查看完整版本: [-- كورىيە ئاخباراتى جۇڭگو «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» ياسىدى دەپ بىلجىرلىدى. --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> مەمىلكەت خەۋەرلىرى -> كورىيە ئاخباراتى جۇڭگو «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» ياسىدى دەپ بىلجىرلىدى. [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

almiliq 2011-08-08 18:41
        خەلق گېزىتى تورى 8 -ئاۋغۇست خەۋىرى: 8 -ئاۋغۇست نەشىردىن چىققان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە پۇقرالىرى جۇڭگونىڭ  يىمەكلىك ۋە دورىلىرىدىن قاتتىق ئەنسىرەشكە باشلىغان، كورىيەدىكى ئۈچ چوڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىىسىنىڭ بىرى بولغان SBS تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 6- ئاۋغۇست كەچ كورىيەدە جۇڭگونىڭ «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» بايقالدى دىگەن تېمىدىكى پروگراممىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، خەلىقنىڭ كۆڭلىدە قورقۇنۇش پەيدا بولۇشقا باشلىغان.

      بۇ پروگراممىدا SBS تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى جۇڭگونىڭ قىسمەن دوختۇرخانىلىرىدا ئۆلگەن بوۋاقلارنى سېتىش ھەمدە ئادەم «گۆشى كاپسۇلى» ياساش ئەھۋالىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان. پروگراممىدا يەنە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ، قىسمەن «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» نى كورىيەلىكلەر  ئاللىقاچان ئىستىمال قىلدى دىيىلگەن. مەزكۇر خەۋەرلەر گۇرۇپپىسى بىۋاستە جۇڭگوغا كىلىپ، ئەسلى ماتىرىيال ساتىدىغان دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان ھەمدە «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» ياساش جەريانىنى كامىراغا ئېلىۋالغان، «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» ياساش جەريانى ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق بولغانلىقتىن كۆپ قىسىم كۆرۈنۈشلەر غۇۋا بولۇپ قالغان، بىراق قىسمەن كۆرۈنۈشلەر ئىچىدىن چاچ ۋە تىرناق پارچىسى بايقالغان.

     مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل قۇۋۋەت قىلىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغان «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» نىڭ كۆپ قىسىمى جۇڭگو،چاۋشىيەن مىللىتى ئارقىلىق كورىيەگە كىرگەن، ھەمدە سېتىلىش باھاسى جۇڭگو بازىرىدىكىدىن ئون ھەسسە يۇقىرى بولغان. خەۋەرنىڭ چىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پروگرامما ئىشلەش جەريانىدا دۆلەتلىك تامۇژنا بېجى نازارىتى ۋە ئىلىم-پەن تەكشۈرۈش ئاكادىمىيىسىنى خېمىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا  تەكلىپ قىلغان. نەتىجىدە  تەكشۈرۈپ چىققاندىكى DNA ۋە گىننىڭ %99.7 ى ئادەملەر بىلەن ئوخشاش چىققان.

      پروگراممىنى كۆرگەندىن كېيىن كىشىلەر ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ غۇلغۇلا پەيدا بولۇپ، بۇ قىلمىشنى ئادەم قېلىپىدىن چىققان ھەرىكەت دەپ باھا بىرىشكەن.

خەلق تورىدىن dolqun تەرجىمە قىلدى.
مەنبە:http://news.okyan.com/View.aspx?ID=2729

muhtarbay 2011-08-09 00:59
ئاشۇنداق قىلغىنىغا كورمىسەممۇ ئىشىنىمەن

تەپەككۇر 2011-08-09 08:50
نىمە دىگەن  قورقۇنۇشلۇق خەۋەر بۇ؟

zamandax 2011-08-09 10:18
بىزنىڭ شىنجاڭدىمۇ بارمىدۇ بۇكاپسۇلدىن.
كاپسۇل دىگەن دورا تۇرسا،كاپسۇل يىمىگەنلەر ئازمۇ، ھەي........................

turkizat 2011-08-09 11:42
مەن قىلچىلىك ھەيران قالمىدىم .باشىقا دۆلەتلەردە بۇنداق ئەكۋال يۈزبەرگەن بۇلسا چوقۇم ھەيران قالاتتىم.
بۇدۇنيادىكى ئەڭ يامان شەيتان پۇل !!!

dulbarqin310 2011-08-09 13:25
ئاللاھ بىزلەرنى ساقلىغىن ئۇنداق نىمىدىن، ئۈلۈپ قالساممۇ كاپسۇل يىمەيمەن بولدى.

