查看完整版本: [-- يۇرتۋازلىق ھەققىدە --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> يۇرتۋازلىق ھەققىدە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كوكتالالىق 2011-08-01 11:22
 يۇرتۋازلىق – بىر مىللەت ئچىدىكى يۇرت-مەھەللىنى بىرلىك قىلغان ئاھالىدە شەكىللەنگەن مەزھەپچىلىك خاھىشى ۋە تار مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان پىسخىك ھالەت.
      يۇرتۋازلىق ھەممە مىللەتتە مەۋجۇت بولغان ئىجتىمائىي ئىللەت .مەدەنىيەت ساپاسى ئۆسكەن ، مائارىپ، پەن – تېخنىكا  ۋە كارخانا باشقۇرۇش سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن مىللەتلەردىمۇ مەۋجۇت بولغان  روھىي ئاجىزلىق.ئۇ  ئىقتىسادى گۈللەن ، مەدەنىيەت ، مائارىپتا ئالغا باسقان ، ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ( يەنە بىر ئاتىلىشى سودىگەر) پىسخىكىسى ئۈستۈنلىكنى ئالغان مىللەت ئىچىدە جاھىللىق بىلەن مەۋجۇت بۇلىۋاتقان مەنىۋى راك كېسەللىكى.
      يۇرتۋازلىق  جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان چوڭ-كىچىك ، ئەر – ئايال ، ئەمەلدار – خىزمەتچى، زىيالى-ئوقۇغۇچى، سودىگەر – موللىنىڭ زور كۆپ قىسىمىنىڭ پىسخىكىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولغاچقا ، بۇخىل پىسخىك ھەرىكەت ھەر قاچان ، ھەر زامان ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرىدۇ.«XXلىكلەر ئولتۇرىشى»،« XX لىكلەر بەزمىسى» دېگەندەك سورۇنلارنىڭ ئۇيۇشتۇرلۇپ تۇرۇشى يۇرتۋازلىقىنىڭ زىيالىلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، خىزمەتچىلەر ئىچىدە خېلى بازار تاپقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.ھەقىقەتەن جەمئىيىتىمىزدە يۇرتۋازلىقىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ، ئۇنى ئالاھىدە خۇي قىلىۋانلارنىڭ بارلىقىنى ، ئۇنى ئەۋلادلىرىغا سىڭدۈرۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.
       يۇرتۋازلىق يېڭى پىسخىك ھادىسە ئەمەس ، ئۇنىڭ مەنبەسى « قەبىلىۋازلىق »تۇر. ئىپتىدائىي دەۋىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى ئاتىنى مەركەز قىلغان ئورۇقداشلىق جامائەسىدە شەخىس بىلەن ئۇرۇقنىڭ مەنپەئىتى گىرەلىشىپ كەتكەچكە ، ئۇرۇق ئەزارلىرى بىرلىكتە ئوۋ ، ئەمگەك قىلىپ ئوۋ غەنىيمەتلىرى ، ئەمگەك مېۋىلىرىدىن تەڭ بەھىرىمەن بولغان . يەنە بىر تەرەپتىن يات ئۇرۇق- كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن بىرلىكتە قوغدىنىپ ،ياشاش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرگەن .
      بۇ ئەينى زاماندىكى ئۆز كوللىكتىپىنى ، ئورتاق مەنپەئىتىنى ۋە ئۆز ماكانىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئېسىل خىسلەت بۇلۇپ ، ئۇنڭدا شەخسي غەرەزگە ئورۇن يوق ئىدى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى سەۋەبلىك ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرى مۇرەككەپلىشىپ ، ئادەملەر نىيەت ئوخشىماسلىقى كېلىپ چىققان . ئۇرۇق – قەبىلىلەردە ئۆزگىچە خۇي- مىجەزلەر شەكىللەنگەن . ئايرىم ئۇرۇقلاردا يەنە بىر ئۇرۇققا ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇنىڭ ئوۋ غەنيمەتلىرى ، مال – مۈلىكى ،ماكاننى تارتىۋېلىپ ، ئۆز ئۇرۇقىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇش ئېڭى ۋە خۇيى پەيدا بولغان . بۇخىل خۇينى تەتقىق قىلغاندا ، ئۇنىڭدىن قەبىلىۋازلىقىنىڭ دەسلەپكى بىخلىرنى تاپقىلى بۇلىدۇ.
