查看完整版本: [-- ....ئۆي زادى كىمگە تەئەللۇق ؟ (يېڭى خەۋەر) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> مەمىلكەت خەۋەرلىرى -> ....ئۆي زادى كىمگە تەئەللۇق ؟ (يېڭى خەۋەر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۇمار 2011-08-14 12:18
        ئۇزاقتىن بىرى پۇقرالىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ كەلگەن، يەنى تويدىن بۇرۇن ياكى توي قىلغاندىن كېيىنكى سېتىۋالغان ئۆينىڭ زادى كىمگە تەئەللۇق بولۇشى توغرىسىدا يېقىندا ئېنىق جاۋاب ئوتتۇرغا چىقتى.بۇرۇن ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ مۇشۇ<<ئۆي-زېمىن>>ھەققىدە جەڭگى-جىدەل ياكى ئەرز-شىكايەت ئىزچىل ئۈزۈلمەيتتى.ئۆينى كىمگە بۆلۈپ بېرىش ھەققىدە نۇرغۇن چىگىش مەسىلىلەر ئەدىليە ئورۇنىدىكىلەرنىڭ بېشىنى قاتتۇرۋەتكەن ئىدى(يەنە مەسىلەن: ئاتا-ئانىسى ئېلىپ بەرگەن ئۆي پەرزەنتىگە تەئەللۇقمۇ ياكى كىلىنىگىمۇ دېگەندەك....).ئومۇمەن، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا ئۆي-زېمىن تالاش-تارتىشىش مەسىلىلىرى كۆپ يۈز بېرىپ ھەل قىلىش قىينغا توختاپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىشلارغا خاتىمە بېرىلىدۇ.
         ئالدىنقى كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى<<نىكاھ قانۇنى>>نىڭ ئەدليەلىك چۈشەندۈرمىسى(3-قىسىم)نى ئېلان قىلدى.13-ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي يۇسۇندا ئىجرا قىلىنىدىكەن. چۈشەندۈرمىدىكى مەزمۇننى ئوبدان ئوقۇسىڭىزلا ئۆينىڭ قانداق ئەھۋالدا كىمگە تەئەللۇق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋالالايسىز.

         دېمەك ،قانۇننى ياخشى ئۆگەنگەندىلا يولۇققان مەسىلىلىرىڭىزنى ھەق يول بىلەن ناھايىتى ئوبدان ھەم تېز ھەل قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا ھەممە پۇقرالار جۇڭخۇا جەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرلۈك قانۇنلىرىنى ئوبدان ئۆگىنەيلى.توغرا يول بىلەن قانۇنى مەنپەتىڭىزنى ياخشى قوغداڭ.


تەپسىلاتىنى شىمال تورىدىن ياكى سىنا تورىدىن كۆرۈۋېلىڭ(تېكىست قىسىمى ۋاقىت قىس بولغاچقا تەرجىمە قىلىنمىدى)

خەۋەرنىڭ خەنززۇچە توردىكى مەنبەسى:
http://news.enorth.com.cn/system/2011/08/12/007115928.shtml
http://news.sina.com.cn/c/2011-08-12/125522980386.shtml

ھھ

جەڭچى 2011-08-14 18:54
تەرجىمە قىپ ئەۋەتىپ قويۇنە ئاللاھ ئگىمىز  ئەجرىڭىز نى بىرەر

bughra68 2011-08-14 20:32
ئەلۋەتتە  بىز ھەممىمىز قوش تىل مائارىپىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس .
مېنىڭچە بىلىدىغانلار تەرجىمە قىلىپ قويساڭلا بىكا  كەتمەيدۇ .

tuprakbag 2011-08-15 05:09
خەۋەرنىڭ تام جېنىنى تەرجىمە قىلماپسىلەرغۇ......ئۇرۇش ۋاقتى بوپ قالسا مۇشۇندا تەرجىمە قىلساڭلا جىق ئادەم كىتىدىكەن جۇمۇ   


查看完整版本: [-- ....ئۆي زادى كىمگە تەئەللۇق ؟ (يېڭى خەۋەر) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.069265 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us