ئۆركەش 2011-08-09 14:11
بۇ_ پۇلغا چوقۇنۇشنىڭ ئاقىۋېتى .
نىمىنى يىيىش ، نىمىنى يىمەسلىك ئېنىق بولسىمۇ ، يىمەيۋاتىمەن دىسەكمۇ ئىشەنچ قىلالمايدىغان بىر دۇنيادا ياشىماقتىمىز ...

alpacino 2011-08-09 14:24
ھەيران قالغۇدەك  ئىش  ئەمەس  ، بۇنىڭدىنمۇ ۋەششى ئىشلارنى  قىلدۇ  بۇلار  ..

!adiyat 2011-08-09 14:30
بۇباشقىلارنىڭ  بولۇپمۇ غەرىپنىڭ جوڭگونىڭ  تىببى  ساھەدىكى نەتىجىلىرىنى كۆرەلمەسلىك
ۋە جوڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا بازارلىرىنى ئىگەنلىشىگە قارشى تۆھمەتلىرى..
راست  بوسا  5 مىڭ يىللىق   مەدەنىيەت  نەدە  قالىدۇ.
قەدىمى يۇەنمۇ -بىيجىڭ  ئادەملىرىمۇ  قىممايدۇ  بۇنداق  ئىشنى .

oglan 2011-08-09 15:00
 

taranqi217 2011-08-09 15:12
نىم دەيدۇي مۇنۇلار... ئادەمنى بىر قىسمات قىلىپ ...
ئەمدى ئاغىرىپ قالسام .... دوختۇرلار كاپسۇل يە دەپ تۇرۋالسا ...مەن يىمەي تۇرۋالسام ......
تىلىقىپ قالىمەندە .....

dralim919 2011-08-09 17:11
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى !adiyat نىڭ 2011-08-09 14:30 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
بۇباشقىلارنىڭ  بولۇپمۇ غەرىپنىڭ جوڭگونىڭ  تىببى  ساھەدىكى نەتىجىلىرىنى كۆرەلمەسلىك
ۋە جوڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا بازارلىرىنى ئىگەنلىشىگە قارشى تۆھمەتلىرى..
راست  بوسا  5 مىڭ يىللىق   مەدەنىيەت  نەدە  قالىدۇ.
قەدىمى يۇەنمۇ -بىيجىڭ  ئادەملىرىمۇ  قىممايدۇ  بۇنداق  ئىشنى .

قىززىق گەپ بولدى، جۇڭگونىڭ  تىببى  ساھەسىدە كۆرەلمىگىدەك بىر نەرسە يوققۇ تېخى .
بىز ھەيران قېلىپ كۆز چەكچەيتكەن بىلەن ئۇلار ھىچقانچە ھەيران قالمايدۇ،شۇ ئاتالمىش 5 مىڭ يىللىق   تارىخىدا ئىزچىل بار ئىشمىكىن دەپ گۇمان قىلىمەن.كىم بىلىدۇ،بۇمۇ شۇ  نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەتنىڭ  بىر قىسمىمۇ ؟!

نۇرچىن 2011-08-09 17:18
يەنىلا ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن داۋالانساق بولغىدەك

saifulla 2011-08-09 17:27
كاپسۇل دىگەن مۇشۇ شۇدۇ؟      بۇنى كالا چوشقا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ،سۈڭۈكىدىن.ئايرىپ چىقىرىلغان  يىلىم بىلەن ياسايدىكەن.