     ئىنسانلار ئۇرۇق بويىچە ئايرىلىپ ياشاپ ، تىل ، ئۆرۈپ- ئادەت ، جۇغراپىيىلىك ماكان بىرلىكى بويىچە قەبىلىلەرگە ئۇيۇشقانلىقتىن ياكى بىر قانچە ئۇرۇق قانداشلىق، تۇغقانچىلىق ئاساسىدا بىر قەبىلە بۇلۇپ توپلاشقانلىقتىن، قەبىلە ئەزالىرىدا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان خۇي-خۇسۇسىيەتلەر بارلىققا كەلگەن؛ ئۆز مەنپەئىتىنى ئۈستۈنكى ئورۇنغا قۇيۇپ،باشقا بىر ئورۇقنىڭ مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچىرىتىپ كۆنگەن ئۇرۇقلارنىڭ ئاقساقالىرى قەبىلىنىڭ ھۇقۇقىنى ئىگىلىگەن بولسا،بۇ قەبىلىدىكىلەر يەنىلا باشقا قەبىلىدىكىلەرنى بوزەك قىلىپ،ئۇلارنىڭ ئوتلاقلىرىنى، مال –چارۋىسىنى تارتىۋېلىش ھادىسلىرىنى دائىم سادىر قىلىپ تۇرغان. بۇ خۇسۇسىيەت ۋە ھەركەتلەر قەبىلە بىلەن قەبىلە ئوتتۇرسىدا ئۆتكۈر زىدىيەت ۋە دۈشمەنلىك كەيپىياتنى ئۇلغايتقان. ئۇرۇق ئەزالىرىدا ئوخشىمايدىغان خۇيلار ئۆسۈپ بارغان. باشقا قەبىلىگە ھۇجۇم قىلىپ تەييارغا ئىگە بۇلۇشنى كەسىپ قىلغان قەبىلە ئەزالىرىدا ئاچكۈزلۈك، شەخسيەتچىلىك ، ئۇرۇشقاقلىق، ھارامخورلۇق پىسخكىسى پەيدا بۇلۇپ كۈچەيگەن. ئۇنىڭ قارشىسىدىكى قەبىللەرنىڭ ئەزالىرىدا رەزىللىككە قارشى تۇرۇش، ئۆز قەبىلىسىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش پىسخىكىسى يىتىلگەن.
     مانا بۇ بىر قاتار پىسخىك ئامىللار قەبىلە ئەزالىرىنىڭ خۇي –مىجەزىدە قەبىلۋازلىقىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇئاستا-ئاستا قانغا ئۈتۈپ، ئىرسىيەتكە ئايلانغان. ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا قەبىلىۋازلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىللەت خىلى ئۇزاق داۋام قىلغان. بەزىدە قەبىلە ئىتتپاقى،خانلىقلارنىڭ پارچىلىنىشى ۋە يۇقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. «ئۇلارنىڭ قۇشۇننىڭ يېرىمى ئوردىدىكى مال-بايلىقىنى بۇلىغىلى ماڭدى،يېرىمى ئۇرۇشقلى كەلدى…» قەبىلىۋازلىق خاھىشى قەبىلە ئەزالىرىنى شۇنداق رەزىللەشتۈرگەنكى، قوشنا قەبىلىنى يۇقىتىش ئۈچۈن يات قۇۋۇملارنى ئىشقا سالغان. بەزى قەبىللەر قەبىلىۋاز قوشنا قەبىللەرنىڭ دەستىدىن ماكاننى تاشلاپ جاپالىق جايلارنى ماكان تۇتقان. « بەگلىرىدە ، خەلىقىدە ساداقەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن،ئىنى بىلەن ئاكىنى ئۆچلەشتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن، بەگلەر بىلەن خەلق ئارىسىغا سوغوقچىلىق سېلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ….دۆلىتىدىن ئايرىلىپتۇ….خاقاندىن ئايرىلىپ قاپتۇ….»
