查看完整版本: [-- كەسىپ تاللاشتىكى تۆت مۇھىم پرىنسىپ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> كەسىپ تاللاشتىكى تۆت مۇھىم پرىنسىپ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كوكتالالىق 2011-08-03 12:29
          سۆز بېشى: كەسىپ ھەربىرىمىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، بىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى قامدايمىز، ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، كەلگۈسى ئۈچۈن ئېنېرگىيە توپلايمىز، قىسقىسى ئۇ بىزنىڭ مەۋجۇدىيىتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم كوزىر ھېسابلىنىدۇ. كەسىپ تاللاش، بولۇپمۇ ئۆمۈرلۈك كەسىپ تاللاش بىر ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ھەممە كىشى ئۆز كۆڭلىكىدەك كەسىپنى تاللاپ كىشى ناتايىن، ھەمدە ئۆزى ياقتۇرىدىغان كەسىپلەر بىلەن بىر ئۆمۈر شۇغۇللىنالايدىغانلار تولىمۇ ئاز. شۇڭلاشقا كەسىپ تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ زۆرۈر. بىزنىڭ كەسىپ تاللىشىمىز كېيىنكى ھاياتىمىزنى لايىھەلىشىمىزنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ قالىدۇ.
ئەگەر سىز تېخى كەسىپ تاللىمىغان، كەسىپ تاللاشنى بىلمىگەن، تۆت كوچا ئېغىزىدا گاڭگىراۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداق تۆۋەندىكى بايانلارغا نەزەر سېلىڭ. بەلكىم بۇلار سىزنى بىر توغرا يولغا باشلىيالىشى مۇمكىن:
1. پايدىلىق كەسىپ تاللاڭ.
كەسىپ سىزنىڭ بىر ۋاسىتىڭىز، سىز ئۇ ۋاسىتە بىلەن مەۋجۇتلۇقىڭىزنى ساقلايسىز. سىز ئۆز مەۋجۇتلۇقىڭىزنى ساقلاش ئۈچۈن، باشقىلارغا تايىنىسىز. سىزلا ئەمەس، ھەممە كىشى شۇنداق قىلىدۇ. چۈنكى بىر ئادەم ھەممە ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ-دە! شۇڭلاشقا تاللىغان كەسپىڭىز باشقىلارنىڭ مەلۇم ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان، قىسقىسى باشقىلارغا، جۈملىدىن جەمئىيەتكە پايدىلىق كەسىپ بولسۇن. كەسىپنىڭ كاتتا-تۆۋەنلىكى مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىم ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى، يەنى جەمئىيەتكە ۋە كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن پايدىسىدىن ئىبارەت. ئەگەر سىز تاللىغان كەسىپ جەمئىيەتكە قىممەت يارىتىپ، كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدىغان بولسا، بۇ سىزگە كۆپ نەرسىلەرنى ئاتا قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە پۇل-ماللا ئەمەس، يەنە شان-شەرەپ، ئابرۇيمۇ بار.
2. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كەسىپنى تاللاڭ.
ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسىڭىز، قىلغان ئىشىڭىزدىن خۇشاللىق تاپالايسىز. خىزمەتتىن خۇشاللىق تاپالىغان ئادەم شۇ خىل خىزمەتتىن نەتىجىگە ئېرىشمەي قالمايدۇ. قىزىقىش -ئەڭ ياخشى مۇئەللىم، ئۇ سىزنى مۇۋەپپەقىيەت يولىغا باشلايدۇ. شۇڭا، باشقىلار تاللىغان كەسىپنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز ئالدى بىلەن كۆڭلىڭىزنى تىڭشاپ بېقىپ كەسىپ تاللىسىڭىز بولىدۇ. سىز ياقتۇرغاچقىلا، ئۇ كەسىپتە ئانچە ياخشى بولمىسىڭىزمۇ تىرىشىسىز، سىز ياقتۇرغاچقىلا، ئۇ كەسىپكە ئۆزىڭىزنى بېغىشلايسىز، سىز ياقتۇرغاچقىلا، ئۇ كەسىپ تۇرمۇشىڭىزنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. مانا بۇ سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭىز، مۇشۇنداق قىلالىسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولىدۇ.
3. ئېھتىياجلىق كەسىپنى تاللاڭ.
دۇنيادا كەسىپنىڭ تۈرى تولىمۇ كۆپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى باشقىلار ناھايىتى ئېھتىياجلىق بولغان كەسىپلەر، يەنە بەزىلىرى ئانچە زۆرۈر ئەمەس، ئەمما بولمىسا بولمايدىغان كەسىپلەردۇر. دېمەك، سىز باشقىلار ئېھتىياجلىق بولغان كەسىپنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.  مەسىلەن، كىشىلەر كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق يەيدۇ، كىيىم كىيىدۇ. ئشىقىلىپ بۇلار مەڭگۈلۈك كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا باشقا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى، تەرەققىايىتىغا ئائىت ئۆلمەس كەسىپلەر تولىمۇ ك●پ. سىز بۇلارنىڭ ئىچىدىن مەلۇم بىرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر باشقىلارنىڭ ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان كەسىپنى تاللىسىىڭىز، ئۇزۇن ئۆتمەي سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان كەسىپنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىسىز-دە، شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىز شۇ پىتى قېلىۋېرىدۇ.
4. ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپ تاللاڭ.
كەسىپلەرنىڭ تۈرى ئوخشىمىغاچ، ئۆزىدە ھازىرلانغان ئەۋزەللىكمۇ ئوخشىمايدۇ. سىز كەسىپلەرنى ئەستايىدىل كۆزىتىشىڭىز، سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە چۈشكەن كەسىپلەر ئىچىدە قايسىسىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل كەسىپ ئىكەنلىكىنى ئايرىپ چىقىپ، شۇ كەسىپنى تاللىشىڭىز كېرەك. چۈنكى يول تۈزرەك بولسا، نىشانغا ھېرىپ قالماي، تېز يەتكىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، سىز كەسىپ تاللىغاندا ئۈستىدىكى ئۈچ تۈرگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئەھمىيەت بەرمىسىڭىز، ئۇ ھالدا ئاتنى بارسا كەلمەس يولغا سېلىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ ھالدا خەتەرمۇ، ئېنېرگىيەمۇ كۆپ كېتىدۇ.
           تۈگۈن سۆز: كەسىپ تاللاشتا، بۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ بېقىڭ. بەلكىم بۇلار سىزگە يېڭى ئەقىل ۋە نىشان كۆرسىتىپ بېرەلىسە ئەجەب ئەمەس. ئەمما، بۇلار كەسىپ تاللاشتىكى ئەڭ ئېسىل ھېكمەتلەر بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى باشقا كەلگەندە باتۇر، دەيدىغان گەپ بويىچە ئېيتقاندا، سىزمۇ ئەمەلىي شارائىتقا قارىتا تەدبىر قوللانسىڭىز، تېخىمۇ ئەپچىل ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىپ، سىناق قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

            مەنبە:نۇر تورى

taranqi217 2011-08-04 13:52
تىمىڭىزغا رەھمەت ...
ھازىر تىخى ئىراكام بىلەن ....... م س ن دا مۇشۇ كەسىپ تۇغۇرلۇق پاراڭلىشىۋاتقان !

era13 2011-08-04 13:56
كەسىپ تاللاشتا ئەڭ ئاۋال ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزدە تۇتۇش كىرەك ، مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتكەندىلا قالغان ئىشلار نەتىجىلىك بولىدۇ!


查看完整版本: [-- كەسىپ تاللاشتىكى تۆت مۇھىم پرىنسىپ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.043390 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us