مەنزىرە 2011-08-09 18:49
يا اللە!  ئەمدى قىلمىغان مۇشۇ ئىش قاپتىما؟!
ھەيييييييييييييييييييييييييييييي پۇل........

xamxar901 2011-08-09 19:39
بىزنىڭ شىنجاڭدىمۇ بار。。。。。。。。。。。。。。。。         

جەڭچى 2011-08-09 20:00
مەنمۇ ھەيران قالمىدىم ،،،،   بولمىسا جاننى قانداق باقىدۇ بۇلار.

sutukbugra 2011-08-09 20:41
ھەيران قالىدىغان ئىش ئەمەس بۇنداق ئىش بۇلا ئۈچۈن  ئادەتتىكى ئىش  ئۇچالىقتىن ئايرىپىلان توت پۇتى بادىن جوزىنى يىمەيدۇ دەيدىغان تەمسىل باغۇ

مۇھاجىر 2011-08-09 21:01
بىزنڭ ئۇيغۇر تىبابىتىدە بۇ كاپسۇللارنى قايسى بىر دەرەخنڭ يىلىمىداياسامىشكەن يەنىلا بىزنڭ ئۇيغۇر تىبابېتى ياخشىكەن جۇمۇ

ibrayim 2011-08-09 22:47
نىمىدىگەن قىززىق ئىنكاس بۇ    ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن

dellyar571 2011-08-09 23:21
خەن تىبابىتىدە ئادەم گۆشىنىڭ دورىلىق قىمىتى ئىنىق خاتىرلەنگەن .خەنزۇلارنىڭ تارىخىدا ئادەم گۆشى ھازىرغىچە رىستۇرانلاردا مەخپى ئاشكارە يىيىلىۋاتىدۇ بۇ قالايمىقان تەشۋىقان ئەمەس ئەمىلىيەت .جۇگگۇ جخدى تەدبىر قولىنىپ بۇ قەبىھلىكىنى يوقىتىشقا تىرىشمىسا دۆلەپ ئوبرازى مانا مۇشۇنداق سىسىپ ماڭىدۇ

!adiyat 2011-08-09 23:25
تاڭسىڭنىڭ گۆشىنى يىمەكچى بولغان جىن- ئالۋاستىلار ئىنسان سىياقىدا  ھازىرمۇ ھاياتكەندە .

زىلالە 2011-08-09 23:46
بىر ۋاقىتلاردا توردىن ،يېڭى تۇغۇلغان  بۇۋاقلارنى شورپا قىلىپ يىگەنلىكىنىمۇ كۆرگەن ئىدىم مەن بۇلارنىڭ .

erdem-ay 2011-08-10 02:17
بۇۋاقلارنى شورپا قىلىپ يىيەلىگەن يەردە ، ئادەم گۆشىدىن كاپسۇل ياساش دىگەن ئادەتتىكى ئىشتە .

كۆك-بۆرە 2011-08-10 02:57
بۇلارنىڭ ئادەم گۆشىدە مانتا تۈگۈپ ساتقان كىنوسى ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ .
يامان ۋەھشى  

muhtarbay 2011-08-10 05:35
بالا ھەمرىيى ئەڭ ئېسىل تامىقى

مۇھاجىر 2011-08-10 11:28
بۇلار بالا ھەمرىنى ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى دۇرا قاتارىدىن ساناپ تالىشىپ يەيدىكەن ئادەتتەدوختۇرخانىلاردە چۇشۇرۋەتكەن بالىلارنى ۋە ساق تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ھەمرىنى بەرمەسمىش ئاپىرىپ لەغمەن قورۇپ يەمىش دەپ ئاڭلىغان مەن

520ahsa 2011-08-10 14:07
ئەمدى ئاخشمى تالاغا ھەرگىز چىخمايمەن    

ئىخۋان 2011-08-10 14:49
بۇ نوپوسنى ئازلىتىشنىڭ بىرخىل ئۇسولىمۇ تىخى .....

muzepper 2011-08-11 06:43
24- قەۋەت زىلالەنىڭ يازمىسىغا-
ئۇ رېسىملەر مەندىمۇ بار كۈچۈرۈپ يوللاپ قۇياي دىسەم كۈچۈرۈلمەيدىكەن ياكى مەن بىلەلمىدىم.
بىز ھازىر تۇخۇمنىڭ ئىچىدىكى سېرىقىدەق ھىچ نەرسىنى بىلمەي ياشاۋاتىمىز... .