      «قەبىلىۋازلىق»نىڭ شەكىللىنىش ۋە داۋاملىشىشى، بىرىنچىدىن، قەبىلە ئەزالىرىنىڭ پىسخىكىسىدا نادانلىق، ئىتقادسىزلىقنىڭ پەيدا بولغانلىقى، كۈچەيگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىرسىيەتلىك داۋاملاشقانلىقى، ئىككىنچىدىن، قەبىلە ئەزالىرىنىڭ پىسخىكىسىدا ئاچكۆزلۈك، ھارامخورلۇق ئىللەتلىرىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى ئېلىپ،ئۇلارنىڭ ئىنسان تەبىئىتىدىن يىراقلاشقانلىقى، ئۈچىنچىدىن، قەبىلە ئاقسا قالىرىنىڭ ئۆز خاھىشىنى قەبىلە مەنپەئەتى قىلىپ كۆرسىتىپ ، ئۇنى ئەزالىرىغا سىڭدۈرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.بۇ ئىدىيە قەبىلىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، پىسخىك ھالەتكە ئايلانغان . شۇنىڭ بىلەن قەبىلىۋاز قەبىلىلەردە ئۆزىگە قوشنا قەبىلىنىڭ چارۋىسى ، مال – دۇنياسى ، ئوتلاقلىرىنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ؛ باشقىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش بىردىنبىر خاراكتىر بۇلۇپ قالغان .
       تار مەنپەئەتپەرەسلىكىنى چىقىش قىلغان قەبىلىۋازلىق پىسخىكىسى دەۋىر ، شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى ، چوڭ-كىچىك يۇرتلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ، يۇرت بىلەن يۇرتىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىلىپ ياشىشى ، يۇرت بەگلىرىنىڭ ئاھالىنى باشقا يۇرت خەلىقىنىڭ مەنپىئىتىنى  زىيانغا ئۇچىرتىشقا قۇتىرتىشى ۋە باشقا يۇرت خەلىقىنى كەمسىتىشكە ئۆگەتكەنلىكى يۇرتۋازلىقىنى پەيدا قىلغان بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ . لېكىن بۇ ئىچكى مەنبە ئەمەس ، قەبىلىۋازلىق پىسخىكىسىنىڭ ئۇدۇم بۇلۇپ داۋاملاشقانلىقى ، قېنىدا ئاشۇ خۇي بولغان ئاھالىلارنىڭ «يۇرت» بۇلۇپ توپلاشقانلىقى ، كونا ئىللەتنىڭ يېڭى شارائىتقا ماسلىشىپ يېڭى تۈس ئالغانلىقى ئىچىكى مەنبە بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇنىڭدىكى بىر سەۋەبنى تارىخىمىزنىڭ ئايرىم باسقۇچلىرىدا بەزى قەبىلىلەرنىڭ ھۆكۈمران قەبىلە ،ئاقسۆڭەك قەبىلە،چوپان قەبىلە،تېرىقچى قەبىلە، تۆمۈرچى قەبىلە… دېگەندەك ناملاردا ئاتالغانلىقىدىن ياكى شۇ نامنىڭ سىڭدۈرۈلگەنلىكىدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇ . يەنە بىر سەۋەبنى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى  يۇرتلاردا خەلىقنىڭ ئۇزاق مۇددەت بۆلۈنۈپ ياشىغانلىقىدىن ؛ دىن تارقىتىش ئۇرۇشى، دىن ئوخشىماسلىقىتىن دۈشمەنلىشش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇ.
      يۇرتۋازلىقنىڭ مەلۇم يۇرت ئاھالىسىدە تىپىك خاراكتېرلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا مىللەت قېنىدىكى شالغۇتلىشىش ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلىغىلى بولمايدۇ .ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا ئۆز تەركىبىگە 8-9 يات قوۋمنى سىڭدۈرۈپ كەتكەن . مۇشۇ قوشۇلغان قوۋملار بىر يۇرتتا ( بىر نەچچە يۇرتتا) توپلاشقان ياكى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقان . يۇرتۋازلىقىنىڭ ئىپادىلىنىش ھالىتىگە ئاساسلانغاندا يۇقۇردىكى ئۇسۇل بويىچە توپلىشىپ شەكىللەنگەن يۇرتلاردا يۇرتۋازلىق پىسخىكىسى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ .بۇنىڭدىن قانداشلىقىنىڭ رولىنى ، شالغۇتلىششىنىڭ مۇرەككەپ خۇي- مىجەزنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ  ئىككىسىنىڭ مىللەتنىڭ ئىتنىك تەركىبىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بۇلىدۇ .
