كوكتالالىق |
2011-08-03 12:25 |
سۆز بېشى: ئادەتتە بىز مەيلى خىزمەتتە ياكى باشقا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە بولمىسۇن بىر قىسىم ئادەمنى بىزار قىلىدىغان خادىملارنى ئۇچرىتىمىز. ئەمەلىيەتتە، مەيلى شىركەت ياكى كارخانا بولسۇن، ھەممىسىدە بىردىن-ئىككىدىن دېگۈدەك ئادەمنى بىزار قىلىدىغان خادىملار بولغان بولىدۇ. ئۇنداقتا بىز 10 تۈرلۈك ئادەمنى بىزار قىلىدىغان خادىملارنى كۆرۈپ باقايلى: 1. «دائىم ماڭا ئېشىنىڭ» دەيدىغانلار ئەگەر سىز ھەقىقىي قابىلىيەتلىك بولسىڭىز، باشقىلارنى ماڭا ئېشىنىڭ دېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى ھەممە كىشى ئېغىزدىكى گەپنى ئەڭ ئېسەنچىلىك دەپ قارىمايدۇ. بولۇپمۇ سىزنىڭ خېرىدارىڭىز شۇنداق قارايدۇ. خېرىدار ۋە ئابونتلارنىڭ سىزنىڭ گېپىڭىزگە ئەمەس مۇلازىمىتىڭىز ۋە ئىشنىڭ سۈپىتىگە قاراپ بىر نېمە دەيدۇ. شۇڭا ئەگەر سىز بۇ خىلدىكى خادىم بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى «ماڭا ئىشىنىڭ» دېگەن بۇ لاۋزا گەپنى تاشلاڭ. چۈنكى سىز بۇ گەپنى دەۋەرگەنسېرى باشقىلارنىڭ ئالدىدا قىممىتىڭىزنى چۈشۈرۈۋالىسىز ھەمدە باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ ئىشەنمەيدىغان قىلىپ قويىسىز. 2. ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان تەۋەككۈلچىلەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى داڭلىق كارخانىچى ۋە ئىگىلىك ياراتقۇچىلار خاتا ھالدا «تەۋەككۈلچىلەر» دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلار كۆپ قىسىم كىشىلەر ئويلىغاندەك قارا قويۇقلا تەۋەككۈلچى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىشلارنىڭ باش-ئاخىرىنى ياخشى ئويلاپ مەزمۇت قەدەم ئالغۇچىلاردۇر. ئەمما سىزنىڭ ئۇنداق قىلالىشىڭىز ناتايىن، ئەگەر سىز شۇنداق خادىم بولسىڭىز، بۇنداق چوڭ تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنى مەشھۇر كىشى قىلىپ كۆرسەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى سىزگە ئىش تاپشۇرماقچى بولغان خېرىدار سىزنىڭ نېمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىڭىزنى ئوبدان بىلىدۇ. چۈمۈلىدەك تۇرۇپ، پىلدەك ھۆركىرىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. شۇڭلاشقا، سىز ئەڭ ياخشىسى، بۇنداق ياماق قىلىقنى تاشلاپ، خېرىدارلارغا لايىقىدا تەسىر بېرىڭ. 3. ئۆزىنى دانىشمەن چاغلايدىغانلار ھەممە كىشى داۋاملىق ئۆزىگە «ئۇستاز» لىق قىلىدىغانلاردىن تولىمۇ بىزار. ھەتتا بۇنداق كىشىلەرنى ئىككىنچى قېتىم كۆرمىسەمكەن دەيدۇ. مەيلى سىز يۇقىرى دەرىجىلىك خادىم بولۇڭ ياكى ئادەتتىكى خادىم باشقىلارغا «ئۇستاز»لىق قىلغۇچە بولماڭ. چۈنكى بۇ سىنىپ ئەمەس، بۇ دېگەن جەمئىيەت، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلىمايدۇ. چۈنكى ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان ئورۇندۇق مەكتەپنىڭ ياكى يىغىن زالىنىڭ ھەقسىز ئورۇندۇقى ئەمەس. ئەگەر باشقىلار سوئال سورىسا، لايىقىدا جاۋاب بېرىڭ. ئۆزىڭىزنى «موللا تاپقاق» چاغلاپ، سوئالدىن باشقا يەنە ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى پەش قىلماڭ. 