查看完整版本: [-- شەرىئەتتە چەكلەنگەن ۋە شەرىئەتتە ياقتۇرۇلمايدىغان ئىسىملار --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> شەرىئەتتە چەكلەنگەن ۋە شەرىئەتتە ياقتۇرۇلمايدىغان ئىسىملار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۆرۈك 2011-08-18 14:03
بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شەرىئەتتە چەكلەنگەن،يامان مەنا بېرىدىغان ياكى كىشىلەر قۇبۇل قىلالمايدىغان ئىسىملارنى قوللىنىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمز،بۇنداق ئىسىملاردىن ئامال بار ساقلانغان ياخشى ئىكەن.يېقىندا چەكلەنگەن ئىسىملار توغرىلىق تەپسىلى بىر ماقالىنى يولۇقتۇردۇم،شۇنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي دېگەن نىيەتتە بۇ يەرگە يوللىدىم.
چەكلەنگەن ئىسىملار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ،بىر خىلى شەرىئەت كەسكىن چەكلىگەن ئىسىملار،يەنە بىر خىلى ياقتۇرۇلمايدىغان ئىسىملار؛
1.شەرىئەت چەكلىگەن ئىسىملار:
1.1 ئاللاھتىن باشقىغا قۇلچىلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملار:
مەسىلەن:ئابدۇ رەسۇل(رەسۇلنىڭ قۇلى)،ئابدۇنەبى(نەبىنىڭ قۇلى)،غۇلامنەبى،غۇلام رەسۇل،ئابدۇلمۇتەللىپ دېگەنگە ئوخشاش.
1.2 ئاللاھنىڭ خاس ئىسىملىرىنى قوللىنىش:
مەسىلەن:ئەل ئەھەد(يالغۈز ،بىردىنبىر ئاللاھ،ئۈنىڭدىن باشقا قۇلچىلىق قىلىدىغان مەبۇد يوق دېگەندەك مەنىلەردە)،ئەرراھمان(مېھرىبان ئاللاھ)،ئەلخالىق(ياراتقۇچى)دېگەنگە ئوخشاش.
1.3 دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئىسمىنى (يەھۇد ۋە خىرىستىيان)قوللىنىش:
مەسىلەن:جورجى،داۋىد،مىخايىل،جوسېف،دىيانا دېگەندەك،بۇنداقلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ياقتۇرۇش،ئۇلارنڭ ھېيىت-بايراملىرىنى تەبرىكلەش،ئۇلار بىلەن دوست بولۇش قاتارلىقلار شەرىيەتتە چەكلەنگەن يەردە ئىسىملىرىنى قويۇش ئەلۋەتتە چەكلىنىدۇ.
1.4 مۇستەبىت ،زالىملارنىڭ ئىسمىنى قوللىنىش:
قارۇن،فىرئەۋىن(بىر تورداشنىڭ تور ئىسمى مۇشۇنداق ئىكەن)،ئەبۇ جەھىل،دېگەندەك،شۇنداقلا دىنسىز،ئاتىزىمچىلارنىڭ ئىسمىنى قوللىنىشمۇ چەكلىنىدۇ،مەسىلەن:ماركىس،~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~دېگەندەك
  2.شەرىئەتتە ياقتۇرۇلمايدىغان ئىسىملار:
2.1 ئاللانىڭ 99 ئىسمىدىن بولمىغان ئىسىملارغا ئابدۇ (قۇل)نى قوشۇپ ئىشلىتىش:
مەسىلەن:ئابدۇل مەۋجۇد،ئابدۇلمەقسۇد،ئابدۇساتتار دېگەندەك،
2.2 ئۈمىدسىزلىك،قايغۇ-ھەسرەتنى ئىپادىلەيدىغان،ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ھەتتا شۇ ئىسىمنى قوللانغىچىنىمۇ بىئارام قىلىدىغان ،يۈز-ئابرويىنى يەكسەن قىلىدىغان ئىسىملار:
مەسىلەن:ھەرىب(ئۇرۇش)،ھىمار(ئېشەك)،كەلب(ئىت)دېگەندەك.
2.3 باشقىلارنىڭ شۇ ئىسىمىنى قوللانغۇچىغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە(جىنسى ئىستىكىنى قوزغايدىغان)شەرمى-ھاياسىز ئىسىملار:
مەسىلەن:خۇيەم(سۆيگۈ-مۇھەببەت دەرياسىغا غەرق بولغان)،نۇخاد(كۆكسى تولغان ئايال)،ۋىسال(جىنسى بىرلىشىش)،غادەھ(چىرايلىق ۋە ياش قىز)،فاتىن(ئەرنى جەلپ قىلىدىغان ئايال)،فىتنە(ئازدۇرۇش)،شادىيە(ئايال ناخشىچى)دېگەندەك،
2.4 بەرراھ دېگەن ئىسىم:
رەسۇلىللاھ (س ئە ۋ) بىرسىنىڭ ئايالىنىڭ بەرراھ دېگەن ئىسىمىنى زەينەبكە ئۆزگەرتكەنلىكى ئۈچۈن.
2.5 پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرى:
مەسىلەن:مالىك( ئاياللارغا قوللىنىش  ياخشى ئەمەس،چۈنكى باشقا دىندىكىلەر پەرىشتىنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ قارىغانلىقتىن ،پەرىشتىلەنىڭ ئىسىملىرىنى ئاياللارغا قويىدۇ)،ئەرلەرگە قوللىنىشقا كەلسەك،بەزى ئۆلىمالار بەزى ھەدىسلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ پەرىشتىلەرنىڭ ئىسمىنى ئەرلەرگە قوللىنىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،لېكىن بۇ ھەدىس سەھىھ ئەمەس(ھەدىسنى يازمىدىم).
2.6 قۇرئاندىكى سۈرىلەرنىڭ ناملىرى:
مەسىلەن:تاھا،ياسىن،بۇ ئىمام مالىكنىڭ كۆز قارىشى،ئىبنۇل قەييۇم  :«ياسىن تاھا غا ئوخشاش ئىسىملار رەسۇلىللاھنىڭ ئىسىملىرى دېگەن قاراش خاتا،بۇ توغىرىسىدا ھېچبر سەھىھ ياكى ھەسەن ھەدىس يوق،ياسىن ،تاھا دېگەنلەر «الىف،لام،مىم»،«ھا ،مىم»دېگەنگە ئوخشاشتۇر.
2.7 ياسار(راھەت-پاراغەت)،راباھ(پايدا-مەنپەئەت)،نەجىھ(مۇۋەپپىقىيەتلىك)،ئەفلاخ(گۈللەپ ياشناش)يائلا(ئالى جاناب)،بەرەكەھ(بەرەكەت)قا ئوخشاش ئىسىملار،بۇ ئىسىملار رەسۇلىللاھ چەكلىگەن.
3.چەكلەنگەن ۋە ياقتۇرۇلمىغان ئىسىملارغا باشقا مىساللار:
ئاسىيە(بويسۇنمايدىغان)،بانۇز زىنياھ(زىنادىن بولغان بالا)،ئەسرام(كەسمەك)،خەزن(قوپال)،شىخاب(ئوت يالقۇنى)،سەخەم(يازنىڭ ئىسسىقى)
گەرچە بۇ ئىسىملارنىڭ كۆپچىلىكى بىزدە قوللىنىللىمسىمۇ،لېكىم بىلىپ قويساق ئەجەب ئەمەس،ئاللاھ ھەممىمىزگە تەۋفىق ھىدايەت بەرسۇن.
ئەسلى ئاپتورى:يۈسۈف ئىبىن ئابدۇللاھ ئەل ئەرىف
ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلغۇچى:ئەبۇ تەلھەھ داۋۇد ئىبىن رونالد بۇربەڭك
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى:مەن
مەنبە:
http://www.zawaj.com/articles/names_prohibited.html