      يۇقۇرىقى ئوخشاشمىغان ھالەتتكى يۇرتۋازلىق ئامىللىرى پەيدا قىلىدىغان يۇرتۋازلىق ئىپادىلىرى بىر-بىرىدىن روشەن پەرىقلىنىدۇ ھەم مۇرەككەپ روھىي ھالەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. يۇرتۋازلىقىنىڭ خۇيىدا باشقا يۇرتلارغا بېرىپ شۇ يەردىكىلەرنى بوزەك قىلىش خۇيى ۋە ئۇدۇمى يېتىلگەن بۇلىدۇ.
      قەيەردە يۇتۋازلىق بولسا ، شۇ يەردە گوروھۋازلىق ، مەزھەپچىلىك بۇلىدۇ . يۇرتۋازلىق پىسخىكىسىدىكى ئادەملەر بىر ئۇرۇنغا باش بولسا ، بىرىنجى بۇلۇپ يۇرتلۇقلىرىنى ئەتراپىغا يىغىدۇ ھەمدە شۇ ئۇرۇندىكى باشقا يۇرتلۇقلارنى چەتكە قېقىپ زەربە بېرىدۇ . شۇ ئۇرۇندا ئۆزى بىلەن تەڭ ياك چوڭراق ئەمەل تۇتقان باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ  ئېشىدىن قۇسۇر چىقىرىپ ، ئارقىسىدىن ئېغۋا توقۇپ ئورنىنى تارتىۋېلىپ ، يۇرتداشلىرىغا تۇتقۇزۇشنى پىلانلايدۇ . باشقا يۇرتلۇقلار كىچىككىنە سەۋەنلىك سادىر قىلسا ئېسىلۋېلىپ قۇيۇپ بەرمەيدۇ ، يۇرتلۇقلىرىنىڭ يامان ئىشىنى تۆھپە ، ناچار خۇيىنى ئېسىل پەزىلەت دەپ جار سالىدۇ . ئىشقا قۇيۇشتا ئىقتىدار ، بىلىم ئەخلاقى پەزىلىتىنى كۆزدە تۇتماي ، يۇرتلۇقلىرىنى ئىزدەپ تاپمىسا كۆڭلى ئۇنمايدۇ.
     يۇرتۋازلارنىڭ پىسخىكىسىدا ھەسەتخورلۇق گەۋدىلىك بۇلىدۇ ، ئۇلار باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ بىرەر ئىشنى قىلىپ  نەتىجە قازىنىشىدىن بەك قورقىدۇ . ئۇلارنىڭ نەتىجە يارىتىش ئىمكانىيتىنى توسۇش ئۈچۈن باھانە تېپىپ توسالغۇلۇق قىلىدۇ . باشقا يۇرتلۇقلار نەتىجە قازىنىپ قالسا ، نەتىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە ياكى يوققا چىقىرشقا ، ھەتتا قارا چاپلاپ جىنايەتكار قىلىپ ، قۇيۇشقا ئۇرۇنىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن چېقىمچىلىق قىلىش ، تۆمەت چاپلاش ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ باشقۇرغۇچىلارنى كولدۇرلىتىدۇ .
     يۇرتۋازلار نەيرەڭۋاز كېلىدۇ . ئۇلار باشقا يۇرتلۇقلارنى ئالداپ سىيلاپ ئۆزىنىڭ سىزىقىغا دەسسىتىشكە ، ئۆزى ئۈچۈن كەتمەن چاپقۇزۇشقا تىرىشىدۇ . ھىيلىسى ئاقمىسا بىر ئۆرۈلۈپلا ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارلاپ دۈشمەنلىششىكە ئۆتىدۇ. يۇرتۋازلار كىچىككىنە بىلىم، ھۈنەرگە ئىگە بولسا ، ئۆزىنى قالتىس ئىقتىدارلىق، بىلىمى يۇقىرى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ خېلى يۇقىرى بىلىمى، ئىقتىدارى بولسىمۇ ، ئۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ . كۆزگە ئىلمايدۇ.
     يۇرتۋازلار ئۇرۇشقاق كېلىدۇ. باشقا يۇرتلۇق قوشنىسى ، ئىشدېشىغا ھەر دائىم ئۇششۇقلۇق قىلىدۇ. يول ماڭغاندا باشقا يۇرتلۇقلار ئارقىسىدىن ماڭمىسا ، ئۇدۇل كېلىپ قالغاندا يولنى بوشىتىپ تۇرمىسا ، ھەر كۈنى «تاۋاق» سۇنۇپ تۇرمىسا باھانە تېپىپ ئۇرۇشىدۇ. بالىلىرىنى باشقا يۇرتلۇق قوشنىلىرىنىڭ بالىلىرى بىلەن ئوينىغىلى قويمايدۇ. يولسىز قىلمىشلىرىغا پىكىر قىلسا چوڭ-كىچىك ھەممسىسى چىقىپ «يۇرتىنىڭ تايىنى يوق» ،«قەلەندەر»… دەپ تىللايدۇ، ھەتتا تاياق- توقماق كۆتۈرۈپ چىقىپ جېدەل قىلىدۇ .
    يۇرتۋازلار تويلىشىشتىمۇ يۇرتۋازلىق قىلىدۇ . باشقا يۇرتلۇقلارغا قىز چىقارمايدۇ ، باشقا يۇرتلۇقلاردىن ئوغۇل ئۆيلىمەيدۇ . بىرەرسى باشقا يۇرتلۇقلاردىن ئۆيلەنسە ياكى باشقا يۇرتلۇقلارغا قىز چىقارسا ئارىغا ئالمايدۇ . ئۇنى يۇرتلۇقلار تىزىمىدىن چىقىرۋېتىدۇ.
