مۇناخنى داۋالاش
بىر مۇناخ داۋالاش ئۆيىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتى- دە، پۇلمۇ تۆلىمەي سىرىتقا قاراپ قاچتى. كۈتكۈچى ھەيران قالدى. ئۇ دوختۇرىدىن سورىدى: بۇ نىمە ئىش؟ مەن ئۇنىڭغا ھامىلدار بۇلۇپ قاپسەن، دىگەن ئىدىم،- دېدى دوختۇر. ئاھ، خۇدا،- كۈتكۈچى تېخىمۇ ھەيران قالدى،- بۇ مۇمكىن ئەمەسقۇ؟ ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس، دېدى دوختۇر، ئەمما مەن مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇنىڭ كېكىردەك كېسىلىنى داۋالىۋەتتىم
ھېچكىم خالىمايدۇ
جونىس،- ئايالى سورىدى، سەن نىمىشقا تەيدىر بىلەن شاھمات ئوينىماس بۇلۇپ كەتتىڭ؟ سەن ئۇتىۋالسا كۆرەڭلەپ تېرىسىگە پاتماي كېتىدىغان، ئۇتتۇرۇپ قويسا چىدىماي كەلسە- كەلمەس ئادەم تىللايدىغان ئادەم بىلەن شاھمات ئويناشىنى خالامسەن؟- دەپ سورىدى ئېرى. ھە……. ئەلۋەتتە خالىمايمەن دېدى ئايالى چۈشىنىپ. ئۇمۇ خالىمايدىكەن،- دىدى ئېرى جاۋابەن.
ماشىنىنى قوغلىغان ئادەم
يولوچىلارغا لىق تولغان پاساژىر ئاپتۇبۇسىنىڭ كەينىدىن بىر پاكار ئادەم يۈگۈرگىلى تۇرۇپتۇ. ئەمما ئاپتۇبۇس يۇقرى سۈرئەتتە كېتىۋىرىپتۇ. تۇختاپ قال دەپتۇ بىر يولۇچى دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ يۈگۈرۋاتقان ئادەمگە،- يىتىشەلمەيسەن! مەن چۇقۇم يىتىشۋېلىشىم كېرەك، دەپتۇ يۈگۈرۈۋاتغان ئادەم نەپەس ئالالمىغان ھالدا،- مەن دېگەن شوپۇر!
يول بەلگىسى
بىر ساياھەتچى يېزا يۇلىدا كېتىۋىتىپ بىر يول بەلگىسىنى كۈرۈپتۇ. ئۇنىڭغا: « بۇ يول ئىتىۋىتىلگەن مېڭىۋىرىشكە بولمايدۇ» دەپ يېزىلغان ئىكەن. ئۇ ئالدىدا ھىچقانداق تۇسالغۇنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ساياھەتتىكى تەجىربىسىنىڭ موللىقىغا ئىشىنىپ ئالدىغا مېڭىۋىرىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ ئالدىدىكى كۆۋرۈكنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ ۋە قايتىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئۇ قايتىپ ھېلىقى يول بەلگىسى بار يەرگە كەلگەندە، ھېلىقى بەلگىنىڭ كەينى تەرپىگە « قايتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز، ئەخمەق» دەپ يىزىلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
قۇيۇق تۇمان
بەش بارماقنىمۇ كۈرۈش تەس بولغان قۇيۇق تۇمان ئىچىدە، ماشنىلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ مېڭىپتۇ. تۇيۇقسىز ئالدىدىكى ماشنا توختاپتىكەن، كەينىدىكى ماشنا كېلىپ ئۇنى سۇقۇپتۇ ۋە بۇ ماشنىنىڭ شوپۇرى سەكرەپ چۈشۈپ قاتتىق ۋارقىراپتۇ: ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟ بۇنداق قۇيۇق تۇمان تۇرسا، بۇ يەردە تۇرمۇز تۇتسا قانداق بولىدۇ؟ ئالدىدىكى ماشنا شوپۇرى جاۋاپ بېرىپ دەپتۇ: ئاۋۋال مەن سەندىن سوراپ باقاي، سېنىڭ ماشىناڭ مىنىڭ كۇزۇپۇمدا نىمە ئىش قىلىدۇ؟
ھالال پۇل
مەلۇم بىر رەھبىرى زات تۈرمىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ كېلىپ مەھپۇستىن سوراپتۇ: سەن ئۆمرۈڭدە بىرەر قېتىم ھالال پۇل تاپقانمۇ؟ ئەلۋەتتە تاپقان،- جاۋاپ بېرىپتۇ مەھبۇس ئويلىنىپ تۇرماستىنلا،- ئۇ بولسىمۇ باشقىلار ماڭا بېرىپ سىزگە سايلام بېىلتى تاشلاتقان چاغدا.
تەلەيسىز
ئاپىسى: سەن تېخى توي قىلىشنى بېكىتمىگەنسەن؟ قىزى: ھەي! دېمەيلا قۇيۇڭ، مەن راستىنلا تەلەيسىز ئىكەنمەن. ئاپىسى: ئۇ يىگىت سىنى ئالداپ قويدىمۇ؟ قىزى: ياق، ئۇنىڭ باشلىق دادىسى ئۆلۈپ كىتىپتۇ.
جىنسى پەرىق
كوچا ئاپتۇبۇسىدا، بىر ئوغۇل بالا ئانسىدىن سورىدى: بىزنىڭ تۆت قوشنىمىز ئەركەكمۇ ياكى چىشىمۇ؟ ئاپتۇبۇستىكى كىشلەر ئۈن- تىنسىز ھالدا ئۇنىڭ بۇ سۇئالغا قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇردى. ئانا تەمتىرمەستىن مۇنداق جاۋاپ بەردى: سەن ئۇنىڭ لىۋىگە قىزىل سۈرتىلگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
بىلىم ۋە پۇل
ئاتا- بالا ئىككىيلەن گۈەنگۇاڭ مېھمانخانىسنىڭ ئالدىدا ياۋرۇپادىن ئىمپورىت قىلىنغان ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بىر پىكاپنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئوغلى ئۆزىنىڭ پروفىسور دادىسىغا: بۇنداق پىكاپتا ئولتۇرغان ئادەمنىڭ چۇقۇم يانچۇقىدا پۇلى يوق ،- دەپتۇ.
ھېچقىسى يوق
خېرىدار: تىككەن چاپىنىڭىزنىڭ يىڭى بەك ئۇزۇن بۇلۇپ كېتىپتۇ. سەيپۇڭ: ھېچقىسى يوق يۇغانسىرى قىسقىرايدۇ. خېرىدار: ياققىسى بەك كىچىك بۇلۇپ قاپتۇ. سەيپۇڭ: ھىچقىسى يوق كەيگەنسىېرى يوغىنايدۇ.
چوڭ بولغاندا قانداق قىلىسەن؟
دادىسى: شىياۋمىڭ سەن داۋاملىق ماقالەڭنى ئاناڭغا يازغۇزىسەن، چوڭ بولغاندا قانداق قىلىسەن؟ بالىسى: خاتىرجەم بۇلۇڭ دادا، چوڭ بولغاندا خۇددى سىزگە ئوخشاش كاتىپقا يازدۇرىمەن.
يۇمۇرلار خەزىنىسىدىن ئېلىندى |