查看完整版本: [-- ئىھتىيات قىلىڭ(ھ) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ناخشا مۇزىكا كىنو فىلىم -> ئىھتىيات قىلىڭ(ھ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2010-06-02 17:58


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار مەن تۇۋەندە ھازىر كىشىلەر سەل قاراۋاتقان ئۇنىڭ زىينى ئادەمنى ئۆمۇرلۇك زىيانغا ئۇچرىتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئادىدا ھۆرمىتىنى بىراقلا يۇقىتىۋېتىدىغان ھازىر ھەممە ئادەمدە ئاساسەن ئۇمۇلىشىپ بولغان يالغان سۆزلەش توغرىسىدا ئازراق قەلەم تەۋرەتمەكچىمەن.

يالغان ئېيتىش بولسا پەندىمۇ ،دىندىمۇ، ئادىمىيلىك ئەخلاقى مىزاندىمۇ، قاتتىق چەكلەنگەن. كىشىلەر يالغاننى ئۆز مەنپەئەتى ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى  ئۇچۇن قىلىشىدۇ. ئەمما ھەر ئىككىلىسى خاتا. اللە تائالا قۇرئانى كەرىمدە {ئى مۆئىمىنلەر اللەتىن قورقۇڭلار راستچىللاربىلەن بىللە بۇلۇڭلار } دەپ يالغانچىلىقتىن يىراق تۇرۇشنى مۇسۇلمانلاردىن تەلەپ قىلغان . يەنە رەسۇلۇللە مۇ < يالغانچى مىنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس> دىگەن يەنە رەسۇلۇللە < مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى تۆت تۇرلۇك بۇلىدۇ . 1.ئامانەتكە خيانەت قىلىدۇ. 2.ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ.3سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ. ئەھدە قىلسا ئۇرۇندىمايدۇ. قانداق بىر ئادەمدە يۇقارقى تۆت خىل سۇپەتنىڭ ھەممىسى تېپىلسا كامىل مۇناپىق بۇلىدۇ ئەگەر بىرەسى تېپىلسا شۇ ئىللەتنى تاشلىمىسا مۇناپىقلىقتىن بىر سۇپەت تېپىلغان بۇلىدۇ >دىگەن اللە قۇرئاندا {ھەقىقەتەن مۇناپىقلار دەۋزەخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە بۇلىدۇ} دىگەن
دەۋزەخ دىگەننى ھەممىمىز بىلىمىز ھەممىمىز ئۇيەرگە كىرىشتىن قورقىمىز يۇ  نىمىشقا يالغان ئېيتىشتىن قورقمايمىز نىمىشقا راست گەپ قىلمايمىز ھەممىمىز باشلانغۇچتىكى ۋاختىمىزدا <يالغانچى بالا> دىگەن ھىكايىنى ئۇقۇغانغۇ؟
ھەممىمىز مۇسۇلمانلىق داۋاسى قىلىمىز يەنە نىمىشقا يالغان ئېيتىمىز؟ مۇسۇلمان دىگەن ئەسلا يالغان ئېيتمايتتىغۇ؟ يالغانچىلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى رىئال تۇرمىشىمىزدىمۇ كۈرۈپ تۇرۋاتىمىز غۇ ؟ رەسۇلۇللە يالغانچىنى مىنىڭ ئۇممىتىم ئەمەس دىسە بىزنىڭ قىيامەت كۇنى باردىغان يىرىمىز ئۇدۇل دەۋزەخ بولماسمۇ؟ بىزنىڭ ئۇزىمىز بىلىپ نىلمەي ئېيتقان يالغانلىرىمىز قىلغان ياخشىلىقلىرىمىزنى بىكار قىلۋېتىدىغانلىقىنى بىلمەمتىمىز؟ بىر ئادەم بىر كۇندە بىر يالغان ئېيتسا(بىر ئەمەس نەچچە ئوننى بەلكى نەچچى يۇزنى ئېيتىدىغانلارمۇ بار) بىر ئايدا قانچىلىك يالغان ئېيتار؟ بىر يىلدىچۇ؟؟؟  يالغان سۆزلەش شۇ ئادەمنىڭ ئىمانسىزلىقىنى،ئەقىلسىزلىقىنى،ۋىجدانسىزلىقىنى،ھۆرمىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۇرىدۇ. بۇلۇپمۇ تېلپۇندا ئېيتىدىغان يالغانلىرىمىز ئۇزىمىزگە ئايان. توردا ئېيتىدىغان يالغانلىرىمىز ئۇزىمىزگە ئايان. قىسمەن ئەركەكلىرىمىزمۇ ئەركەكلىكىنى ئۇنتۇپ يالغان سۆزلەپ ئۇزىنىڭ خوتۇنى بار بولسىمۇ توردىكى قىزلارغا مىنىڭ ئايالىم يوق مەن بويتاق دەپ يالغان ئېيتىپ ئۇزىمۇ تۇيماي نىكاھتىن ئاجراپ كىتىپ ئۇنى بىلمەي يەنە بىر ئۆيدە تۇرىۋېرىپ قىلغان ئەتكەن ئىشلىرى ھارام بۇلۇپ قىيامەت كۇنى دەۋزەخكە يىقىلغۇ بۇلۇپ كىتىدىغان ئىشلار بۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ توغرىدا سۆزلىسەم گەپ جىق ئۇزۇمنى تۇتۇۋالاي

ھەقىقى مۇسۇلمان بولسىڭىز، ھەقىقى ئىنسان بولسىڭىز، ھەقىقى ئەقىل ئىگىسى بولسىڭىز يالغان ئېيتماڭ باشقىلارنى ئالدىماڭ.

omarjan 2010-06-03 15:53
توغرا دەيسىز مەنمۇ يالغانچىلارنى ياختۇرمايمەن .    اللە رھمەت قىلسۇن  !  اللە قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

omarjan 2010-06-03 15:54
اللە رھمەت قىلسۇن

ibrayim 2011-10-20 13:20
قېرىندىشىمىز ھەمزىنى ئەسلەپ تىمىلىرىنى يېڭىلاپ قويايلى  ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن. ئامىين

arzuyum 2011-10-20 15:09
   ئۇلۇغ  اللاھ  مەرھۇمنىڭ   مۇشۇنداق  مەنپەئەتلىك  تېمىلىرىنىڭ  ئەجىرىنى   ئاخىرەتتە  كۈرۈشكە نىسىپ  قىلغاي  !

dulbarqin310 2011-10-20 16:56
ھەقىقى مۇسۇلمان بولسىڭىز، ھەقىقى ئىنسان بولسىڭىز، ھەقىقى ئەقىل ئىگىسى بولسىڭىز يالغان ئېيتماڭ باشقىلارنى ئالدىماڭ.

توغرا دەيدۇ.

بۇ تېمىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يەنە بىر قىسمىلا بۇپ قالدى، ئۇنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.


查看完整版本: [-- ئىھتىيات قىلىڭ(ھ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.056975 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us