دىۋىزىيە كوماندىرىنىڭ ئاستىدىكى كىم؟ كوماندىر:بىزنىڭ دىۋىزىيىدە كىم ئەڭ چوڭ ئەمەلدار؟ يېڭى ئەسكەر:دىۋىزىيە كوماندىرى. كوماندىر:دىۋىزىيە كوماندىرىنىڭ ئاستىدىكىچۇ؟ يېڭى ئەسكەر:دىۋىزىيە كوماندىرىنىڭ ئېتى.
سۈت سېغىش مەلۇم كىشى سۈت فېرمىسىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپتۇ.ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنى،خوجايىن ئۇنىڭغا بىر چېلەك ۋە بىر ئورۇندۇق بېرىپ،ئۇنى سۈت سېغىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.ئۇ خۇشاللىق بىلەن ئىشلىگىلى كېتىپتۇ.ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا،خوجايىن ئۇنى ئۈستىبېشى سۈت بىلەن بۇلغانغان،ئورۇندۇقنىڭ بىر پۇتى سۇنغان ھالدا كۆرۈپ سوراپتۇ: -قانداق بۇ ئىش قىيىنمىكەن؟ ئۇ يىغلىغۇدەك جاۋاب بېرىپتۇ: -سۈت سېغىش قىيىن ئەمەسكەن،ئەمما قىيى بولغىنى كالىنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇشكەن.
رەسسام -مەن تۈنۈگۈن رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆردۈم.پەقەت بىردىنبىر كۆرگىلى بولىدىغىنى سىزنىڭ رەسىمىڭىزلا ئىكەن. -بۇرادەر سىزگە كۆپ رەھمەت،باشقا رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرى قانداقراقكەن؟ -باشقىلارنىڭ رەسىملىرى ئالدىدا ئادەملەر مىغ-مىغ بولغاچقا،كۆرۈش مۇمكىن بولماي قالدى. ئۆزىنى قوغداش گېنرال جەڭچىگە: -يىگىت،پۈيكۈل ئۇرۇش جەريانىدا ئىپادەڭ ناھايىتى ياخشى بولدى،سھن ئىزچىل يېنىمدا مۇھاپىزەتتە بولدۇڭ،رەھمەت ساڭا! دېدى -ئەرزىمەيدۇ گېنرال،ئەسكەرلىككە ماڭغاندا ئاپام ماڭا"ئوغلۇم ئۇرۇش بولغان ۋاقىتتا چوقۇم گېنرالنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىغىن،چۈنكى ئۇلار ئۇرۇشتا ناھايىتى ئاز يارلىنىدۇ،ھەتتا ھېچقانداق خەۋپكىمۇ يولۇقمايدۇ"دېگەنىدى.
ئاشخانىدىكى جېدەل لەڭمەن بىلەن چۆچۈرە گەپ تەگىشىپ سوقۇشۇپ قاپتۇ. لەڭمەن چۆچۈرىنى تاراسلىتىپ ئۇرۇپ ھېچ ھالىنى قويماپتۇ.بۇ ئەلەمگە چىدىمىغان چۆچۈرە دۆڭكۆۋرۈكتىن يڭغلىغان پېتى كونسۇل كوچىسىدىكى سامسىخانىغا بېرىپ ھالىنى ئېيتىپتۇ.سامسا غەزەپكە كېلىپ،چۆچۈرىنى ئالدىغا سېلىپ مېڭىپتۇ.يولدا تەييار چۆپ ئۇچراپ قالغانىكەن،سامسا ئۇنى ئۇرۇپ كېتىپتۇ. -ئۇكاڭنى ئۇرغان مەن ئەمەس،__دەپتۇ تەييار چۆپ،خاتا تونۇپ قاپسەن. سامسا تېخىمۇ غەزەپلىنىپ: -مەن سەنلەرنى بىلمەمدىم،چېچىڭنى بۈدۈر قىلىۋالساڭمۇ تونۇيمەن.
|