查看完整版本: [-- ئۆمۈر ئىمتىھامىدىكى «0»لەر --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> ئۆمۈر ئىمتىھامىدىكى «0»لەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كوكتالالىق 2011-08-01 23:40
مېنىڭچە ئادەمنىڭ ھاياتى بىرقانچە كۈنلۈك ساياھەتكە ئوخشاپ قېلىشى مۈمكىن، ئەگەر ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىز ياخشى بولمىسا نېمە قىلارىڭىزنى بىلمەيلا ۋاقىت توشۇپ كېتىدۇ.ئەلمىساقتىن  تاكى بۈگۈنگە قەدەر ، ئۇلۇغلاردىن ماڭا قەدەر ياشاش ھەققىدە كۆپ سۆزلىدى ، بىراق ئادەملەر يەنىلا ئۆزى بىلگىنىچە ياشايدۇ ، چۈنكى ھاياتنىڭ قىلىپى يوق.لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، ھەركىمنىڭ ھاياتىنىڭ ياخشى نەتىجىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ئەلۋەتتە.

تۆۋەندىكىلەرگە نەزەر ئاغدۇرۇپ باقايلى، مەن ۋە دوستلارنىڭ ھاياتلىق ئىمتىھان قەغىزىدە «0» نۇمۇر بولۇپ قالمىغاي ئىلاھىم.

پېلانىڭىز بار، شۇ ھەقتە ھەرىكىتىڭىز يوق = 0 ، پۇرسىتىڭىز بار، شۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىدىڭىز=0،  پېلاننى ئەمەللەشتۇردىڭىز، لېكىن تاماملىيالمدىڭىز=0

بەلگىلىك قېممىتىڭىز بار، لېكىن نامايەن قىلالمىدىڭىز=0، ئېلگىرىلەش بار،  بىراق تاقىتىڭىز يوق = 0، تېگىشلىك ۋەزىپىڭىز بار، لېكىن ئارتقۇرمىدىڭىز= 0

خىلى ئېقتىدارىڭىز بار، لېكىن جارى قىلدۇرمىدىڭىز=0، يېڭى ئىجادىيەتلىرىڭىز بار، بىراق جاكارلىمىدىڭىز=0، مول بىلىمىڭزبار، لېكىن ئىشلەتمىدىڭىز=0

ئىنىق نىشانىڭىزبار، ئەمما غەيرىتىڭىزيوق=0، بەدەل تۆلىدىڭىز، لېكىن تېگىشلىك جاۋابى يوق=0، پېرىنسپلىرىڭىز بار، لېكىن ئۇلارغا ئەمەل قىلالمايسىز=0

ئىرادىڭىز بار، ئەمما ئۇزاققا داۋام قىلالمايسىز=0، ئوتتەك قىزغىنلىقىڭىزبار، لېكىن تىكىشىڭىزيوق=0،  قەتئىي نېيىتىڭىز بار، ئەمما قەتئىي ئىرادىڭىزيوق=0

ئىنىق تونۇشىڭىزبار، لېكىن ئىنىق پوزىتسىيىڭىز يوق =0، كۆڭلىڭىزدەريادەك بار، لېكىن كەمتەرلىكىڭىزيوق=0، ئەمىرلىرىڭىزبار، ئەمما ئىجرالىرىڭىزيوق=0

ئۇسۇل-چارىڭىزبار، ئەمما مەشغۇلاتىڭىزيوق=0، مەشغۇلاتىڭىزبار، بىراق ئۈنۈمدارلىقى يوق=0، كەڭرى سەھنىڭىز بار، ئەمما كۆرسەتكۈدەك ھۈنىرىڭىزيوق=0

ئىش-ئوقىتىڭىزبار، بەلگىلەنگەن مىقدارى يوق=0، ئۆلچەملىرىڭىز تولۇق بار، سىناپ تەكشۈرۈشىڭىز يوق=0، ياراتقان نەتىجىڭىزبار، ئەممائالقىىشڭىزيوق=0

قائىدە-تۈزۈملىرىڭىزبار، يۇرگۇزۇش چارىڭىزيوق=0، ئورۇنلاشتۇرۇشلرىڭىزبار، تەكشۇرۇشىڭىزيوق=0، تاماشىبىنلىرىڭىزبار، جەلىپكارلىقىڭىز يوق=0

كوللىكتىپىڭىزبار، ئەمما ھەمكارلاشقۇچىڭىزيوق=0، نەزەر-دائىرىڭىزبار، بىراق بايقىيالمىدىڭىز=0، مەسىلىلىرىڭىز بار، ئەمما ئۇنى ھەل قىلالمىدىڭىز=0

بىزنىڭ كونىلاردىن «گۇلدۇرى بار، يامغۇرى يوق» دېگەن ئىبارە قالغان ئىكەن ، يۇقارقىغا سالساق ئۇنىڭ تولۇق يېزىلىشى ئەلۋەتتە «گۇلدۇرى بار، يامغۇرى يوق=0» بولدىغان ئوخشىمامدۇ؟! ھايات قىسقا، شۇنداقلا ۋەدىسى ئىنىق ئەمەس. بىزنىڭ ئارمانلىرىمىز كۆپ، پىلانلىرىمىز نۇرغۇن، لېكىن قانچىلىك ئارمانغا يەتتۇق، قانچىلىك پىلانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق؟ئالدىرايلى، قولىمىزدا بار نەق ئىشنى نەقلەشتۈرەيلى ،ھايات ئىمتىھانىدا «0» ئېلىپ قالمايلى …
        

                  مەنبە:ھاياتلىق دوقمۇشلىرى

كرىزىس 2011-08-02 01:33
مەنبەسى : ۋەتەن بلوگى دەپ ئەسكەرتىپ قويغايسىز بۇرادەر. ھاياتلىق دوقمۇشلىرى دېگەن بلوگىمنىڭ بىر سەھىپىسى ئۇ.http://weten.me/?p=630

dulbarqin310 2011-08-02 10:24
بۇپ قۇيدىكەن ھە!

ئۇيغۇرقىزى 2011-08-09 19:36
ياخشى تېما يوللاپسىز قېرىندىشىم.

erdem-ay 2011-08-10 05:46
شەخسەن مەندە گۈزەل ئارزۇلار كۆپ ، ئەمما شۇ ئارزۇلىرىمنىڭ ئاران بىر قانچىسىنى ئاران رىئاللىققا ئايلاندۇرالىدىم .
كۆپىنچى ھالدا شۇنداق تىرىشقاندەك قىلىمەنيۇ لىكىن ھېچقاندان نەتىجە يوق دىمەككى مەندە ئىزچىللىق يوق ، مۇستەھكەم ئىرادە يوق . قانداق قىلىشىم كىرەك ؟؟؟
ئەلۋەتتە ، ھەر ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلىشىم كىرەك ، ئالدى بىلەن ياخشى بولغان ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشۈم كىرەك ، ئۆزەمگە چۈشىدىغان ھەم ئەمەل قىلالايدىغان ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقىشىم كىرەك . ئەگەر مۇشۇنداق قىلالىسام چوقۇم ئىزچىللىقنى شەكىللەندۈرەلەيمەن .

تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت . ئۆزەمنى تەكشۈردىغان بىر پۇرسەت تاپقانلىقىمدىن خۇرسەنمەن.


查看完整版本: [-- ئۆمۈر ئىمتىھامىدىكى «0»لەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.048210 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us