查看完整版本: [-- يۇمۇرلار --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> يۇمۇرلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

سەبىرە 2011-08-01 19:58
يۇمۇرلار

پو ئېتىش
ئۈچ باغۋەن ئۆزلىرىنىڭ ئالمىسىنىڭ ئاجايىپ ئوخشىغانلىقى ھەققىدە پو ئىتىشىپتۇ:
بىرىنچى باغۋەن:
-مەن بېغىمدىن يوغان بىر تال ئالمىنى ئاران تەستە ئۈزۈۋىلىپ ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە قويىۋىدىم،ئورۇندۇقنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتتى!
ئىككىنچى باغۋەن:
-مەن بېغىمدىن يوغان بىر ئالمىنى ئاران تەستە ئۈزىۋىلىپ شىرەنىڭ ئۈستىگە قويىۋىدىم،شىرە مىجىلىپ كەتتى!
ئۈچۈنچى باغۋەن:
-بولدى قىلىڭلار بۇرادەرلەر،مەن بېغىمدىن يوغان بىر تال ئالمىنى ئاران تەستە ئۈزۈۋىلىپ ھارۋىنىڭ ئۈستىگە قويىۋىدىم..............
-ھارۋا مىجىلىپ كەتتىمۇ؟
-ياق!ئالمىنىڭ ئىچىدىن بىر تال قۇرۇت چىقىپ،ئاتنى يەۋەتتى!

كولدۇرلىتىش
بىر ئەر قاتناش بىكىتىدە توختىماستىن كۈلىۋىرىپتۇ.ئۇنىڭ يىنىدا تۇرغان كىشى ئەجەبلىنىپ سوراپتۇ:
-نىمىشقا ساراڭدەك كۈلىۋىرىسىز؟
-مەن بايا بىلەت ساتقۇچىنى كولدۇرلىتىپ وينىدىم.
-قانداق كولدۇرلىتىپ ئوينىدىڭىز؟
-بېلىتىنى ئېلىپ،ماشىنىسىغا چىقمىدىم.
شەرت
خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنىڭ يۈز تۇرانە سىنىقىدا سىناقچى سىنالغۇچىدىن سوراپتۇ:
-سىزنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە تەشكىللەش قابىلىيىتىڭىز قانداقراق؟
-ناھايىتى ياخشى،مەن ئىلگىرى ئىشلىگەن شىركەتتىكى ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھەركىتىنىڭ ھەممىسىنى مەن تەشكىللەپ،ئۆزۈم رەھبەرلىك قىلغان.

تەرەت قاچىسى
ئىككى بىمارنىڭ روھىي كېسىلى تەڭلا ساقىيىپ،دوختۇرخانىدىن  چىقىپ كېتىشكە تەرەددۇدلىنىپتۇ،ئۇلارنى داۋالاشقا مەسئۇل بولغان دوختۇر ئىككەيلەنگە تاپىلاپ،مۇنداق دەپتۇ:
-ئەگەر ئىككىڭلاردىن قايسىڭلارنىڭ كېسىلى قايتا قوزغۇلۇپ قالسا،شۇنى دەرھال دوختۇرخانىمىزغا ئېلىپ كېلىڭلار.
بىر كۈنى دوختۇرنىڭ تېلىفۇنى جىرىڭلاپ كېتىپتۇ:
-چاتاق بولدى،مەن بىلەن بىللە ساقىيىپ ،دوختۇرخاناڭلاردىن چىققان ھېلىقى بىمار تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئۆيىمىزنىڭ ھاجەتخانىسىدا يېتىۋىلىپ ،"مەن سىنىڭ تەرەت قاچاڭ"دەپ تۇرىۋىلىۋاتىدۇ.
-ئۇنداق بولسا ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىمىزغا ئەكىلىڭ!
-لىكىن مىنىڭ تەرەت قاچام يوق بولۇپ قالمامدۇ؟
موگو
روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىكى بىر موماي ھەر كۈنى ئۇچىسىغا قارا كىيىم كىيىپ،قارا كۈنلۈكتىن بىرنى تۇتۇپ،دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇزاقتىن -ئۇزاققا ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن.
ئۇنى داۋالاشقا مەسئۇل دوختۇر كۆڭلىدە ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن،ئىشنى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشۈنىشتىن باشلىشىم كېرەك،دەپ ئويلاپتۇ-دە،ئاشۇ مومايدەك قارا كىيىنىپ،قولىغا قارا كۈنلۈكتىن بىرنى تۇتۇو ولتۇرۇپتۇ.
شۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن،موماي ئاخىر دوختۇردىن سوراپتۇ:
-ھە.....سىزمۇ موگوما؟


yoktiros 2011-08-01 21:25
-بېلىتىنى ئېلىپ،ماشىنىسىغا چىقمىدىم

amanxa 2011-08-01 23:08
سىز موگۇما  ھا ھا ھا قىززىق چىقىپتۇ.

dulbarqin310 2011-08-02 10:35
گۆمبە مەدەكنىڭ بۇپ قالدىكەن ھە!

مەنزىرە 2011-08-05 12:49
-ھە.....سىزمۇ موگوما؟  


查看完整版本: [-- يۇمۇرلار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.057714 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us