رامىزان 2011-08-18 17:45
بىلىۋالدىم، ھەممىمىز دىققەت قىلساق بولغىدەك. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

تاھىربەگ 2011-08-18 19:37
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

1sayfulla 2011-08-18 19:56
ئاللا رەھمەت قىلسۇن

ناخشا 2011-08-18 20:54
ئاچامنىڭ بالىسىغا شادىيە دەپ قويغىلى تاس قاپتىمىز ، رەھمەت!

takwa656 2011-08-19 14:00
مۇسۇلمانلار توربىكتىدە قارىسام ئاسىيە دىگەن ئىسىمنى كەسكىن  قىلىپ بۇ ئىسىمنى قويسا بۇلىدۇ دەپتۇ   
قايسى توغرا- قايسى جاتا؟؟؟
http://www.musulmanlar.com/?p=1761

ئۆرۈك 2011-08-19 15:45
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى takwa656 نىڭ 2011-08-19 14:00 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مۇسۇلمانلار توربىكتىدە قارىسام ئاسىيە دىگەن ئىسىمنى كەسكىن  قىلىپ بۇ ئىسىمنى قويسا بۇلىدۇ دەپتۇ   
قايسى توغرا- قايسى جاتا؟؟؟
http://www.musulmanlar.com/?p=1761

شەخسەن مەن ئۆزەم مۇسۇلمانلار تورىنىڭ نۇرغۇن پەتىۋالىرىدا مەسىلە بار دەپ ئاڭلىغان،شۇڭا مۇسۇلمانلار تورىدا «كەسكىن»بولىدۇ دېگەن بولسا ھەيران قالمىدىم،ئاسىيە دېگەن ئىسىمنى قويسا بولمايدىغانلىقىنى ئۇيغۇر ئەمەس،بىر ئەرەب تىلىنى بىزدىن بەكراق بىلىدىغان،ئەرەب تىلىنى بىزدىن ياخىشىراق بىلىدىغان ئەرەب ئۆلىما يېزىپتۇ،مەن بۇ كىشىنىڭ قارىشىغا قۇشۇلىمەن ،بۇرۇنمۇ باشقا مەنبەلەردە قويسا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ماتەرىيال كۆرگەنمەن.مەن ئۆزەمنىڭ پىكىرىنى ساقلاپ قالاي قېىرىندىشىم.مەن يوللىغان بۇ ماقالىدە ئاسىيە دېگەن ئىسىمنى قويسا بولمايدۇ ئەمەس بەلكى ئانچە ياقتۇرۇلمايدىغان ئىسىملار قاتارىدا قويغان.

ئۆرۈك 2011-08-19 16:05
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى takwa656 نىڭ 2011-08-19 14:00 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مۇسۇلمانلار توربىكتىدە قارىسام ئاسىيە دىگەن ئىسىمنى كەسكىن  قىلىپ بۇ ئىسىمنى قويسا بۇلىدۇ دەپتۇ   
قايسى توغرا- قايسى جاتا؟؟؟
http://www.musulmanlar.com/?p=1761

/read.php?tid-3458.htmlمۇشۇ ئۇلىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزىنى ئوقۇپ بېقىڭ.


查看完整版本: [-- شەرىئەتتە چەكلەنگەن ۋە شەرىئەتتە ياقتۇرۇلمايدىغان ئىسىملار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.060500 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us