查看完整版本: [-- ئاياللاردىن ئەرلەرگە سۆز --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> ئاياللاردىن ئەرلەرگە سۆز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كوكتالالىق 2011-08-12 10:32
ئاياللارنىڭ قانداق ئەرلەرنى ياقتۇرۇدىغانلىقنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇپ بېقىڭ:
ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ، يېنىڭىزدىكى ئايالنى باشقا ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ يۈرمەڭ. ھە دېسىلا ئايالىڭىز ياكى لايىقىڭىز ئالدىدا باشقىلارنىڭ خوتۇنىنىڭ ياخشىلىقىنى ئەزۋەيلەپ  سۆزلىسىڭىز، قارشى تەرەپكە ئېغىر كېلىدۇ.
سوغۇق تەگمەڭ. ئاياللار بۇنداق ئىشلارغا بەك سەزگۈر ،بىرەر ئىش بولغۇچە ئىشنى يامان تەرەپكە تارتىپ ئويلايدۇ، شۇڭا سوغۇق تەگسىڭىز يامان نەتىجە كۆرۈلىدۇ.
ئەرلەر ئادەتتە خىزمىتى بىلەن ئەملى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ، ئاياللار بولسا ئېرى، بالىسى توغرىسىدا كۆپرەك توختىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا كۆيۈنىدىغانلىقىڭىزنى، ئاسرايدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ. ئۇ ئەگەر ئەقىللىق ئايال بولسا، دوستلىرىڭىز ئالدىدا سىزنىڭمۇ ئابرۇيىڭىزنى قىىلدۇ.
ئەرلەر گۈزەل ئاياللارغا قاراشقا ئامراق بولغىنىدەك، ئاياللارمۇ سالاپەتلىك ئەرلەرگە قاراپ قويىدۇ. بۇنداق چاغدا لايىقىدا كۈنلەپ قويۇڭ، لېكىن ئاچچىقلانماڭ، چېچىلماڭ، چۈنكى ئاياللار بۇنداق چاغدا ئەرلەرگە ئوخشاش كۆپ نەرسىلەرنى ئويلاپ كەتمەيدۇ.
ئۇنى چىن دىلىڭىزدىن سۆيسىڭىز، ئۇنى ھۆرمەتلەڭ، قول تەككۈزۈپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىڭ، ئەگەر ئۇنى سۆيمەيدىغان بولۇپ قالسىڭىز يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ كۆرۈڭ، ئۇنى بەختلىك قىلالايمەنمۇ-يوق، دېگەننى ئويلاڭ،جاۋابىڭىز ياق بولسا، ئۇنى ئۆز يولىدا ماڭغىلى قويۇڭ.
ئەرلەر خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى، كەسپ ئەخلاقى تىكلىشى، خىزمەتتىن خۇشاللىق تېپىشى كېرەك، ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ھەممىسى ئۆيىدىكىلەرنى خۇشاللىققا، خاتىرجەملىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بولۇشى زۆرۆر، قىسقىسى، ئەرلەر ئائىلىسى ئۈچۈن شان-شەرەپ قۇچۇشنى ئۆگىنىۋالغىنى ياخشى.
ئايالىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۆزىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
ئىككى ئادەمنىڭ بىللە ئۆتۈشىدە، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ، چۈشىنىش، ۋە يول قۇيۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلىڭ.

        
                                                                                            ــــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

deyarem 2011-08-12 13:58
ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ،


查看完整版本: [-- ئاياللاردىن ئەرلەرگە سۆز --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.043369 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us