلىرى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شىپاخانا -> قەرز سۈيلەش تاكتىكىلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كوكتالالىق 2011-08-19 11:23
ئېلىشقا تىگىشلىك پۇلنى سۈيلەپ قايتۇرىۋېلىش نۇرغۇنلىغان كارخانىچىلارنىڭ بېشىنى «ئاغرىتىدىغان» بىر ئىش.
قەرز ئىگىلىرى «پۇل دېسەڭ يوق، ئالساڭ ئىسسىق جان بار» دەيدىغان مۇشۇنداق لەۋزىدە تۇرمايدىغان قەرزدارلار ئالدىدا بەزىدە ناھايىتى ئىلاجسىز ھالغا چۈشۈپ قالمايدۇ. ئۇنداق بولسا، تۆۋەندىكى دۆلەتلەردە كىشىلەر لەۋزىدە تۇرمايدىغان قەرزدارلارنى قانداق باپلايدىغاندۇ؟ قېنى قاراپ باقايلى:
دانىيەلىكلەر ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ، ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ، خەت-چەكلەرگە كوپىيە يازغۇزىۋېلىپ، قانۇن بويىچە قەرز يىغىدۇ.
فىنلاندىيەلىكلەر خەت ئارقىلىق بىۋاسىتە قەرز سۈيلەيدۇ، ئەگەر قەرزدارلار پۇلنى قايتۇرمايدىكەن سوتقا چىقىشتىن يانمايدۇ. ۋەھالەنكى سوتنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ۋاقتى ئۇزۇن، خىراجىتى يۇقىرى، قەرزنى ئېلىپ بېرىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولغاچقا، قەرز سۈيلەشتە نۇرغۇن غەلىتە ئۇسۇللارنى ئىزدەۋېتىپتۇ.
ئاۋستىرىيە سودىگەرلىرى ھاردۇرۇش ئۇسۇلىدا قەرز سۈيلەيدۇ. ئۇلار مەخسۇس كىشىلەرنى ياللىۋېلىپ، قەرزدارلارغا توختىماي، كىچە-كۈندۈز تېلىفۇن بەرگۈزىدۇ ھەمدە پوچتا يوللانمىلرى، فوتو تېلگراف ئارقىلىق قەرز سۈيلەيدۇ.
ئامېرىكىلىقلار قەرز سۈيلەش شىركەتلىرىنى تۇنجى بولۇپ قۇرغان، ئۇلار چىرايى بەد-بەشىرە، كۈچتۈڭگۈر ئادەملەرنى ياللىۋېلىپ، قەرزدارلار بىلەن جاڭجالاشتۇرىدۇ، قورقۇتۇپ تەھدىت سالدۇرىدۇ.
ئىتالىيە، كانادادىكى قەرز سۈيلەش شىركەتلىرى قانۇندىن قورققاچقا تېنى بەدبۇي پۇرايدىغان كىشىلەرنى ياللىۋېلىپ، قەرز سۈيلەتكۈزىدۇ. ئۇلار كېلىش مۇددىئاسىنى چۈشەندۇرگەندىن كىيىن ئۇرۇشمايدۇ، تىللاشمايدۇ، پەقەت قەرزدارغا بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىۋېلىپ،بىر قەدەممۇ نېرى كەتمەيدۇ. قەرزدارلار سېسىق پۇراققا چىدىماي قەرز قايتۇرۇشنىڭ ئامالىنى قىلىدۇ.
ئىسپانىيەنىڭ بونسىيە شەھىرىدىكى قەرز سۈيلەش شىركەتلىرى قەرز سۈيلىگۈچىنى كارتون شەكىلدە لايىھەلەپ، تېلىۋېزوردا كۆپلەپ كۆرسىتىپ «مەن كىمنىڭ ئارقىسىغا چۈشسەم ،شۇ قەرز قايتۇرمىغان ئادەم» دەپ جاكارلىتىدۇ. ئۇلار ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن قەرزدار ئىشقا چىققاندا، ئىشتىن چۈشكەندە، ھەتتا ئاشخانا ،تاڭسىخانا، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىغا بارغاندىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ يۈرىدۇ. يەنە تېخى ھاجەتخانىلاردىمۇ ئۇلاردىن ئايرىلمايدۇ. قەرزدار ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن قەرزنى قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
                     مەنبە:تەرمىلەردىن


查看完整版本: [-- قەرز سۈيلەش تاكتىكىلىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.044278 second(s),query:2 Gzip enabled

You can contact us