查看完整版本: [-- كەلگۈسىدە نېمىلەر يوقاپ كېتىشى مۇمكىن؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> كەلگۈسىدە نېمىلەر يوقاپ كېتىشى مۇمكىن؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كوكتالالىق 2011-08-05 17:32
      1. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇنيا بويىچە نېفىتنىڭ خوراش سۈرئىتى مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن، كەلگۈسى بەش يىلدا دۇنيادا نېفىت بىلەن تەمىنلەش جىددىيچىلىكى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. ئالىملار قۇياش نۇرى ئېنېرگىيەسى، يادرو ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى قاتارلىق نېفىتنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تاپقان، دېڭىز ئاستىدىكى «كۆيۈشچان مۇز»نىڭ ئۆزىلا ئىنسانلارنىڭ 1000 يىل ئىشلىتىشىگە يېتىدىكەن.
2. ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر. 20-ئەسىردە 110 تۈر ۋە كەنجى تۈرلۈك سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ۋە 139 تۈر ۋە كەنجى تۈرلۈك قۇش يەرشارىدىن يوقالغان. ھازىر دۇنيادا 539 خىل قۇش، 400 نەچچە خىل ھايۋان، 209 خىل قوش ماكانلىق ھايۋان ۋە 20 مىڭ خىلدىن كۆپرەك يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. 28 يىلدىن كېيىن بىز بۇلارنى يەر شارىدىن تاپالماسلىقىمىز مۇمكىن.
3. ئەتىياز. كەلگۈسى ئون يىلدا غەلىتە ھاۋارايى ھادىسىسى ئىزچىل كۆرۈلىدىكەن، ياز بىلەن قىش ئۇزىرايدىكەن، پەسىل قىشتىن بىراقلا يازغا ئۆتۈپ كېتىدىكەن، ئەتىياز يوقاپ كېتىدىكەن.
4. پوچتا ماركىسى، كونۋېرت، پوچتا ساندۇقى. ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، خەت-چەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك كونۋېرت، پوچتا ماركىسى، پوچتا ساندۇقى قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ خاتىرىسى ۋە موزېيلاردىلا ساقلىنىپ قالىدىكەن.
5. دېھقان ئىشلەمچىلەر. بۇ ئاتالغۇ شەھەرلىشىشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ يوقىلىدىكەن.
6. مۇزلۇق. يەرشارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشى شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. 28 يىلدىن كېيىن بىز پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ھېچقانداق توسالغۇسىز شىمالىي قۇتۇپقا بارالىشىمىز مۇمكىن.
7. گېزىت. ئامېرىكىلىق ئالىم فىلىپ مېيېر 2034-يىلى گېزىت يوقىلىدۇ، دەپ پەرەز قىلغان، ياپونىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى گېچۇەن لىڭسەن گېزىتنىڭ 2030-يىلى يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. بۇ سۆزلەر ئاخبارات، نەشرىياتچىلىق كەسپىدىكىلەرنى ئەندىشىگە سېلىشى مۇمكىن. ئاخبارات ماگناتى مودوك: كەلگۈسىدە ئاخباراتچىلىق تورغا يۆتكىلىدۇ، دەپ قارايدىكەن.


                مەنبە:http://www.hawar.cn

lokqun 2011-08-06 13:20
يەنە نۇرغۇن مىللەتلەر يۇقۇلۇپ كىتىدۇ     

مەنزىرە 2011-08-06 13:34
بىزنىڭ مىللى مەدەنىيتىمىز،ئىمان_ئېتقادىمىز ...... يوقىلىپ كەتمىسىلا بولاتتىغۇ؟!

abduwali123 2011-08-06 14:02
بىزنىڭ مىللى مەدەنىيتىمىز،ئىمان_ئېتقادىمىز ...... يوقىلىپ كەتمىسىلا بولاتتىغۇ؟!

خۇدايىم ساقلا ،يۇلغۇن يۇقالمىسا بىز يۇقالمايمىز، چۈنكى يۇلغۇن بىزنىڭ روھىمىز

dulbarqin310 2011-08-09 13:35
نىمىنىڭ يۇقىلىپ نىمىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى پەقەت بىر ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ، بىز بىر نەرسە دەپ دەپ بۇلالمايمىز.

دىلناز 2011-08-09 18:42
بۇ گېپىڭىزنىڭ جېنى بار


查看完整版本: [-- كەلگۈسىدە نېمىلەر يوقاپ كېتىشى مۇمكىن؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.048564 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us