查看完整版本: [-- ئىماننىڭ قۇۋۋەت دورىسى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> ئىماننىڭ قۇۋۋەت دورىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

شولا 2011-07-27 22:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ تىما قېرىندىشىمىز ھەمزىنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ھەم ساقلىۋالغان ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان تىمىسىدۇر. قارىسام كەڭسايدىكى ھەمزىنىڭ تىمىلىرى ئىچىدە يوقكەن. شۇڭا بۇنى يوللاپ قويدۇم. باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تىمىنى تىزلا ئارقا بەتكە ئۈتۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى سۇرايمەن.
بۇ تىما قىلچە ئىختىلاپى بولمىغان ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى تىزلا چۇشۇنەلەيدىغان ئاممىباب ئۇسلۇبتا ئاسانلىقنى ،يەڭگىللىكنى تۇتقۇ قىلغان ھالدا يازغان تىمىدۇر.


ئىماننىڭ قۇۋۋەت دورىسى
قېنى كىلىڭ قېرىندىشىم. سىزنىڭ ئىمانىڭىزنى ئۆلچەپ باقايلى.
ئىمان بولسا ئاللاھنىڭ بىزلەرگە ئاتا قىلغان نىئىمەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كاتتا،ئەڭ قىممەتلىك،ئەڭ نەتىجىلىك بىر نىئىمەتتۇر. ئىمان بىرىلگەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر. چۈنكى ئىمان كىشىنى دۇنيا – ۋە ئاخىرەتتە بەختكە ئىرىشتۇرىدۇ.
ئىماننى ھەمراھ قىلۋالغان ئادەمنىڭ ھايات مۇساپىسىدە يۇلۇققان ھەرخىل قىيىنچىلىقلارمۇ ئىماننىڭ ياردەم قىلىشى سەۋەبىدىن قىيىنچىلىقتەك تۇيۇلمايدۇ. بەلكى ئىمانلىق كىشى ھەرقانداق دۇشمەن،ھەرقانداق ئەزىيەت،ھەر قانداق مۇسىبەتلەرگە ئىمان ئارقىلىق تاقابىل تۇرالايدۇ.
ئىمان بىرىلگەن كىشى ئاللاھقا كۆپلەپ شۈكرىلەرنى قىلىشى،ئىماننىڭ قەدرىگە يىتىپ ئۇنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ زورايتىپ تۇرشى كىرەك. چۈنكى ئاللاھ بىزلەرگە ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى نوھ ،ۋە لۇت ئەلەيھىماسسالاملارنىڭ ئايالىغا بەرمىگەن ئىماننى بىزگە بەردى.ئۆزىنىڭ دوستى ۋە كۆپۇنچە پەيغەمبەرلەرنىڭ بوۋىسى بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسالنىڭ دادىسىغا بەرمىگەن ئىماننى بىزگە بەردى. پۇتۇن دۇنياغا پەيغەمبەر،ھەم رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەن،پۇتۇن پەيغەمبەرلەرنىڭ گۈلتاجى ۋە ئاخىرقىسى بولغان رەسۇلىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ بېقىپ چوڭ قىلىپ،مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ دۈشمەنلىكىدىن ساقلاپ قالغان كۈيۈمچان تاغىسى ئەبۇ تالىپقا بەرمىگەن ئىماننى بىزگە بەردى.
قانداق بىز بەخىتلىكمىكەنمىز؟ ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى پەقەتلا ھەقىقى ئەقىللىق ئادەملا ھىس قىلالايدۇ.
خوش!!!!!!
ئەمدى بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىمانىنى تارازىغا سېلىپ باقايلى. ئۇرۇقلاپتۇمۇ ياكى سەمىرىپتۇمۇ؟
قېنى كىلىڭ!بىز ئاۋۋال ئىماننىڭ نىمىلىكىنى بىلۋالايلى.
ئىمان دىگەننىڭ لۇغەت مەنىسى ئىشىنىش دىگەن بۇلىدۇ.شەرىئەتتىكى مەنىسى بولسا تۈۋەندىكى ھەدىستا دىيىلگەندەك بۇلىدۇ.
ئۇمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ« بىر كۈنى بىز رەسۇلۇللە بىلەن ئولتۇراتتۇق. بىر ئادەم كىرىپ كەلدى.ئۇ ئادەمنىڭ كىيىمى ئاپئاق،چېچى قاپقارا ئىدى. ئۇ ئادەمدە سەپەرنىڭ ئالامىتى كۈرۈنمەيتتى،ئارىمىزدىن ھۋچكىم ئۇ ئادەمنى تۇنۇمايتتى.ئۇ رەسۇلۇللەنىڭ يېنىغا كىلىپ تىزىنى رەسۇلۇللەنىڭ تىزىغا يۈلەپ ئىككى ئالقىنىنى يوتىسىنىڭ ئۇستىگە قۇيۇپ ئولتۇردى.ۋە ئى مۇھەممەد ماڭا ئىسلامدىن خەبەر بەرگىن دىدى. رەسۇلۇللە:ئاللاھنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىغا،مىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمىگە گۇۋاھلىق بەرگەيسەن. ناماز ئوقۇغايسەن،روزا تۇتقايسەن،زاكات بەرگەيسەن،قۇدرىتىڭ يەتسە ھەج قىلغايسەن-دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇ كىشى راست ئېيتتىڭ دىدى. بىز ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى سۇئال سۇراپ يەنە ئۆزى تەستىقلىغانلىقىدىن ئەجەپلەندۇق. ئۇ يەنە ئىماندىن خەۋەر بەرگىن دىدى.
رەسۇلۇللە؛ئاللاھقا ئىشەنگەيسەن،ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە،ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە،ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ئىشەنگەيسەن. قىيامەتنىڭ قايىم بۇلىشىغا،ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ پەقەت ئاللاھ تەرپىدىنلا كىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەيسەن-دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى يەنە راست ئېيتتىڭ دىدى. ۋە ماڭا ئىھساندىن خەۋەر بەرگىن دىدى. رەسۇلۇللە؛ ئىھسان دىگەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىش. سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ ئاللاھ سىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ-دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى يەنە قىيامەت قاچان بۇلىدۇ؟
رەسۇلۇللە: سۇرالغۇچى سورىغۇچىدىن ئالىم ئەمەس.
ئۇ كىشى: ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنى بىلدۇرگىن-دىدى
رەسۇلۇللە: دىدەك ئۆزىنىڭ خۇجايىنىنى تۇققان چاغدا،يالاڭئاياق،يالاڭباش قوي باققۇچىلار ئىگىز ئىمارەتلەرنى سېلىشتا بەسلەشكەن چاغدا قىيامەتنى كۇتسەڭ بۇلىدۇ-دىدى.
ئاندىن ئۇ كىشى يۈرۈپ كەتتى. رەسۇلۇللە ؛ ئى ئۆمەر سۇئال سورغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟
مەن:ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دىدىم.
رەسۇلۇللە:ئۇ بولسا جىبرىئىلدۇر.ئۇ سىلەرگە دىنىڭلاردىن تەلىم بىرىش ئۈچۈن كەلگەن دىدى»(مۇسلىم ئىمان بابى)
مانا ئىمان يۇقارقى ھەدىستە دىيىلگەندەكتۇر. بىزنىڭ پەقەتلا كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئۇقۇپ قۇيشىمىز،ھەپتىدە بىر قېتىم جۈمە ئوقۇپ قۇيشىمىز،يىلدا بىرئاي روزا تۇتۇپ قۇيشىمىز ،كۈچىمىز يەتسە ئۆمرىمىزدە بىر قېتىم ھەج قىلىپ قۇيشىمىز ئىمانىمىزنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىلدۇرمەيدۇ. بۇلار ئىمانىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۇرىدۇ.