     ئومومەن ، يۇرتۋازلارنىڭ يۇرتۋازلىق پىسخىكىسى ئېرسىيەت، ئۇدۇملۇق داۋاملىشىدۇ ، ئۇلار قانداقلا جايدا بولمىسۇن ، ئەخلاق،نىيەت، ئېتىقاد، غورۇر قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىچە خاراكتىرلىنىشى بىلەن باشقا يۇرت ئادەملىرىدىن ئېنىق پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلاردا ئېتىقادسىزلىق، كاززاپلىق،داپيۈزلۈك ، ئىككى يۈزلىمىلىك قاتارلىق پىسخىك ئىللەتلەر خۇي- ئۇدۇمغا ئايلانغان بۇلىدۇ. شۇڭا ئۇستىسىدىن شاگىرتى ئېشىپ كەتكەندەك، ئىلگىرىكى يۇرتۋازلاردىن ھازىرقى يۇرتۋازلاردا يۇرتۋازلىق تېخىمۇ ئۇلغايغان ۋە كۈچەيگەن . ئۇلار باشقىلارنىڭ يۇرتۋازلىقىدىن كۈچ ئېلىپ ئۆزىنىڭ بۇ ناچار قىلىشىنى ھېچبىر قىينالمايلا ئىشقا ئاشۇرۋاتىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنىڭ داپيۈزلىكىدىن يۇرتۋازلىقىنى « يۇرتىنى سۆيگەنلىك » دەپ چىرايلىق بېزەۋاتىدۇ ، بەزىلىرى ئەيمەنمەستىن « غورۇر » دەۋاتىدۇ.
      يۇرتۋازلىق پىسخىكىسىغا يانداش يەنە بىر ئىللەت ــ يۇرت خۇيى ۋە يۇرت خۇيى ئۇدۇمى بۇلۇپ ، ئۇ ئادەتتە يۇرتۋازلىق پىسخىكىسىغا گىرەلىشىپ ۋە ئارلىشىپ كېتىدۇ . تازا دىققەت قىلغاندا يۇرتۋازلىقتىن پەرىقلىنىدۇ.
      ھەر بىر يۇرتتا بىرەر ياكى بىر نەچچە  خىل تىپىك يۇرت ئىللىتى ، بىرسىدە  ئۇرۇشقاقلىق ، يەنە بىرسىدە ھەسەتخورلۇق ، كۆرەلمەسلىك ، بەزىسىدە بولسا ھۇرۇنلۇق ، پىتنىخورلۇق ياكى ئاچكۆزلۈك ، ئىناقسىزلىق ئىللەتلىرىنىڭ بىرسى ياكى ئىككىسى بۇلىدۇ. بۇنىڭ بەزىلىرى يۇرتۋازلىق بىلەن بىرىكىپ ، يۇرتۋازلىقىنىڭ ھالىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ . يۇرتۋازلارئىچىدىمۇ يۇرت بۆلەكلىرى بويىچە يۇرت خۇيى شەكىللەنگەن بولغاچقا ، يۇرتۋازلار كىچىك يۇرت بويىچە يۇرتۋازلىق قىلىشىدۇ. يۇرت خۇيى پىسخىكىسى يۇرتۋازلىق پىسخىكىسىنىڭ ئىجتىمائىي يۆلەنچۈكى بۇلۇپ رول ئوينايدۇ . ئۇ باشقا پىسىخىك ھالەتلەرگە ئوخشاشلا قانۇنىيەت بويىچە پەيدا بۇلۇش ، داۋاملىشىش خۇسۇسىيىتىگە  ئىگە .
      يۇرتۋازلىق ـــ مىللەتنىڭ بىرلىكى ، ئۆملىكى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان كۈشەندە . ئۇ ئىناقسىزلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ ، مىللەت ئەزالىرىدىكى قاششاقلىق ، چېچىلاڭغۇلۇق، روھىي چۈشكۈنلۈك، بېكىنمىچىلىك ۋە چەكلىمىلىكىنى ئۇلغايتىدۇ . مۇشۇ سەۋەبلىك ، يۇرتۋازلىق پىسخىكىسى يامرىغان ياكى باش كۆتۈرگەن مىللەتتە ئۆملۈك ۋە پىكىر بىرلىكى ئىىنتايىن ئاجىز بۇلىدۇ – دە كىشلەر قۇمدەك چېچىلىپ كېتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىللەت ئىچىدە يەنە باشقا نۇرغۇن پىسىخىك ئاجىزلىقلار پەيدا بۇلىدۇ. بۇلۇپمۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ باشقۇرۇش – بويسۇنۇش پىسخىكىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، بويسۇنغۇچىلاردا ئۆزگىگە بويسۇنماسلىق ، باشقۇرغۇچىلاردا ئۆزگىگە رەھىمسىز بۇلۇشتەك پىسخىك ھالەتنى ۋە غەيرى ئىجتىمائىي ئىللەتنى يېتىشتۈرىدۇ. ئېتىقاد قۇرۇلمىسى جەھەتتە ۋەتەن ، مىللەت ۋە غايە ئېتىقادىنى تۇيۇق يولغا باشلاپ ، مىللەتنى خار – زارلىق چۆلىگە تاشلايدۇ.