samanda3 2011-08-11 13:36
تەۋبە...........يەجۈجلارغۇ بۇ.....ئاتالمىش جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئوتترا پەللىسغۇ بۇ،يۇجۇرى پەللىسى ئالدىمىزدا .شۇ يۇقىرى پەللىسنىڭ قۇربانى بۇلۇشتىن ئۆزەڭ ساقلىغايسەن يا ائالا........................

deyarem 2011-08-11 15:18
بۇ_ پۇلغا چوقۇنۇشنىڭ ئاقىۋېتى .
نىمىنى يىيىش ، نىمىنى يىمەسلىك ئېنىق بولسىمۇ ، يىمەيۋاتىمەن دىسەكمۇ ئىشەنچ قىلالمايدىغان بىر دۇنيادا ياشىماقتىمىز ...

دېدار 2011-08-11 15:36
ئادەملەرنېڭ گەندېسدە ئاقسېل كۆپكەن دەپ كالا گوشې ياسغان يەردە ئادەم گوشنې بېۋاستە ييېش تۇرغانلا گەپ بۇ  ئالۋاستېلار......

maniwer2010 2011-08-17 04:19
قانۇن گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە خېنەندىن كەلگەن بىر ئاشپەز ،ساتىراچخانىدا ئىپپەت ساتىدىغان
تەتەينى بىر كەچلىگىنى ئىككى يۈز يۈەندىن سۆزلىشىپ ،ئىجارە ئۆيىگە ئاپىرىپ نەپسىنى قاندۇرۇپ
بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ،تاڭ ئاتقىچە بارلىق ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ،گۆش -
ئۇستىخانلىرىنى پاكىز ئايرىپ (تىلە قىلىپ) قىيمىسىغا دارا-دەرمەكلەرنى ئارلاشتۇرۇپ قىزا ياساپتۇ ،،،
ساقچىلارتەرەپىدىن تۇتلغانداھېلىقى «قىزى» نىڭ تەڭ يېرىمىنى ھاراققا زاكۇسكا قىلىپ يەپ بولغانلىغىنى
ئىخرار قىپتۇ !....مانا «بەشمىڭ يىللىق مەدەنىيەت» دىگەن!........     

general 2011-08-17 12:21
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى oglan نىڭ 2011-08-09 15:00 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
خۇدايىم يمىگەن ئادەم گۇشىمۇ قالماپتۇ دەيلى!

بۇ ئىنكاستا ئېغىر مەسىلە بار!

ئەنى-بەنى 2011-08-17 13:46
ئۆلگەن بوۋاقلادىن  شورپا قىلىپ سېتىۋستىدۇ  ،،بۇخەق ئىچكىردە.......  دورا ياساپ  سېتىش  دىگەن   قانچىلىك  ئىش ...

ھەر نىمە قىلىدۇ  تېخى

maniwer2010 2012-01-11 02:08
قەدىم تىبابەت ئالىمى لىشىجىن نىڭ «دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر» ناملىق كىتاۋىدا :ئادەم گۆشى ئۆپكە ،سىل كېسەللىرىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ  ،،دەپ ،ئېنىق خاتىرلەنگەن .لۇشۈننىڭ  «سەۋدايى خاتىرىسىدە » ئادەم گۆشى يىمىگەنلەر بارمۇ ؟،،بالىلارنى قۇتقۇزىۋالايلى !،،دىگىنى بىكار ئەمەس .....