4. ھىيلىگەرلەر ھىيلىگەر كىشىلەر ئادەتتە ئۆزىنى خىزمەتكە بەك ئۇرۇپ كەتمەيدۇ، خېرىدارلارغا خۇددى دادىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. ئىشتا ئەستايىدىل بولمىغاچ ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىدىن قالىدۇ. ئەگەر سىز شۇنداق خادىم بولسىڭىز، ھىيلىگەرلىك قىلىشنى قەتئىي تاشلاڭ. خىزمەتكە دىرېكتور بار ۋاقتىدا بىر خىل يوق ۋاقتىدا بىر خىل پوزىتسىيە تۇتماڭ، ئىشنى پەقەت باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈنلا قىلماڭ. خىزمەت ۋە تاپشۇرۇلغان تۈرلەرگە ھىيلە ئارىلاشتۇرماڭ. چۈنكى دۇنيادا ئاشكارىلانمايدىغان سىر يوق. ئىشلار ئاشكارىلانغاندا ئوسال ئەھۋالغا قالىسىز. 5. «مەن سىزنىڭ بارلىق تەلىپىڭىزنى بەجا كەلتۈرەلەيمەن» دەيدىغانلار بىر قىسىم خادىملار مەيلى دىرېكتور ئىش تاپشۇرسۇن ۋە ياكى خېرىدارلار ئىشى تاپشۇرسۇن، ئىشنى چاغلىماي تۇرۇپلا، باشقىلارنىڭ ھەممە ھاجىتىنى راۋا قىلىۋېتىدىغان خاسىيەتلىك كىشىدەك «مەن سىزنىڭ بارلىق تەلىپىڭىزنى بەجا كەلتۈرەلەيمەن» دەيدۇ. بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك تەلىپى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، ئەگەر سىز شۇنداق خادىم بولسىڭىز، ياكى نامىڭىز قابىلىيىتىڭىز بەك چوڭ بولۇپ كەتكەن بولسا، مۇۋاپىق تەڭشىۋېلىڭ. باشقىلار سىزگە مەلۇم ئىشى تاپشۇرسا، شۇ ئىشقا قارىتا «قىلالايمەن» ياكى «قىلالايمەن»دەپ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈڭ. بولۇپمۇ ھەممە قىلىۋېتىدىغان خاسىيەتلىك كىشىدەك سۆزلەپ يۈرمەڭ. 6. پەقەت «توغرا» لا دەيدىغانلار بەزى خادىملار باشقىلار نېمىلا دېسە «توغرا» دەپ تەستىقلاپلا تۇرىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ھەممە گەپلىرىگە باش ئېگىپ «خوش،خوش» دەپ تۇرىدۇ. بۇنداق خادىملار ئەلۋەتتە بار، ئەمما ئۇلار ھەرگىز ئاجىزلار قاتلىمىغا تەۋە ئەمەس. ھەقىقىي قابىلىيەتلىك باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈن بۇ خىل يۇمشاقباشلارنىڭ پىكرى ۋە پوزىتسىيىسى مۇھىم ئەمەس، ئۇلار ئىشلارنىڭ قانداق راۋاجلىنىدىغانلىقىنى ۋە كېيىنكى قەدەمنى قانداق ئېلىشىنى ئوبدان بىلىدۇ. بۇلار ئاخىرىدا ئۆزىنى ئۆزىنى ئوسال ئەھۋالغا قويىدۇ. 7. توختىماي ۋاتىلدايدىغانلار ئادەتتە، نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ۋاقتى تولىمۇ قىسقا، ئۇلار سىز ئارقىلىق مەلۇم نەرسىلەرنى بىلمەكچى بولغاندا، بەك ھاياجانلىنىپ، توختىماستىن ۋالاقلاپ كەتسىڭىز بولمايدۇ. ئۇلار نېمىنى سوراۋاتىدۇ، سىز نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز كېرەك. سىزنىڭ ئويلايدىغىنىڭىز مۇشۇلار بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز تېمىدىن چەتنەپ، «مىڭ بىر كېچە»نى سۆزلەپ كەتسىڭىز، قارشى تەرەپنى بىزار قىلىپ قويىسىز، ھەمدە ئۇلار سىزنى «بىرەر تال ۋىنتىسى كەم خادىم بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپ قالىدۇ. 