كوكتالالىق |
2011-07-27 23:35 |
مەن ھەر كۈنى نەچچە قېتىم ئۆتىدىغان يول ئۈستىدە يەنى ئاپتۇنۇم رايۇنلوق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئالدىدا ماڭا بىر تۇنۇش بوۋاي كۈندە دىگۈدەك ئۇچىرايدۇ ، ئۇ بوۋاينىڭ مەيلى قىش ، مەيلى ياز بولسۇن ، ھەر كۈنى شۇ يەردە ئاچچىق موخۇركىسىنى قاتتىق شورىغىنىچە ، چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ھومايغىنىچە تۇرغىنى تۇرغان . بۇ بوۋاي بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان <<مىنىڭ راۋابىم>> ، <<كۈن ۋە تۈن>> ، <<تاشۋاي>> قاتارلىق مەشھۇر مۇزىكىلارنىڭ ئىجادچىسى ، زامانىمىزدىكى ئەڭ مەشھۇر كومپوزىتورىمىز قۇربان ئىبراھىم . مەن بىر يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا ئاشۇ جايدا بۇ غەلىتە بوۋاي بىلەن بىردەم مۇڭدىشىپ قالدىم ، بۇ بوۋاي ماڭا ئۆزىنىڭ <<نەۋرەم>> ناملىق مۇزىكىسى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىۋاتقانلىغىنى ئىيىتتى . بۇ بوۋاي گەپنى بوم ئاۋازدا قىسقا ، قوپال ھەم تۈز قىلىدىكەن . مەن سۆز ئارىلىغىدا <<قۇربان ئاكا ، كۈندە مۇشۇ يەردە تۇرغىچە ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلى تارتقان يەرلەرگە بېرىپ تۇرۇپ كەلسىڭىز بولمامدۇ؟>> دىدىم . بۇ بوۋاي ئادىتى بويىچە قوپال جاۋاپ بىرىپ ، <<ۋاي ئۇكام ، بۇ گۇيلار مىنىڭ مۇزىكامنى ئاپارمىغان يىرى قالمىدى ، ئەمما مىنى ئولانبايدىكى ساناتورىيىگىمۇ ئاپىرىپ بىرەر ئاي دەم ئالدۇرۇپ قويمىدى ئەمەسمۇ!؟>> دىدى . شۇ كۈندىن بىرى ، مىنى بىزنىڭ ئىجادىيەت بىلەن ئىجاتكارغا تۇتقان مۇئامىلىمىزدىكى ئاسمان - زىمىن پەرىق كۆپ ئويلاندۇردى . بىزدە كۆپ ھاللاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى بىلەن ئىجاتكارنىڭ قىسمىتى تەتۈر تاناسىپ بۇلۇپ قالىدىكەن . روشەنكى بۇ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان ، غەزەپلەندۈرىدىغان ھادىسە ! نىمە ئۈچۈن بۇنداق غەلىتە ھادىسە بىزدە شۇنچە كۆپ ؟ بۇ نىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئاددى ، چۈنكى بىز نادان - مىللەت! كىسىپ ئېيتىش كېرەككى ، ئۇيغۇرلار 20 - ئەسىردىكى ئەڭ نادان مىللەت ! دۇنيادا بۇ جەھەتتە بىزنى بېسىپ چۈشىدىغان مىللەت يوق . بىزئۆزىمىزنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى ئېتىراپ قىلمىساق ، پاكىت بىزنى ماڭدامدا بىر مات قىلىدۇ . قاراڭ ، فىرانسىيىلىك مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس ، تارىخچى گراسسرت 1930 - يىللىرى يازغان <<يايلاق ئىمپىرىيىلىرى> ناملىق كىتابىدا ، قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە توختىلىپ ، <ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلىقلەرنى مەدەنىيەت دەۋرىگە باشلاپ كىرگەن> ، <ئۇيغۇرلار باشقا تۈرۈك - مۇڭغۇل خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ ئىلغار خەلق بۇلۇپ ، چىڭگىزخان دەۋرىگە كەلگەندىمۇ ئۇلار يەنە تەربىيىلىگۈچىلەردىن ئىدى> دەپ يازغان . ئەپسۇسكى ، بىز ئۇيغۇرلار دەل شۇ 30 - يىللىرى <<ئۇيغۇر>> دىگەن مىللەت نامىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەركىتىنى ۋە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مەرىپەت بايرىغى ئاستىدا ئاقارتىش ئىشىنى ئېلىپ بېرىۋاتاتتۇق . ئوتتۇرا ئەسىردە باشقىلارغا مەدەنىيەت ئۇستازى بولغان بۇ مىللەت بۇ كۈنگە كەلگەندە <<ئۇيغۇر>> دىگەن نامىنىمۇ ئۇنتۇپ ، ئۆزىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشنىڭ ھەلەكچىلىگىدە . 1960 -يىللىرى ئامىرىكىلىق تەتقىقاتچى دىنىس سىنور <<ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسىيا>> ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ ، ئۇيغۇرلارنى <<قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇلار مەركىزى ياۋرۇپا - ئاسىيادا ئوتتۇرا ئەسىردە بۇلۇپ باقمىغان تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن بەھرىمەن بولغان>> ، <<تۈرۈك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەر ئىچىدە ھىچقايسىسى ئۇيغۇرلار يەتكەن مەدەنىيەت دەرىجىسىگە يىتىپ باقمىغان>> دەپ يازغان بولسا ، شۇ 60 - يىللاردا بىز ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىمى ، ئەقلى ، ئېتىقادى ، غۇرۇرى بار بارلىق ئەزىمەتلىرىنى بىر - بىرلەپ تۇتۇپ ، بۇلىشىغا دۇمبالاپ ، ئىت - ئېشەكتىن بەتتەر خار قىلىپ ، پۇرۇلتارىياتنىڭ پولات مۇشتۇمىنىڭ تەمىنى تېتىۋاتاتتى…! ھايات سىرلىرىنى بىلىدىغان بارلىق مۇتەپپەككۇرلار خۇددى پۈتۈشۈۋېلىشقاندەك ، <<ئىنسان ئۈچۈن نادانلىقتىن ، بىلىمسىزلىكتىن چوڭ ئاپەت بولمايدۇ >> دەپ ئېيتىشقان . بىزنىڭ بۇ تەپسە تەۋرىمەيدىغان ئەبگا مىللىتىمىز ھەممە خەق ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تۇشمۇ - تۇشتىن ئىزدەنگەن ۋە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقان بۇ 20 -ئەسىردە نادانلىقتىن ئىبارەت بۇ رەھىمسىز ئاپەتنىڭ قارا پاتقىقىغا گەدىنىگىچە پاتقان ھالدا ياشاپ كەلدى ۋە ھېلىمۇ ياشاۋاتىدۇ . نادان مىللات نىمە ئىش قىلىدۇ ؟ نادان مىللەت جاھاندىكى ئەڭ ئەخمىقانە ، ئەڭ رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ . كېچە - كۈندۈز خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئەزىمەت ئوغۇللىرىنى خارلاپ ، ئازاپلاپ ، تىللاپ سېسىتىپ ، ئىككى يۈزلىمىچى ، مەككار ئادەملەرنى ئۇلۇغلاپ ، ئېزىزلاپ ، مازار غوجام قىلىۋالىدۇ . ھەقىقەتنى ئۆلچەيدىغان تارازىسىنىڭ خاتالىغىدىن گۇمانلىنىپ باقمايدۇ . ھەممە نەرسىگە ئاڭلىۋالغىنى بويىچە ياكى سەخسىي مۇددىئاسى بويىچە قارىسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ ، تۇغرا ، ئادىل