شاڭجاڭ 2012-01-11 02:57
نىمانداق قورقۇنۇشلۇق  

bahram 2012-01-11 05:31
چوڭلارنىڭ دىيىشىچە خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بىر دوختۇرى يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يەۋالىدىكەنتۇق ، كىيىن ئاشكارلىنىپ قىلىپ قاماققا ئىلىنىپتىكەن ، يىنىپ چىققاندىن كىيىن يەنە خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۋاپتىكەن ، لىكىن ئۆزىنى پاش قىپ قويغان دوختۇرغا رەھىم قىلماي زەھەرلىك قولىنى ئۇزۇتۇپتىكەن ئۆچ ئىلىپ ،،،،،،،،،،،،،،
بۇلارنى ئاڭلاپ توۋا دەپ قالغان ئىدىم  

alim20 2012-01-11 13:05
ھېچكىم قىممىغان بىر ئىشنى بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تىببىي خادىملىرى  قىپتۇ ،بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلىق-تە.ھەي ئاغرىپ قالساق قانداقمۇ قىلارمىز.

axik4587 2012-01-11 14:15
بۇ دۆلتمىزدە نورمال ئىشقۇ. مۇشۇ چەتتەلىكلەرمۇ كىچكنە ئىشقا ھەيران قالدكەن......

anjura 2012-01-11 15:32
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 17قەۋەتتىكى sutukbugra نىڭ 2011-08-09 20:41 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھەيران قالىدىغان ئىش ئەمەس بۇنداق ئىش بۇلا ئۈچۈن  ئادەتتىكى ئىش  ئۇچالىقتىن ئايرىپىلان توت پۇتى بادىن جوزىنى يىمەيدۇ دەيدىغان تەمسىل باغۇ

ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
ماۋۇ ئىنكاستىن مەنمۇ بىر قىسىم ئىشلارنى ئەسلەپ قىلىۋاتىمەن. يېڭىدىن ئالىي مەكتەپكە كەلگەندە سىنىپىمدىكى نۇرغۇن باشقا مىللەتتىكى ساۋاقداشلىرىم مىنى كۆرۈپ ھەيرانمۇ قالغان ھەم مەن، مىنىڭ دىنىم، مىللىتىم توغرىسىدا كۆپ بىرنىمىلەرنى سوراپ تۇرۋالاتتى (ھازىرغۇ ئۇلارغا نىسبەتەن خېلىلا تونۇش بولۇپ كەتتىم) شۇ ۋاقىتتا سەن نىمىشقا ئاۋۇ نەرسىنى يىمەيسەن، ماۋۇ نەرسىنىمۇ يىسەڭ بولمامدۇ دىگىنىدە ئۇلارغا سىلەر ئاسماندا ئۇچىدىغان، يەردە ماڭىدىغان <مەخلۇقاتلا>نى خالىغانچە يىگەن بىلەن مەن جۈملىدىن بىز مۇسۇلمانلار ئۇنداق قىلالايمىز، چۈنكى بىزنىڭ ياراتقۇچىمىز قايسىنى يەپ،قايسىنى يىمەسلىكنى ئوبدان كۆرسىتىپ بەرگەن دىسەم تازا كۈلۈپ كىتىپ:<راس،سەن دىگەندەك بىز ھەممىنى يەپ باقىدىكەنمىز، بەكمۇ ئوبرازلىق ئىپادىلۋەتتىڭ.> دىگەن ئىدى.......

بۇ تىمىدىكى ئەھۋال بىزنىڭ <مەھەللە>دىمۇ بار ئىكەن قېرىنداشلار. ئۆتكەندە مەندىن ياشقا خېلىلا چوڭ ئاكا دىمەتلىك قېرىندىشىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالغانىمدا بىر ئەمەلىي مىسالنى دەپ بەرگەن ئىدى ھەيران قاپتىمەن. مەلۇم بىر كىشى ئايالىدىن يۇشۇرۇن ئىككىنجى خوتۇن ئاپتىكەن شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئايالىنىڭ كۈللىشى بەك ئېغىر بولغانلىقتىن چىداپ سەۋىر قىلىپ بولالماي ئاۋۇ كىچىك خوتۇنىنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىدە مانتا تۈگۈپ يولدىشىغا يىدۈرۋىتىپتىكەن بەلكىم بۇ ئىش راستۇ ۋە ياكى مۇنداقلا ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ  يۈرگەن گەپتۇ ئەمما بۇنداق ئەھۋالنىڭ بىزنىڭ ئارىمىزدا يوق دىيىشىگە مەن ئىشىنەلمەيمەن.