                   مەنبە:« پىسخىك ئاجىزلىقلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .

tuprakbag 2011-08-01 12:38
مۇشۇ كۆۋرۈك بىلەن سامان يولى سەت يۇرتۋازمىكىن دەيمەن...

تۇپراق0999 2011-08-01 15:10
ھەممىمىز بىر  يۇرىتلۇق بىر ئادەم ئاتا ھەۋۋا ئانمىزنىڭ ئەۋلادى

شادىمان 2011-08-01 20:19
بەك ئۇرۇنلۇق گەپ قىلدىڭىز،ھەممىمىز بىر تۇغقان قىرىنداش،،

!adiyat 2011-08-01 20:33
يۇرۇتۋاز = يۇرت + ۋاز
كەپتەرۋاز= كەپتەر+ۋاز
دىمەك  يۇرۇت ۋاز  دىگەن گەپ  يۇرتىنى بەك  سۆيىدۇ.  يۇرتىغا بەك ئامراق،  يۇرتىدىن ئايرىلغىسى كەممەيدىغان  دىگەن گەپ.
مىللەتچى= مىللەت+چى
خىزمەتچى=خىزمەت+چى
دىمەك مىللەتچى  مىللەتنى  ياخشى كۆرۈدىغان ، ھەر ۋاقىت مىللەتنى  ئويلايدىغان  دىگەن گەپ.
بۇمەنىدىن  مىللەتچى  ، يۇتۋاز  دىگەن گەپلەر  ئەسلى بىر  ئىسىل پەزىلەت.
بۇ ئىشلارغا   باشقىلارنى  كەمسىتىش  خاھىشى  قىتىلغاندا  ئاندىن  بۇ  بىر  ئىللەت  بولىدۇ.
گىپىمنى  چۈشەنگەنسىلەر  ھە  

nida0998 2011-08-02 02:08
ھە ئە چۇشەندۇق ئابى............

dulbarqin310 2011-08-02 17:01
تۇغرا ھەممىمىز بىر قېرىشنداش.

alpacino 2011-08-03 17:15
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى !adiyat نىڭ 2011-08-01 20:33 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
يۇرۇتۋاز = يۇرت + ۋاز
كەپتەرۋاز= كەپتەر+ۋاز
دىمەك  يۇرۇت ۋاز  دىگەن گەپ  يۇرتىنى بەك  سۆيىدۇ.  يۇرتىغا بەك ئامراق،  يۇرتىدىن ئايرىلغىسى كەممەيدىغان  دىگەن گەپ.
مىللەتچى= مىللەت+چى
خىزمەتچى=خىزمەت+چى
.......


