查看完整版本: [-- يۇمۇرلار --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> يۇمۇرلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

samanyoli 2011-08-09 20:21


بىر كۈنى كۆۋرۈك  ئەپەندىم موتونىڭ كەينىگە بالىسىنى مىندۈرۋىلىپ، شۇنچىلىك تېز سۈرئەتتە ھەيدەپ كىتىۋىتىپتۇ قارىسام. موتو سۈرئىتىنىڭ تېزلىكىدىن بالىسى چۈشۈپ قالايلا دەپتۇدە. شۇنىڭ بىلەن توۋلىدىم:
ھاي كۆۋرۈك ھاجى!!!!!!!!! ئاستىراق ماڭسىلا، ئا بالىلىرى چۈپ قالاي دەپتۇ !!!
كۆۋرۈك  ئەپەندىم كەينىگە شۇنداقلا قاراپ ھەيرانلىق بىلەن بالىسىدىن سورىدى:
_ ۋاي بالام!!! ئاپاڭ قېنى؟؟؟




مۇشۇ كۆۋرۈك  ئەپەندىم ئالامەت پو ئاتىدىكەندە،بىر كۈنى كۆۋرۈك بىلەن تاھىر  پو ئىتىشىپ قاپتۇ.
- بىزنىڭ يۇرتتا كۈندە بوران چىقىدۇ، ئەگەر بوران چىقماي قالسا، بىز زېرىكىپ بىر-بىرىمىزنى پۈۋدەپ ئوينايمىز. دەپتۇ تاھىر ، بۇنى ئاڭلاپ كۆۋرۈك دەپتۇ- 
- ۋاي بۇ قانچىلىك ئىشتى، بىزنىڭ يۇرتتا باغۇ كۈندە يامغۇر ياغىدۇ دىگىنە، ناۋادا بىرە كۈن يامغۇر ياغماي قالسا، بىز بىر-بىرىمىزگە  قۇمچېچىپ ئوينايمىز. دىگۈدەك




مۇشۇ كۆۋرۈك دىگەن دەششەت قىزىل كومۇنىستدە بۇ،،،،،،،،،بۇنىڭ قانداقسىگە كادىر بوپ قالغانلىقىنى بىلگۈڭلار باردۇ ھە،
خېلى بۇرۇنقى ئىش جۇمۇ ماۋۇ،،،،،
كادىر قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقان چاغ
باشلىق -ئوقۇش تارىخىڭ؟
كۆۋرۈك -باشلانغۇچنىمۇ پۈتتۈرمىگەن.
باشلىق -مۇشتلىشىپ باققانمۇ؟
كۆۋرۈك-ئەلۋەتتە.
باشلىق-دېلو سادىر قىلىپ باققانمۇ؟
كۆۋرۈك -ئەمدىلا  تۇرمىدىن چىقتىم.
باشلىق -باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىۋالغۇدەك كۈچۈڭ بارمۇ؟
كۆۋرۈك-ئەلۋەتتە ،دادامنىمۇ ئۇرۇپ ياتقۇزىۋەتكەنتىم.
باشلىق _ئۇنداق بولسا ياخشى،بىزشەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىيىتىمىزگە سەندەك ئىختىساس ئىگىلىرى لازىم ئىدى،سەن ئۆتتۇڭ ،ئەتىلا ئىشقا چۈش،،،،،،ھەي توختا، ئەگەر مەسىلە كۆرۈلسە قانداق قىلىسەن،،،؟
كۆۋرۈك -بىلىمەن،،مەسىلە كۆرۈلسە ،مەن ياللانما خادىم دەيمەن،،،
باشلىق -پاھ ،،،ھەقىقى تالانت،،،توختا ،ئەتە ئەمەس ،بۈگۈن كەچتىلا ئىشقا چۈش،