يەنە بىر ئىش يادىمغا كىلىپ قالدى.بۇ ئەھۋال خېلىلا ئىشەنچىلىك. مىنىڭ ئاتۇشتىكى بىر نەۋرە ئاكام مەلۇم مەزگىل بىر سىمۇنت زاۋۇتىدا ئىشلىگەن ئىدى، زاۋۇت رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ماۋۇ خەن مىللىتىدىن ئىدى، ئاكام خېلى ئۇستا شوپۇر بولغاچ بەزىدە زاۋۇت باشلىقى ئاقسۇدىكى ئۆيىگە ۋە باشقا يەرلەرگە بىرىپ قالسا ئاكامغا ماشىنىسىدا ئاپىرىپ قويۇشنى دەيدىكەن. بىر قېتىم ئاقسۇغا بىرىش يولىدا ئاكام بىلەن پاراڭلىشىپ مېڭىپ ئۇنىڭغا كىچىك بوۋاق بالا تېپىپ بىرىشنى دەپتۇ ئاكام ھەيرانلىقتا نىمە قىلىدىغىنى سورىسا ئۇ بوۋاقنى يەيدىغانلىقىنى، يېقىندىن بېرى ئىشلىرىنىڭ تازا يۈرۈشمەي ئامەت قېچىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەپ بوۋاقنى يەپ ئۇنىڭدىكى ئامەتنىڭ( 福)ئۆزىگە قوشۇلىشى ئۈچۈن شۇنى ئويلاۋاتقانلىقىنى دەپتۇ.(بۇلارنىڭ ئويىچە بوۋاقنى يىسە شۇ بوۋاققا تەڭرىدىن نىسىپ بولغان بارلىق بەخت-ئامەت شۇ بوۋاقنى يىگەن ئادەمگە قوشۇلىدىكەن، ئىشلىرى روناق تاپىدىكەن، ئۇنداق بوۋاق گۆشىنى خالىغان كىشلەر يىيەلمەيدىكەن، چوڭ-چوڭ باشلىق، پۇلى بارلار يەيدىكەنمىش.) ئاكام ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئاچچىقى بىلەن ئۇ خەننى بولىشىغا تىللاپ ماشىنىنى جاڭگالدا توختىتىپ قويۇپ ئۆزى كىتىپ قاپتۇ ھەم ئۆيگە كىلىپ بولغان ئەھۋاللارنى چوڭلارغا دەپتۇ. مۇئاشى يۇقىرى بولسىمۇ ئۇنداق خىزمەتنى قىلمايدىغانلىقىنى دەپ خىزمەتنى تاشلاپ مانا ھازىر يەنە شۇ شوپۇرلىقىنى قىلىپ قەشقەر-ئاتۇش ئارلىقىدا كىراكەشلىك قىلىپ يۈرۋاتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئاكامنىڭ تۇيۇقسىز ئىشىنى تاشلاپ چىققىنىغا ھەيران قالغان ئىدىم كىيىن ئۆيگە قاتقاندا ئۇ:<زاۋۇت باشلىقى دىگەن پور كۆتەك خەن مۇشۇنداق دەۋاتىدۇ. سەنمۇ دىققەت قىل سىنىمۇ كۇلىدا تىرىك تۇتۇپ يەپ كەتمىسۇن......> دىگەندەك گەپلەر بىلەن مىنى جىلە قىلىپ تۇرۇپ بۇ ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگىنىدە شۇنداق يىرگىنىپ كەتكەن ئىدىم.
ئاللاھ ئىماندىن ئىبارەت مۇشۇ كاتتا بايلىقنى ئاتا قىلمىسا ھەممە بىكار ئىكەن. مۇشۇنداق بىر-بىرىنى يەيدىغان يەنە ئاللاقانداق ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىدىكەن. ئاللاھ بىزلەردىن شۇ كاتتا <بايلىق>نى يىراق قىلمىغاي.


查看完整版本: [-- كورىيە ئاخباراتى جۇڭگو «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» ياسىدى دەپ بىلجىرلىدى. --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.077280 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us