ما پەيلاسۇپنىڭ گەپلىرىنى  كۆرەڭ ئەمدى ...

مىللەتچىلىكنى  ئېسىل  پەزىلەت  ھېساپلايسەنكەندە   ؟؟؟؟؟    پەيغەمبىرىمىز  ئۆز  ۋاقتىدا مىللەتچىلكنى پەس  ئىللەت دەپ ھۆكۈم چىقىرپ بولغان ، ئەمدى  سەن قوپاپ  ئېسىل پەزىلەت دەپ ماختاۋىتىپسەن  ..  گەپنى قىلىشىتىن  بۇرۇن مۆرەڭنىڭ ئۈستىدىكى قاپاق كاللاڭنى ياخشى ئىشلەت  ..

!adiyat 2011-08-04 12:19
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى alpacino نىڭ 2011-08-03 17:15 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :


ما پەيلاسۇپنىڭ گەپلىرىنى  كۆرەڭ ئەمدى ...

مىللەتچىلىكنى  ئېسىل  پەزىلەت  ھېساپلايسەنكەندە   ؟؟؟؟؟    پەيغەمبىرىمىز  ئۆز  ۋاقتىدا مىللەتچىلكنى پەس  ئىللەت دەپ ھۆكۈم چىقىرپ بولغان ، ئەمدى  سەن قوپاپ  ئېسىل پەزىلەت دەپ ماختاۋىتىپسەن  ..  گەپنى قىلىشىتىن  بۇرۇن مۆرەڭنىڭ ئۈستىدىكى قاپاق كاللاڭنى ياخشى ئىشلەت  ..


مەن  سىنىڭ  كەينىڭگە ئۆتەپ  قويغان  يىرىم  يوق(ئەلھەمدۇلىلا مەندە  ئۇنداق ئەيىپ  يوق) .  پەقەت  ئىنكاس  يىزىۋاتىمەن.

alpacino 2011-08-04 20:40
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى !adiyat نىڭ 2011-08-04 12:19 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :


مەن  سىنىڭ  كەينىڭگە ئۆتەپ  قويغان  يىرىم  يوق(ئەلھەمدۇلىلا مەندە  ئۇنداق ئەيىپ  يوق) .  پەقەت  ئىنكاس  يىزىۋاتىمەن.

دىگەن  گېپىڭنى قارا  منڭگىت ..  كاللاڭنىڭ ۋېنتىسى ئوبدانلام كامكەن سېنىڭ زېدى پەس ..  مېنى  داداڭ كەينىگە ئۆتكەن مادا ئېشەككە ئوخشىتىپ قېلىۋاتامسەن قانداق زىدى پەس ماڭقۇرۇت .

oguzhan 2011-08-04 21:03
بۇ تىمىنى ياخشى تىمىكەن  ياخشى ئاۋاز بىرەلەيدىغانلا بولسا ئاۋازلىق قىلىپ يوللاپ قويغان بولساڭلا بولاپتىكەن
ھەمىمىز بىر يۇرتلۇق بىر تۇركنىڭ ئەۋلاتلىرى ئۆملۇك بىزدە ھەرگىز چېچىلەپ كەتمىگەيمىز

بەزى قېرىنداشلىرىم ما رامىزاندا يامان سەت ئىنكاس يېزىشىپسىلە  بۇندەق قىلمەڭلار ئۇزۇمىزنى ئۇزۇمىز تىللىمايلى
پەيغەمبىرىم نۇمۇسسىز سەەت گەپلەر پەقەتلا ئىمانسىزلەرنىڭ ئاغزدىنلا چىقىدۇ دىگەن   ئەممە سىلە قېرىنداش تېخى چىرايلىق گەپلىشىڭلار تۇققانلىرىم  


查看完整版本: [-- يۇرتۋازلىق ھەققىدە --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.055354 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us