زاكات ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى 494.سۇئال زاكات سۆزىنىڭ مەنىسى نىمە؟ جاۋاپ زاكات _ لۇغەت ئىتىبارى بىلەن پاكلاش ۋە ئۆستۇرۇش دىگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ .زاكاتنىڭ ئىسلام ئىستىلاھىدىكىمەنىسى:مەخسۇس شەرتلەرگە ئاساسەن ،مۇئەييەن مىقداردىكى مالنى ھەقلىق بولغان شەخىسلەرگە تاپشۇرۇش دىمەكتۇر . زاكات بىرىدىغان كىشىلەر ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى قانداق كىشىلەرگە زاكات پەرز بولىدۇ؟ زاكات تۆۋەندىكى شەرتلەرگە توشقان كىشىلەرگەپەرز بولىدۇ: (1)مۇسۇلمان بولىشى . (2)بالاغەتكە يەتكەن بولىشى. (3)ئەقل_ھوشى جايىدا بولىشى . (4) پۇلى- مىلى زاكات بىرىش مىقدارىغا يەتكەن بولىشى . (5)پۇلى-مالغا ئىگە بولغىنىغا بىر يىل توشۇشى. (6)قەرىزدار بولماسلىقى(ئەگەرئۆزىنىڭ زاكات كەلگۈدەك پۇلى-مىلى بار تۇرۇپ ،تىجارەت قىلىش مەقسىتىدە قەرىز ئالغان بولسا،ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلقى بولغان پۇلدىن زاكات بىرىدۇ .) پۇل -مالنىڭ زاكات مىقدارىغا يىتىش ئۆلچىمى نىمە؟ پۇل-مالنىڭ زاكاتقا يىتىشى ئۆلچىمى 85 گىرامما ئالتۇن ياكى ئۇنىڭ خەلىق پۇلىدىكى قىممىتىدۇر ،يەنى بىراۋ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىھتىياجىدىن تاشقىرى ئەڭ ئاز دىگەندە 85 گىرامما ئالتۇن كەلگىدەك پۇل-مالغا ئىگە بولغان بولسا،ئۇ كىشىنىڭ زاكات ئايرىشى پەرزدۇر. زاكات كىلىدىغان ماللار زاكاتقا كىلىدىغان ماللار قايسىلار؟ (1) نەق پۇل (2) تىجارەت ماللىرى (3)ئاشلىق ۋە كۆكتاتلار (4) چارۋا ماللار (5) يەر ئاستى بايلىقىلىرى (6)دىڭىز بايلىقلىرى (7) شىركەت ھەسىسدارلىقى نەق پۇلنىڭ زاكىتى نەق پۇلدىن قانچىلىك زاكات بىرىلىدۇ؟ ئالتۇن، كۈمۈش ،يۈەن،تەڭگە ، سوم،رىيال،دوللارۋە باشقا خەلەق پۇللىرى قاتارلىق نەق پۇلنىڭ زاكات مىقدارى 2.5%(يۈزدىن ئىككى يىرىم پىرسەنىت)تۇر . يەنى نورمال ئائىلە ئىھتىياجىنىڭ سىرتىدا 21ئىيارلىق ئالتۇندىن 85 گىرامما ئالتۇن ياكى 595گىرامما كۈمۈش ياكى بۇنىڭ قىممىتىدە نەق پۇلى بولغان كىشىنىڭ ئومومى نەق پۇلىدىن 2.5%نى زاكاتقا بىرىش پەرزدۇر. تىجارەت ماللىرىدىن قانچىلىك زاكات بىرىدۇ؟ تىجارەت ماللىرىنى نەق پۇلغا سۇندۇرۇپ ، ئومومى مىقدارىدىن 2.5%ى زاكات بىرىدۇ. چارۋا ماللىرى قايسىلار؟ چارۋا ماللىرىدىن تۆگە ،ئات، كالا، قوي ،ۋە ئۆچكە قاتارلىق گۈشى يىيىلىدىغان ھايۋانلار كۆزدە تۇتىلىدۇ. چارۋا ماللارغا زاكات كىلىشنىڭ شەرتى نىمە؟ (1)يىلنىڭ ھەممىسىدە ياكى ئۇنىڭ كۆپىرەكىدە يايلاقلارغا قۇيۇپ بىرىپ بىقىلغان بولىشى . (2) ئىگىسىنىڭ مۈلىكىگە ئۆتكىنىگە تولۇق بىر يىل توشقان بولۇشى . (3)زاكاتنىڭ پەرىز بولۇشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكەن بۇلىشى . تۆگىنىڭ زاكات مىقدارى قانچىلىك؟ سانى 5 كە يەتمىگەن تۆگىگە زاكاتقا كىرمەيدۇ . تگىنىڭ سانى 5كە يەتكەندە ،ئۇنڭدىن بىر قوي ،ئونغا يەتكەندە ئىككى قوي،بەشتىن يىگىرمىگىچە ھەربىر بەش تۆگە ئۈچۈن بىردىن قوي زاكات بىرىدۇ . تۆگىنىڭ سانى 25تىن ئاشقاندىن كىيىن ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ. كالىنىڭ زاكات مىقدارى قانچىلىك؟ كالىنىڭ سانا 30 غا يەتمىگىچىلىك زاكاتقا كىرمەيدۇ . كالا سانى 30 غا يەتسە ، ئۇنىڭدىن 2 ياشلىق كالىدىن بىر كالا زاكات بىرىدۇ . قوينىڭ زاكات مىقدارى قانچىلىك؟ سانى 40 قا يەتمىگەن قويلارغا زاكات كەلمەيدۇ . قويلار سانى 40 قا يەتسە بىر قوي زاكات بىرىدۇ .40تىن120 گىچىلىك ئەھۋال شۇنداق بولىدۇ. ئۆيدە بىقىلغان ياكى بوداپ سىتىش ئۈچۈن تۇتۇلغان چارۋا مالنىڭ زاكىتى قانچىلىك؟ مۇنداق چارۋا مالنىڭ زاكىتى نەق پۇل ھىساۋىدا بىرىلىدۇ .يەنى ماللارنى نەق پۇلغا سۇندۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن 2.5%ى زاكاتقا بىرىلىدۇ. ئاشلىق زىرائەتلەرنىڭ زاكىتى قانچىلىك؟ ئاشلىق ۋە زىرائەتلەر (مىۋە- كۆكتاتلار )يامغۇر سۈيى بىلەنلا سۇغۇرۇلغان بولسا ئۇنىڭدىن 10% ى ئەگەر ئادەم كۈچى بىلەن سۇغۇرۇلغان بولسا ئۇنىڭدىن 5% ى ئەگەر يامغۇر سۈيى ھەم ئادەم كۈچى بىلەن سۇغۇرۇلغان بولسا ئۇنىڭدىن 7.5% زاكات بىرىلىدۇ . شىركەت ھەسىدارلىقىدىن قانچىلىك زاكات بىرىلىدۇ ؟ ھەرقانداق شىركەتكە ھەسسىدار بۇلۇپ ئۇنىڭغا پاي سالغان كىشىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى نەق پۇل ھىساۋى بويىچە 2.5%ى زاكات بىرىش پەرز دۇر. زاكات كەلمەيدىغان نەرسىلەر قايسىلار؟ (1) ئولتۇرۋاتقان ئۆيلەر . (2) ئىشلىتىۋاتقان ئۆي ئەشيالىرى. (3) كىيىلگەن كىيىم كىچەكلەر 4)ئائىلىنىڭ يىيىش ئۈچۈن توپلىغان ئوزۇقلىرى . (5)ئىشلىىۋاتقان ماشىنا . (6) كىشىنىڭ ئۆز كەسپى ئۈچۈن كىرەكلىك سايمانلار ،ئەشيالار . (7) زىننەت ئۈچۈن ۋە ئاياللارنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن تۇتۇلغان ھەرقانداق نەرسىلەر گە زاكات كەلمەيدۇ . ئەمما نەق پۇل ئورنىدا ساقلانغان ئالتۇن كۈمۈشكە، قاشتىشىغا شۇنداقلا پۇلغا يارايدىغان ئىھتىياجى سىرتىدىكى ھەرقانداق قىممەتلىك نەرسىلەرگەزاكات كىلىدۇ. زاكات كىملەگە بىرىلىدۇ؟ (1)پىقىرلارغا (2)مىسكىنلەرگە ( ھىچ نەرسىسى يوق كىشىلەرگە) (3)قەرىزدارلارغا (4)ئاللاھنىڭ يولىدىكى مۇجاھىدلارغا ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلارغا ، (5)يولدا قالغان پۇلسىز مۇساپىرلارغا (6)زاكات توپلاشقا مەسئۇل بولغان زاكات خادىملىرىغا . (7)قۇللارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن (8) كۆڭۈللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا بىرىلىدۇ. زاكات كىملەرگە بىرىلمەيدۇ؟ (1)بايلارغا (2) كۇففارلارغا (3)زاكات بەرگۈچىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا ، بوۋا مومىلىرىغا (4) زاكات بەرگۈچىنىڭ باللىرىغا، نەۋرىلىرگە، چەۋرىلىرگە (5) زاكات بەرگۈچىنىڭ جورىسىغا بىرىلمەيدۇ ،يەنى ئەرنىڭ ئايالىغا، ئايالىنىڭ ئىرىگە زاكات بىرىشى دۇرۇس ئەمەس ، بەرگەندىمۇ ئادا تاپمايدۇ.
مەنبە: دىن ۋە ھايات (1600سۇئالغا جاۋاپ) دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى .
|