باھا بىرىشنى ئەسلا بىلمەيدۇ . سىيىت نوچىدەك ئەخمەق ، مۇناپىقسىمان ئادەملەرنى يۇز يىللاپ سېغىنىپ ، ئۇلۇغلاپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىشىپ ماختىشىدۇ ، <<مىللى قەھرىمان>> دەپ تەرىپلىشىدۇ . سىيىت نوچى ھاياتىدا خەلقنىڭ شىللىسىگە مىنگەن زالىملاردىن بىرەسىنى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ بىرەر ئىش تەۋرەتكەنمۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ باقمايدۇ؟ ئەجەبا ئۇ ئۈچتۇپان ھاكىمىنىڭ تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىپ ئۈچتۇرپان خەلقىنىڭ قېنىنى شوراۋاتقان بىر زالىمنىڭ يېنىدا دوست بۇلۇپ تۇرۇشقا ماقۇل بولدىغۇ؟ شۇنىڭغا راۋاپ چېلىپ بىرىپ ، شۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچتىغۇ ؟ قەشقەر دوتىيىگە ئاپارساڭ ساڭا ئەمەل بېرىدۇ ، دىسە ئەمەل تاماسىدا مەس بۇلۇپ ، ئۆلۈم خىتىنى كۆتۈرۈپ كەلدىغۇ؟ قەشقەر دوتىيى ئۇنى ئەخمەق قىلىپ ، <<سىنى ئۆلتۈرەي دىسەم قۇلۇم بارمايدۇ ، ئۆلتۈرمەي دىسەم خاننىڭ ئۆلۈمگە بۇيرىغان خىتىنى ئېلىپ كەپسەن >> دەپ ئالدىسا ، <<خاننىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالما ، ئىككىلەنمەي مىنى ئۆلتۈرگىىن>> دەپ ، ئۆزىنىڭ بىگۇنا ئۆلىمىگە قۇللارچە رازىمەنلىك بىلدۈردىغۇ ؟ ياق ، مىنىڭ گۇناھىم يوق ، مىنىڭ خۇدا بەرگەن ياشاش ھوقوقۇم بار ، مەن سىنىڭ خالىساڭ ئۆلتۇرىدىغان ، خالىساڭ ياشىتىدىغان كۈچۈكۈڭ ئەمەس ، دەپ ئۆز ئەركىنلىگى ئۈچۈن ئىسيان كۆتۈرۈپ چۇقان سالمىدىغۇ ؟ مۇشۇغۇ بىزنىڭ مىللى قەھرىمانىمىز؟! تىللاردا داستان قىلىدىغان نوچىمىز؟! بۇ ئەڭ سادىق قۇل ، ئەڭ ئىتائەتمەن مۇناپىقمۇ ياكى ئەزىزانە قەشقەردىن چىققان نوچىمۇ؟! بىز مۇشۇنداق بىر ئادەمنى ئالىي مەكتەپنىڭ دەرىسلىكلىرىگە <<مىللى قەھرىمان> دەپ كىرگۈزۈپ ، ھازىرمۇ تېخى كاپشىپ ئۆتىۋاتىمىز . رادىئو -تېلېۋىزۇرلاردا ئۇنىڭ شەنىگە ناخشا - قوشاق تۇقىۋاتىمىز… ھەي… بىزنىڭ نادانلىقىمىز ، ئەقىلسىزلىكىمىز ، بىلىمسىزلىكىمىزدىن ، ئابدۇقادىر داموللام بىلەن مەمتىلى تەۋپىقتەك ئۇلۇغ مىللەتپەرۋەر زاتلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلىشنى ئويلاشمىدۇق ، ئەمما تىيىپچان ئېليوفنىڭ خەت - چەكلىرىنىمۇ تېرىپ - تۆشەپ كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلدۇق . بىر پارچىمۇ شېئىرى خەقنىڭ ئىسىدە يوق ئەلقەم ئەختەمدەك قۇرۇق قەسىدىچى شائىرلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەپ تون كىيدۈردۇق ، ئەمما نىزامىدىن ھۆسەيىندەك ئىمانى ئەركەك قەلەمكەشلىرىمىزنى توپا بېسىپ قىلىۋاتسا پىسەنىت قىلمىدۇق . ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنى ئەدەبىياتتىن زىرىكتۈرۈشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ، سولچىل ئەدەبىياتنىڭ بايراقدارى بولمىش قېيۇم تۇردىدەك يازغۇچىللىرىمىزنىڭ <<قىزىل تاغ چىراغلىرى>> دىگەن كىتابىنى قايتا نەشىر قىلىشنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى كاسىلداپ چۈشەندۈرۈپ قايتا نەشىر قىلدۇق ، ئەمما ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىندەك ئۇلۇغ ئالىم <<ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى>> دەپ كىتاپ يېزىپ بەرسە ، <<تىراژ تاپ>> دەپ مەكتەپمۇ -مەكتەپ سوكۇلداتتۇق . <<بىرىۋاتقان باھايىمىز مۇۋاپىقمۇ - ئەمەسمۇ؟>> دەپ ئويلانماستىن ، ساقىلىنىڭ ئاقلىغىغا قاراپلا ، <<فۇزۇلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى>> دىگەن تۇنۇشتۇرۇش ماقالىسىدىن باشقا بىر پارچىمۇ ئىلمى ئەسىرى يوق شۈكۈر يالقۇننى<<بۇلاق>> ژورنىلىدا <<كامالەتكە يەتكەن ئەدىب>> ، <<ئەدەبىيات پىشۋاسى>> دەپ ھاماقەتلەرچە ماختىدۇق . ئىلىمگە ئىلىمچە ، ئادەمگە ئادەمچە مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيدىغان ژورنالىستلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىمۇ ، باشقىلارنىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بۇ قىلمىشلىرىدىن نۇمۇس قىلماي ماختىنىشى تۇرغان گەپ… ئويلاپ باقساق ، ساناپ كەلسەك بىزدە ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى بىلەن ئىجاتكارنىڭ قىسمىتىنىڭ تەتۈرلىكىگە ئائىت مىساللار ساماندەك . بەلكىم مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ جەھەتتىكى ئەڭ تىپىك مىسال بۇلىشى مومكىن . ئۇ شائىرلىرىمىز ئىچىدە تۇنجى بۇلۇپ بىزگە مەخسۇس روبائىيلار توپلىمىنى تەقدىم قىلسا ، بىز ھەسەت قىلىپ ، رەزىللىك بىلەن <<ياخشى روبائىدىن ئادەم ئۆمرىدە پەقەت بىر نەچچىنىلا يازالايدۇ>> دەپ پەتىۋا چىقىرىپ كەم سۇندۇردوق . <<قاتلام نەزىرىيىسى>> نى ئوتتۇرىغا قويسا ، ئىلمى رەدىيە بېرەلمەستىن ، بۇ نەزىرىيىنى چەتئەللىكلەر بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان ، دەپ گەپ تارقاتتۇق . تارىخ ، پەلسەپە ، ئىستىتىكا تەتقىقاتى ۋە شېئىر - نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ توم - توم كىتاپلارنى يېزىپ بەرسە ، خوشال بۇلۇشنىڭ ئورنىغا ، <<بۇ ئادەم ھەممە ساھەگە ئېسىلىۋالماي بىرلا ئىشنى قىلسا بولاتتى>> دەپ ئەخمەقلەرچە ئەقىل كۆرسەتتۇق . ئويۇن - تاماشىنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ ، مىللەت ئۈچۈن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانسا ، <<ئادەم بولغاندىن كىيىن توي - تۆكۈنلەرگە بارمىسا بولامدۇ؟>> دەپ ئۇنى ئەيىپلەپ ، ئۆزىمىزنىڭ كۈنىنى ھارام ئۆتكۈزىۋاتقانلقىمىزنى ئويلىماي ، ھاماقەتلەرنى كۈشكۈرۈتۈپ ، ئۇنى ئالدى - كەينىدىن ھاقارەتلىگۈزدۇق . ئۆزىمىزنىڭ بىرەر نەشىريات ياكى گېزىت - ژورنالدا تىگىپ قالغان چۆمۈچنىڭ سېپىچىلىك ھوقۇقىمىزنى ئۇنىڭ ئالىملىقىدىن ئالىي بىلىپ ، بىزگە يېلىنمىغىچە ئەسەرلىرىنى يېقىن يولاتمىدۇق . ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ ، كېچە كۈندۈز پۇچىلىنىدىغان ئەۋلىيا - ئەزەملەرنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىپ ، شۇلارنىڭ نەزىرىگە نائىل بۇلۇش ئۈچۇن ، بۇ ئالىمنى قاغىدەك چۇقۇدۇق . جەمئىيەتتە بىرەر يامان گەپ - سۆز تارقالسا ، دەرھال ئۇنى شۇ ئىشنىڭ ئېگىسى قىلدۇق . ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە ، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدۇق . ئۇ ئوغلىنى ئۆيلىمەك بۇلۇپ ، ئۆيمۇ _ ئۆي كىرىپ باغاق تارقاتسا ، بىز ئارقىدىن ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ ، <<ئۇنىڭ تويىغا بارماڭلار>> دەپ گەپ تارقاتتۇق . قان تۈكۈرۈپ قىينىلىپ ئەسەر يېزىپ مەتبۇئاتلارغا نەچچە ئون قېتىملاپ قاتراپ كىتاپ چىقىرىپ ، ئازغىنا قەلەم ھەققىگە ئىرىشسە ، <<شۇنچە قەلەم ھەققى ئېلىپ تۇرۇپ بىرەر ئادەمنى چاقىرىپ مېھمان قىلايمۇ دىمەيدۇ>> دەپ ھارام تامادا كۆپۈپ ئۇنى تىللىدۇق . ئۇ يازغان ئىلمى ئەسەرلەرنى نەچچە ئونىمىز بىرلەشسەكمۇ يازالمايدىغانلىغىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ، يەنە ئۇنى سۆكتۇق ، <<ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقى تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى>> دەپ ماقالا يېزىپ ، بىزگە خانىقا ئىشىدا ساخاۋەتچى بۇلۇۋېلىپ ، مۇرىت توپلاپ ئىلىم ساھەسىگە نۇمۇس كەلتۈرىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ ، ئالىملىرىمىزغا باش بۇلىۋالغان بىر ئىلىم زومىرىگىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى تونۇپ بەرسە ، <<ئاپىرىن>> ئېيتماستىن ، <<بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلسا بولاتتى>> دەپ ھەقنى سۆزلىگەن ئادەمنى ئەيىپلىدۇق . قارىغاندا ھەقىقەت بۇ مىللەتنىڭ زەئىپلەشكەن تىنىگە رىئاكسىيە بېرىدىغان ئوخشايدۇ . مۇناپىقنى ئەڭگۈشتەر بىلىپ ياشاپ ئادەتلىنىپ قالغان بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىز ئاق - قارىنى ئارىلاشتۇرۇپ بىزنى ھەر كويلارغا سالىدىغان ئوخشايدۇ . ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك ئالىمدا ھەقىقەتنى تۇنۇيدىغان ئۆتكۈر كۆز ، ئەقىل بىلەن ناداننى پەرىقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىدىغان دىت بار ئىدى . شۇڭا ئۇ : <<مىڭ توخۇنىڭ تاقلىشى ، سۇمرۇغ كەبى پەرۋاز ئەمەس . چۇرقىراپ سايراشلىرى بۇلبۇل كەبى ئاۋاز ئەمەس>> دەپ غەزەل يېزىپ ، قىلمىش - ئەتمىشلىرىمىزگە مېيىقىدا كۈلۈپ قوياتتى . بۇ بەخىتسىز ، ئەمما ئۇلۇغ ئالىم ئاخىرى ئارىمىزدىن كەتتى . نۇغۇنلىرىمىزنىڭ قەلبىنى ھەسەت ئوتىدا كۆيدۈرگەن ، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئىسىل ئەمگەكلىرى بىلەن كۈلدۈرگەن بۇ ئالىم تۇيۇقسىزلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى ، خۇددى بىر قېتىم ماڭا <<ئۆلۈم دىگەن ئۇ شۇنداق نىمە ، ئەزرائىل كېلىدۇ ئاپتوبۇسقا چىق دىگەندەك قىلىپلا ، ئېلىپ كېتىدۇ >> دىگىنىدەك غىپپىدە كىتىپ قالدى . شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى ، ئەزرائىل ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ <<ئاپتوبۇس >> قا تارتىپ چىققىچە ، بىز بار كۈچىمىز بىلەن ئۇنى <<ئاپتوبۇس>> قا ئىتتەردۇق … دەسسىگەن يىرىنى چوغ قىلىپ ، يىگەن ئېشىنى زەھەر قىلىپ ، كۆرگەن كۈنىنى ھارام قىلىپ ، تۇغۇلغانغا جاق تويغۇزۇپ ئۇ دۇنياغا ئۇزاتتۇق . بىر تەڭدىشى يوق ئالىمىمىز ئۆلۈپ كەتسە بىز نىمە ئىش بىلدۇق ؟ ھەر بايرام كەلسە يۈزلەپ شېئىر يازىدىغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرەسىمۇ مەرسىيە يازمىدىغۇ ؟ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئەسەرلىرىنى سېغىن كالىنى ساغقاندەك سېغىپ ، سەمرىگەن تەتقىقاتچىللىرىمىز بىرەر ئەسلىمە يازمىدىغۇ؟ قىچىشقاقنىڭ دورىسىنى يىللاپ ئېلان قىلىپ ھارمايدىغان رادىئو - تېلىۋىزورلىرىمىز بىرەر پارچىمۇ خەەۋەر بەرمىدىغۇ ؟ بىر ئادەمنىڭ خىزمەت كىنىشكىسى يۈتۈپ كەتسە ئالقانچىلىك يەرگە ئېلان بېرىدىغان <<ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى >> بارماقچىلىك يەرگە كاۋاك چالمىسى قاتارىدا كىچىككىنە بىر خەۋەر بىرىپ قويدىغۇ ؟ ئەجەبا بىزدە ئالىم شۇنچە كۆپمۇ ؟ ئەتىۋارى يوقمۇ ؟ بىر نازىر ئۆلۈپ كەتسە ئورنىغا مەن بار دەپ مەيدىسىگە مۇشىتلاپ چىقىدىغان ئادەمدىن كۈرمىڭى چىقىدۇ ، قېنى<<ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئالىملىق ئورنىغا مەن تەييار >> دەپ ئوتتىرىغا چىقىدىغان بىرەر ئەزىمەت بارمۇ ؟ شۇ ھالىمىزغا ئاشۇ ئۇلۇغ ئالىمنى نىمانچە ھاقارەتلىگەندۇق؟ نىمانچە ئازاپلىغاندۇق؟ بىزدەك ئەزىزلەشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان ئادىمىنى خارلايدىغان نادان خەلق باشقا جايلاردىن تېپىلمىسا كېرەك . شۇ ھىكمەت ، شۇ سىر ئىسىمىزدە بولسۇنكى ، ئەيسا كىرىستقا مىخلانغاندا ، مەنسۇر ھەللاجى ، شاھ مەشرەپلەر دارغا ئېسىلغاندا ، ئابدۇقادىر داموللا ، تەۋپىق ئەپەندىلەر قان ئىچىگە غەرىق بولغاندا ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ بەخىتسىز ئۆلۈمىدىن ئۆكۈنۈپ پۇشايمان قىلغان ئەمەس ، بەلكى ھەقىقەتنى تۇنۇپ يېتەلمىگەن خەلقنىڭ نادانلىقىغا ئېچىنىشىپ ھەسرەت چەككەن … پەلەك بىزنىمۇ ئەقىلنىڭ بۇرچىدا ياشىتىپ باقار . ئاق - قارىنى پەرىق ئىتىشنى ئۆگىنىۋالارمىز ، بۇ بەخىتسىز ئالىمىمىزنىڭ ئۆلىمى ئۆزىگە خاس ئۇلۇغ مەنا بىلەن بىزنى ئەقىلگە ئۈندەيدىغان ، نادانلىقتىن ئويغۇتىدىغان ، قېرىنداشلارچە ئۆتۈشكە دالالەت قىلىدىغان خاسىيەتلىك كولدۇرما بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!
ئاپتۇر : يالقۇن روزى
|
|