查看完整版本: [-- ئانىسىنى تۇنۇيالمىغان قىزدىن تۇغۇلغان ئويلار --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> ئانىسىنى تۇنۇيالمىغان قىزدىن تۇغۇلغان ئويلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كوكتالالىق 2011-08-09 10:54
 ئۆيگە كېلىپ ئۈستەك ئۈستىگە كۆزۈم چۈشتى. بۇ تۇققىنىمىزنىڭ قىزىغا ئاتاپ بەرمەكچى بولغان بۆشۈك توينىڭ تەكلىپنامىسى ئىدى.
-ئانا، مەريەم ھەدەم بىر يىلنىڭ ئالدىدا قىزىغا بۆشۈك توي قىلىپ بولغانىدىغۇ؟-تەئەججۈپ بىلەن سورىدىم ئانامدىن.
-شۇنداق، ئۇ دېگەن چوڭلارنىڭ قىلىپ بەرگىنى. بۇ قېتىم ئۆزلىرى ياشلارنى ئاساس قىلىپ بەرمەكچى ئىكەن. ھازىر بىر بالىغا ئىككى قېتىم بۆشۈك توي قىلىپ بېرىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدىغۇ-تاڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ياشلارنىڭ ئۆيدە ناخشا-ساز قىلغىلى بولمايدۇ، مېھمانلارنى كۈتۈپ بولمايدۇ، ھەممەيلەن رېستۇرانغا باردۇ. مەريەم ھەدەم بىر نەچچە دوستىنىڭ ھەمراھلىقىدا ساتىراچخانىغا كەتتى. بىز ئۇنىڭ قىزىنى ئېلىپ رېستۇرانغا باردۇق. خېلى ھازادىن كېيىن رېستۇرانغا«كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك»ياسانغان بىر نەچچە چوكان كىرىپ كەلدى. قىلغان گىرىمى ۋە كىيىۋالغان كىيىمىدىن مەريەم ھەدەم باشقا دوستلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇراتتى. شۇ ئەسنادا؟ بۆشۈك تويى»بولغان قىزچاق ئۇيقۇدىن ئويغاندى ۋە ئانىسنى ئەمگۈسى كەلگەن چېغى، بىزنىڭ پەپىلەشلىرىمىزگە پەرۋا قىلماي ئانىسىنى .ىزدەشكە باشلىدى. مەريەم ھەدەم بىزنى ئىچىگە باشلىغاچ، قىزىنى قولغا ئالماقچى بولدى، بىراق قىزچاق ئەزەلدىن كۆرۈپ بدقمىغان غەلىتە چىرايدىن قورقۇپ تېخىمۇ يىغلاشقا باشلىدى.
سورۇن باشلاندى، بۈگۈنكى سورۇننىڭ «ئىگىسى»بولغان قىزچاق تېخىچە ئانىسنى ئىزدەۋاتاتتى. سورۇن بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقتى. بالىلار ئۇيقۇسى كېلىپ پۇرلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىغىنىچە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ سەھنىدىن چۈشۈشىنى ساقلاۋاتاتتى.
رېستۇراندىن قايتقۇچە، مەرىكىسى بولغان قىز ئانىسىنى كۆرۈپلا يەنە كەينىگە داجىپ يىغلاشقا باشلىدى، ئۇنى ئۆيگە ئەكەلدۇق. ئۇ غىدىڭشىغىنىچە، ئۇيقۇسىنى تاپالماي ئاۋارە بولۇپ كېتىۋاتاتتى.
شۇنداق قىلىپ بىر بالىغا، بوۋاق 40 كۈنلۈكتىن  ئىككى ئايلىق بولغۇچى، چوڭلارنى ئاساس قىلىپ بىر قېتىم، بىر ياشتىن بىر يېرىم ياشقىچە، ياشلارنى ئاساس قىلىپ رېستۇراندا يەنە بىر قېتىم، جەمئىي ئىككى قېتىم بۆشۈك توي قىلىش ئوموملىشىپ قالامدۇ؟ بىر قېتىم مەرىكە بېرىپ بولغان بالىغا يەنە بىر قېتىم مەرىكە قىلىشنىڭ، ئازادە قورۇلار تۇرسا، رېستۇرانغا يۈگۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ «ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس»دېگەندەك، رېستۇراندا مەرىكە قىلىپ ئابرۇي تاپماقچىمۇ؟ نەچچە يۈز سولاپ پۇل خەجلەپ ناراسىدىلەر تونۇيالمىغۇدەك گىرىم قىلىش بەدىلىگە ساغلاملىقىمىزنى، ئەڭ مۇھىمى تېرىمىزنى بۇزماقچىمۇ؟... كېيىنكىلەرگە ھېنىمىگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل مەدەنىيەت ئۈلگۈسىنى تىكلەپ بەرمەكچىمۇ؟
ھەممىزگگ مەلۇم، بۆشۈك توي يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاقنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەرىكە. ئەلۋەتتە، بۇ خىل خۇشاللىق ئۈچۈن مەرىكە قىلىش كېرەك، لېكىن يۇقىرىقىدەك ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ ئورنى بارمۇ؟
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر تۇققىنىمىز قىزىنىڭ تويىنى ئاددىيلا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇلار قىز تويىنى ئۆيىدە قىلغىنىغا، قىزى پۇزۇر كىيىنىپ، ھەشەم بىلەن گىرىم قىلمىغىنىغا ھېچكىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالمىدىغۇ؟ مېنىڭچە، ئۆزىمىز يارىتىۋالغان« يېڭى مەدەنىيەت» كاتېگورىيىسىگە تەۋە نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى قارىغۇلارچە سۆرەپ كىرىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۆرىيىتى يوق. دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مىللىي خاسلىقنى بارغانسېرى قوغلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۆزىمىزگە مۇناسىپ ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قالسەاق، مەدەنىيەت ئالىمىدە يەنىلا يارقىن نۇقتا بولۇپ جۇلالىتالايمىز. ئەۋلادلارغىمۇ ساپ مەدەنىيىتىمىزنى يەتكۈزەلەيمىز.

                       مەنبە:تورداشلار تورى

erdem-ay 2011-08-10 06:43
توۋا ، راستىمنى دېسەم ، بۆشۈك توينىڭ بۇنداق 2 قېتىم بولىشىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىىشم .
بىز خەق بىر ئىشلارنى ئەجەپمۇ بەك ئاشۇرۋىتىمىز زادى. ھــىــــــــــــــــــي!!!
ئىست ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ، ئىسىت پۇل ~~~~

بەكمۇ ئەپسۇسلانغىدەك ئىشلاركەن بۇ  

دىلناز 2011-08-10 13:34
شۇ خىل ئىللەتلەرنى تەرەققىيات دەپ ئەگىشىپ مېڭىۋەرسەك بۆشۈك تويلار  3~4قېتىممۇ ئۆتكىزىلىدۇ تېخى


查看完整版本: [-- ئانىسىنى تۇنۇيالمىغان قىزدىن تۇغۇلغان ئويلار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.045034 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us