kanway |
2011-08-01 17:10 |
رامىزان ئېيىدا ئاللا ئىنسانلارغا نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ،مۇكاپاتلارنى،ئاسانلىقلارنى ئاتا قىلدى.سىز ئاللانىڭ بۇ نىمەتلىرىگە ئېرىشىپ بەختلىك خاتىرجەم ياشىغۇڭىز بارمۇ! ئۇ دۇنيادا جەننەتكە كىرگۇڭىز بارمۇ؟ ناۋادا سىزنىڭ بەختكە خاتىرجەملىككە ئېرىشكۇڭىز بولسا مانا مۇشۇ ئايدا ئاللا بىلەن سودا قىلىڭ!! ئاللا ئەڭ مەرت سېخى بايدۇر!! ناۋادا سىزنىڭ قىلغان ئىبادىتىڭىز ئاللا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ قالسا يەنى ھەقىقى يوسۇندا ئاللاغا چىن دىلىڭىز بىلەن (تىلىڭىز،تېنىڭىز،مېلىڭىز،ئەقلىڭىز ۋە باشقا بارلىق سەزگۇ ئەزالىرىڭىز بىلەن) ئىبادەت قىلسىڭىز ،ئاللا سىزنىڭ تىلىكىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ.ئۆتكۇزگەن بارلىق گۇنالىرىڭىزنى كەچۇرىدۇ!!.سىز بۇنداق ياخشىلىققا ئېرىشىشنى خالىسىڭىز تۆۋەندىكىدەك تەييارلىق خىزمەتلەرنى قىلىڭ. 1.پاكلىنىڭ يەنى كىيىم-كېچەكلەرنى پاكىز كىيىپ،تاھارەتنى ياخشى ئېلىپ ،دىلىڭىزنى ياخشىلىقتىن باشقىغا بۇيرىماي(يامان نىيەتتە بولماي) ئاللاغا يېققىنلىشىشقا تەييارلىنىڭ.چۇنكى پاكىزلىق يېرىم ئىمان دىمەكتۇر.يەنى پاكىزلىق ئاللا بىلەن يېققىنلىشىشقا مەيدان ھازىرلاشتۇر. 2.راسچىل سەمىمى بولۇڭ.راسچىللىق سەمىمىلىك ئاللاغا سادىق كىشىلەرنىڭ روشەن بەلگىلىرىدۇر شۇڭا بۇ شەرتكە چوقۇم توشۇشىڭىز كېرەك.مەيلى گەپ-سۆزدە بولسۇن،مەيلى ئالدى -بەدىدە بولسۇن زىيان تارتسىڭىزمۇ،باشقىلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىسىڭىزمۇ بۇ ئەڭگۇشتەردىن ۋاس كەچمەڭ. 3.مۇلايىم ۋە سەۋرىچان بولۇڭ.ئاللاغا ھەقىقى ئىشەنگەن كىشى بارلىق مەۋجۇداتقا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ ،ئۇلارنىڭ سۆزلىرى سىلىق ھەم ئاستا ھەركەتلىرىمۇ يېقىملىق ،مۇئامىلىلىرىدىن بىر خىل مېھرى-مۇھەببەت كۆيۇنۇش ،ھۇرمەتلەش يېققىنلىق سېزىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار سەۋرى قىلىشنى ئادەت قىلغان بولۇپ ،ئالدۇراڭغۇلۇقنىڭ شەيتاننىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. 4.ھەقىقى يوسۇندا ئاللاغا ئىبادەت قىلىڭ يەنى تىلىڭىز،تېنىڭىز،مېلىڭىز بىلەن ئاللاغا ئىبادەت قىلىڭ(ناماز ئۆتەڭ).ناۋادا ئەرەپچىنى بىلمىسىڭىز نامازدا سىز ئوقۇغان بارلىق ئايەت ۋە مەدىيە(دۇرۇت) لەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى يادلىۋېلىڭ.تەۋەندىكى ئادىرىستا ئۇيغۇرچە سۇرەتلىك ناماز يولى ۋە نامازنىڭ ئەھمىيىتى بار http://www.musulmanlar.com/?p=1677 /read.php?tid=3189&page=1#1638616386 /read.php?tid-5256.html 5.خوشاللىق بىلەن روزا تۇتۇڭ يەنى پاكلىنىڭ(نەپسىڭىزنى ۋە بارلىق سەزگۇ ئەزالىرىڭىزنى دىندا چەكلەنگەن زىيانلىق ئىشلاردىن پاكىز تۇتۇڭ). 6.قۇرئاننى ۋە ئىشەنچىلىك ھەدىس كىتاپلارنى(ياخشىلار باغچىسى،سەھۇل باخارا،ئۇنچە-مارجانلار............) تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇڭ(بولۇپمۇ قۇرئان كېرىمنى تەپەككۇر قىلىپ تولۇق ئوقۇپ چىقىڭ).ناۋادا ئەرەپچىنى چۇشەنمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇرچە قۇرئاننى ئوقۇڭ. سىزنىڭ بۇ كىتاپلارنى ئوقۇشتىكى مەقسىتىڭىز بىرلا يەنى ئاللانىڭ قانۇنىنى چۇشۇنۇش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى شۇ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش.ياخشى-ياماننى پەرىق ئېتىش.ئاللانىڭ رەھمىتىنى تونۇش،غەزىپىدىن قورقۇش ئارقىلىق ئاللاغا ھەقىقى يوسۇندا يۇزلىنىش،ئىشىنىش!! تۆۋەندىكى ئادىرىستا قۇرئاندىكى ئاساسلىق مۇھىم ئايەتلەر بار(بىلىشىڭىز كېرەككى ئاللانىڭ قانۇنىنى بىلمىگەن ،تەپەككۇر قىلمىغان كىشىلەر ئۆلۇكلەرگە ئوخشايدۇ،ئۇلار ئاللانىڭ رەھمىتىنى غەزىپىنى بەلگىلىمىلىرىنى بىلمەيدۇ) http://bbs.12tagh.com/baghdax/bbs/read.php?tid=4145
7.ئۇزۇلۇپ قالغان قېرىنداشلىقىڭىز بولسا ئۇلاڭ،ئۇنداق بولمايدىكەن شېۋىقادىر كېچىسى سىزنىڭ تىللىكىڭىز ئىجاۋەت بولمايدۇ. 8.تىلەك تىللەڭ(دۇئا قىلىڭ).چۇنكى روزا تۇتقان كىشىنىڭ كەچتە ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن تىللىگەن تىلىكى(دۇئاسى) بىلەن ئاللا ئوتتۇرىسىدا پەردە بولمايدۇ يەنى ئىجابەت قىلىپ بېرىدۇ.تۆۋەندىكى ئادىرىستا قۇرئاندا ۋە ھەدىستە ئېيتىلغان تىلەكلەر بار . http://bbs.12tagh.com/baghdax/bbs/read.php?tid=2582 9.چىداملىق بولۇڭ.ئاللا چىداملىقلارنى دوست تۇتىدۇ. قىسقىسى روزا مۇسۇلمانلار ئۇچۇن تېپىلغۇسىز يۇكسىلىش پۇرسىتى يەنى ئاللانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى.ئاللا ھەممىمىزنى ئامان قىلغاي.دىلىمىزنى ئاللاغا ئىبادەت قىلىشقا مۇستەھكەم قىلغاي!
مەنبە :ئۆزەم
|
|