8. كىچىك ئىشىنى چوڭايتىۋېتىدىغانلار بەزىلەرنىڭ تۇرۇپلا قەھرىمان بولغۇسى كېلىپ قالىدۇ. كىچىك، ئاددىي ئىشلارنى ئاجايىپ ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولىدۇ. ئەمما كىشىلەر ئىشىنىڭ تەكتىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇنداق ئادەمگە «كالۋا» دېگەن چىرايلىق نامنى ھەدىيە قىلىدۇ. چۈنكى ھەممە كىشى مۇرەككەپ ئىشىنى ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىشنى، چوڭ ئىشنى كىچىكلىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئىشلارنى شۇنداق ھەل قىلىدىغان خادىم بولسىڭىز، ئەڭ ياخشى بۇ خىل ئىپتىدائىي ئۇسۇلنى چۆرۈپ تاشلاڭ. 9. «غوجىكاڭ جاھاندا بىر » دەيدىغانلار بەزى خادىملار ھە دېسىلا، مەيدىسىگە مۇشتلاپ، مەيدانغا چۈشىدۇ. ھەمدە باشقىلار «مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمامسەن» دېگەندەك مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە گەپ قىلىدۇ. مەيلى سىز قانچىلىك ئادەم بولۇڭ، مەيلى سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىز ھەممىنى بېسىپ چۈشسۇن، ھېچقانداق مۇھىت سىزنىڭ بۇنداق چوڭچىلىق قىلىشىڭىزغا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى «غوجامنىڭ غوجىسى بار، چامغۇر-زەردەكنىڭ ئورىسى» دېگەن گەپ بار. مەيلى خېرىدارلارغا ياكى خىزمەتداشلىرىڭىزغا ھەرگىز بۇنداق مۇئامىلە قىلماڭ. ئەگەر شۇنداق قالسىڭىز، قانداق چوڭچىلىق قىلغان بولسىڭىز، شۇنداق بەربات بولىسىز. 10. «ئۇ شىركەتتە مۇنداق قىلاتتىم» دەيدىغانلار بەزىلەر خادىملار باركى، ئۇلار باشقا شىركەتكە بارغاندىن كېيىنمۇ، داۋاملىق ئۇ شىركەتتە ئىلگىرىكى شىركەتنىڭ گېپىنى قىلىدۇ. ئەگەر بىر ئايال ئېرىدىن ئاجرىشىپ، يەنە بىر ئەرگە تېگىپ، ئۇ ئەرگە داۋاملىق بۇرۇنقى ئېرى بىلەن بولغان ھېكايىلەرنى سۆزلەپ يۈرسە قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۇنچە تەس ئەمەس. شۇڭلاشقا، سىز مەيلى ئىلگىرىكى قانداق شىركەتتە ئىشلىمەڭ، قايسى خىل ۋەزىپىنى ئۆتىگەن بولۇڭ، يېڭى شىركەتكە كەلگەن ۋاقتىڭىز ئېغىزىڭىزنى باشقۇرۇپ يۈرۈڭ. ئىلگىرىكى قانداق قىلغانلىقىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈشكە مەنسۇپ، ئۇلار سىزنىڭ ھازىرقى نەتىجىڭىز ياكى تەمىناتىڭىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئەگەر سىز شۇنداق سۆزلەپ قويىدىغان خادىم بولسىڭىز، بۇنداق گەپلەرنى ئىككىنچى قېتىم ئېغىزىڭىزدىن چىقارغۇچى بولماڭ. نۆۋەتتىكى خىزمىتىڭىزگە ۋە ئەتراپىڭىزدىكى خىزمەتداشلىرىڭىزغا دىققىتىڭىزنى بۇراڭ ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭ.
مەنبە :ئىخساس ئىگىلىرى ژورنىلى |
|