مۇشۇ كۆۋرۈك دىگەن قېرىغىنىنى بىلمەيدىغان كىشىدە بۇ،،،بىر كۈنى كوچا ئاپتۇبۇسىدا قەستەنگە بىر ياش چىرايلىق قىزغا سۈركىلىۋاپتۇدە
شۇنىڭ بىلەن بۇ قىز دەرھال خاپىلاپ قاپتۇ-ۋاي ،كېسىلىڭىز بامۇ سىزنىڭ ،،
كۆۋرۈكمۇ بوش كەلمەي-سىزدە دورا بارمىتى،دەپتۇ.ئاپتۇبۇستىكىلەر پىخ -پىخ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ
قىز تېخىمۇ خاپىلاپ -سىزنىڭ نېرۋا كېسىلىڭىز بارمۇ قانداق ،دەپتىكەن،بۇ قېرى يەنە ئۇستاتلىق قىلىپ ،قاتتىق ھاياجان بىلەن -نىمە سىز مېنى داۋالىيالامسىز -دىگۈدەك


 
كۆۋرۈك بىر كۈنى ئالامەت پوچى بىر تونۇشى بىلەن دىيىشىپ  قاپتۇ،،ھىلىقى تونۇشى دەپتۇ،دادىسنىڭ بىر ئىنژىنىر ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ -ساڭا دىسەمچۇ ئاداش،،مۇشۇ ھىمالايا تېغى دىگەننى مېنىڭ دادام ياساپ چىققان جۇما،،،،،
كۆۋرۈكمۇ بوش كەلمەپتۇدە -ۋاي ئۇ قانچىلىك ئىشتى،،سەن ئۆلۈك دېڭىزنى بىلەمسەن،،شۇ دېڭىزنى باغۇ ،مېنىڭ دادام ئۆلتۈرىۋەتكەن،شۇنىڭدىن كېيىن ئۆلۈك دېڭىز دىيىلىدىغان بولغان،




تاھىربەگ 2011-08-09 20:49
ھى ھى ، ئەسلىدە ئۆلۈك دېڭىزنى كۆۋرۈكنىڭ دادىسى ئۆلتۈرۋىتىپتىكەندە ....

kuwruk 2011-08-10 13:52
سامان يۇلى ئۇيگە خاپا يىنىپ كەلدى..بۇنى كۇرگەن ئايالى يۇلدىشغا
بۇگۇن بىرەر كىلىشمەسلىك بۇلدىمۇ ؟
سامان يۇلى بۇگۇن مەن كۇچا ئاپتۇبۇسىدا 200يۇەن تىپىۋالدىم ..
-ئايالى: بۇ ياخشى ئىشكەنغۇ،،سىز بەك تەلەيلىك جۇمۇ جىنىم سامان يۇلى ...
سامان يۇلى:يىنىمدا ئۇلتۇرغان تاھىر ئىسىملىك بىر ئاتۇشلوق كۇرۇپ قالغان مەنمۇ شىرىك دەپ تۇرۋالغاچقا 100يۇەننى ئۇنىڭغا بىردىغان بۇلدۇم ..
ئايالى:ۋىيەي بۇپتۇ زىيان تاتمامسىزغۇ،،،،دىسە،،،سامان يۇلى خاپىلاپ ،،،سەن نىمە بىلەتتىڭ ئەخمەق،،،دۇت!
تىپىۋالغان پولنى ئەسلىدە مەن يۇتتۇرۇپ قۇيغانكەن ئەمەسمۇ؟؟     

دىلناز 2011-08-10 14:37
ھا ھا ھا !!!!!!!!!!   نىمانداق قىزىق   يۇمۇرلار بۇ  ؟

ئىخۋان 2011-08-10 16:07
كەڭسايدا تەسەۋۋورغا باي قېرىنداشلىرىمىز باردە...

نەزىرە 2011-08-10 16:42
بەك قىزىقارلىق يۇمۇرلاركەن        مۇشۇنداق تېما بىزەكلىرىنى ئىشلىتىپ تېما يېزىشنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغان بولساڭلار


查看完整版本: [-- يۇمۇرلار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.077596 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us