查看完整版本: [-- ئاياللار مۇسۇلمان ئەمەس ئەرلەر بىلەن نىكالانسا بولامدۇ؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خانىم - قىزلار -> ئاياللار مۇسۇلمان ئەمەس ئەرلەر بىلەن نىكالانسا بولامدۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

muslima32 2011-07-30 01:15
بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم:مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كافىر،مۇشرىك،يەھۇدى،ناسارا،مۇناپىق قاتارلىقلار بىلەن نىكاھلىنىشى ھارام،
چۈنكى بۇللارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغۇچى ئەمەس،بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائاللاھ مۇنداق دەيدۇ.(ئىي مۇسۇلمانلار مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇللارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار(ھۆر)مۇشرىك ئايال (ھۆسۈن- جامال ۋە مېلى بىلەن)
سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەغدىردىمۇ مۆئىمىن دىدەك ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچەمۆئىمىن ئاياللارنى ئۇللارغا ياتلىق قىلماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆئمۈن قۇل ئەلۋەتتە ئارتۇقتۇر .
ئەنە شۇلار (يەنىي مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار سىلەرنى)دوزاققا چاقىرىدۇ.
ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ:((ئىي مۆئىمىنلەر سىلەر ھىجىرەت قىلغۇچى مۆئىمىن ئاياللار كەلسە ئۇلارنىڭ ئىمانىنى  سىناپ بېقىڭلار
ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانىنى بۈلگۈچىدۇر .ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ مۆئىمىن ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار .
ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس.كاپىرلار ئۇلارغا ھالال ئەمەس.
                  ئاياللار زىناخور ئەرلەر بىلەن نىكالانسابولامدۇ؟
ئاللاھ قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرە نۇرنىڭ 30-ئايىتىدەمۇنداق دەيدۇ.((زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايال ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ.زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىك ئەرگىلا تىگىدۇ. ئۇ (يەنى زىنا) مۆئىمىنلەر گە
ھارام قىلىندى)) بۇ ئايەتتە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ زىناخور ئەرلەر بىلەن نىكاھىلىنىشى توغارا ئەمەس ئىكەنلىكى چىقىدۇ .
ئەمما ئىلگىرى زىناخورلۇق ئىسپاتلانغاندىن كىيىن تەۋبە قىلغۇچى ئۆزىنى تۈزەتكەن بولسا نىكاھىلىنىشقا بولۇدۇ.
چۈنكى تەۋبە قىلغۇچى زىنا قىلمىغۇچىغا ئوخشاشتۇر.
مەن بۇ تېمامنى مۇنبەردىكى توي قىلمىغان .يەنىي توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان بارلىق مۇسۇلمان ئەر- ئايال قېرىنداشلىرىمغا
رامزانلىق سوۋغا سۈپىتىدە سۇندۇم .
مەنبە ئىسلام دىنى ئاياللارغا نىمە دەيدۇ ؟ دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

xapkat0999 2011-07-30 15:19
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن ،ياخشى تىما يۇللاپسىز.

دېدار 2011-07-30 15:41
رەخمەت سېزگە .

dulbarqin310 2011-07-31 20:07
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، سىزدىن يەنە بىر نەرسە سوراپ باقسام بۇلامدۇ، مۇسۇلمان ئەرلەر مۇسۇلمان ئەمەس ئاياللارنى ئالسا بۇلامدۇ؟ بۇ يەردە قارىسام بەزى ئەرلەر ئۇيغۇر تۇرۇپ خەنزۇ قىزلىرىنى ئالىدىغان، بەزى ئۇيغۇر ئاياللار خەنزۇ ئەرلەرگە تىگىدىغان ئىشلار بەك كۆپ شۇڭا سوراپ باقتىم، بولسا مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاپ يېزىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن. سىزنى ئاۋارە قىلدىغان بولدىم.

muslima32 2011-08-01 17:03
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم :ئالسا بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ ئەر ئايالنى ئىسلامغا كىر گۈزەلىسە ئاندىن نىكاھىغا ئالسا بولىدۇ.
يەنە بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز مىللەت ئارىمايدۇ ئەمما دىن ئارىيدۇ، ئەگەر ئوخشاشلا مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن خەنزۇ مىللىتىدىن ئۆيلەنمەكھى بولسا چوقۇم ئۇللارنىمۇ ئىسلام دىنىمىزغا كىگۈزەلىشى كىرەك ئۇنداق قىلالمىسا ئوخشاشلا توي قىلسا بولمايدۇ،بۇ ھەقتە ئاللاھ تائاللاھ مۇنداق دەيدۇ (مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئيتمىغىچە ئۇللارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار )مۇشرىك
ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆئىمىن ئاياللارنى ئۇللارغا ياتلىق قىلماڭلاريەنىي پۇلى كۆپ مۇشىك ئەرلەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆئىمىن قۇل يەنىي نامرات مۇسۇلمان ئەرلەر ئەلۋەتتە ئارتۇقتۇر ئەنە شۇلار {يەنىي مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار سىلەرنى) دوزاققا چاقىردۇ.     سۈرە بەقەرە


查看完整版本: [-- ئاياللار مۇسۇلمان ئەمەس ئەرلەر بىلەن نىكالانسا بولامدۇ؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.037667 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us