ئىمان كۈچلىنىدۇ ھەم ئاجىزلىشىدۇ. گۇناھ ئىشلارنى قىلىۋەرسە ئاجىزلىشىپ ماڭىدۇ. ئەگەر سىز كىچىككىنە بىر گۇناھنى قىلىپ قويسىڭىز قەلبىڭىزگە بىر قارا چىكىت ئورنايدۇ، كىيىن ئۇ گۇناھقا تەۋبە قىلماي يەنە بىر گۇناھ ئۆتكۈزسىڭىز ئۇ چىكىت يۇغىنايدۇ،بارا-بارا قەلبىڭىزنى قارا قاپلاپ كىتىدۇ.ئۇ چاغدا نە ۋەز نەسھەت،نە ھەدىس قۇرئان،نە ياخشى گەپ-سۆز كار قىلمايدۇ، بۇ دىلىڭىزنىڭ قارداپ قېتىپ كەتكەنلىكىنىڭ بىشارىتىدۇر.بۇ چاغلاردا سىز ئىسلام ئەركانلىرىنى قىلاي دەيسىزيۇ ئەمما قەلب راھىتى بىلەن قىلالمايسىز. ناماز ئوقۇيسىز توخۇ دان چوقىلىغاندەك،ئۆزىڭىز ناماز ئىچىدە تۇرىسىز كۆڭلىڭىز ئاللىقاياقلاردا،بىرەرىنى ئويلاش بىلەن،قىلۋاتقان كەسپىڭىزنىڭ باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرىنى ئويلاش بىلەن،تۇرمۇشىڭىزنى كۆڭۇلسىزلىكلەرنى ئويلاش بىلەن،ئەگەر بىرەر ئىشنى باشلاش ئالدىدا تۇرۋاتقان بولسىڭىز شۇ ئىشنى قانداق باشلاشنى ئويلاش بىلەن… ناماز ئوقۇيسىز.ئەمما نامازنى نەچچە رەكئەت ئوقۇغانلىقىڭىزنى بىلەلمەيسىز.ئىككى رەكئەتمۇ،ئۈچ رەكئەتمۇ… مانا بۇ سىزدىكى شەيتانلارنىڭ ئۆز رۇلىنى 100%جارى قىلدۇرۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى. بارا-بارا نامازنى خوشياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدىغان بۇلىۋالىسىز،نامازدا تۇرسىڭىز شەيتان سىزنى يەنە ئوي خىياللارغا تاشلايدۇ.سىزنى ئەسنەك تۇتىدۇ،ئۇيقۇ باسىدۇ،ئۇيە بۇيەلىرىڭىز قىچىشىدۇ،ئۇياق-بۇياققا قارىغۇڭىز كىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ شەيتان سىزگە نوختا سېلۋالىدۇدە سىز ئۇ چاغدا شەيتان ئالدىدا رايىش بىر مەخلۇققا ئايلىنىپ قەيەرگە باشلىسا شۇ يەرگە بارىسىز…. مانا شەيتاننىڭ يىلىگەرلىكى شۇنداق قەبىھ.ئەڭ ئاۋۋال سىزنى كىچىك گۇناھلارنى ئۆتكۇزۇشىڭىزگە سەۋەب بۇلىدۇ.دەسلەپتە سىزنى چوڭ گۇناھلارغا بۇيرىسا سىز قىلمايسىز شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىك گۇناھلارنى قىلدۇرىدۇ ۋە سىزگە بۇ كىچىك گۇناھ ئۈچۈن تەۋبە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەنلىكىنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ سىز تەۋبە قىلمايسىز.شۇنىڭ بىلەن يۇقۇردا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك قەلبىڭىزدە تەررەققى قىلىدىغان بىر قارا چىكىت پەيدا بۇلىدۇ.بۇ قارا چىكىت شۇنداق زورىيىپ كىتىدۇكى سىزنى شەرىئەت چەكلىگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغىلى سالىدۇ.
بۇنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كىرەك؟ ئەگەر يۇقارقىدەك شەيتان نوختا سېلۋالغان ئادەم بولسا بۇ نوختىدىن قانداق قۇتۇلغىلى بۇلىدۇ؟ بۇنى بىلگۈڭىز بولسا تۈۋەندىكى قۇرلارغا مەرھەمەت قىلىڭ.
1.ئەگەر سىز ھەرقانداق چوڭ ياكى كىچىك بىر گۇناھلارنى قىلىپ سالسىڭىز شۇ گۇناھتىن كىيىنلا بىرەر ياخشى ساۋاپلىق ئىشتىن بىرنى قىلۋېتىڭ. ئاللاھ قۇرئاندا {جەزمەن ياخشىلىقلار يامانلىقنى كەتكۇزىدۇ}(سۈرە ھود 114.ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئورنىڭىزىدىن سەھەر تۇرۇپ ئادەتلىنىڭ. رەسۇلۇللە تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلايدىغان ئادەم توغرىسىدا‹ئۇ ئادەم قۇلىقىغا شەيتان سىيىپ قويغان ئادەمكەن› دىگەن.
ئىشنىڭ بېشى ئەتتىگەن دەپ ئەگەر سىز تاڭ ئېتىشتىن يەنى بامدات ۋاقتىدىن ھېچ بولمىغاندا بىر سائەت بۇرۇن تۇرالمىسىڭىز قۇلىقىڭىزغا شەيتان سىيىپ قۇيىدۇ دە قۇلىقىڭىز ھەقنى ئاڭلىمسا بۇلۋالىدۇ.ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ. رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن«سىلەر ئۇخلىغاندا شەيتان سىلەرگە ئۈچ چىگىك چىگىپ قۇيىدۇ.ھەر بىر چىگىكنى چەگكەندە ئۇ: سەن ئۇخلاۋەر تېخى تاڭ ئاتمىدى، دەپ ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ئەگەر ئۇخلىغان كىشى ئويغۇنۇپ ئاللاھنى زىكرى قىلسا (يەنى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا ئىنساننى ئۆلتۇرۇپ يەنە تىرگۇزىدىغان ئاللاھقا شۇكرى) دىسە شەيتاننىڭ بىر چىگىكى يىشىلىدۇ،تاھارەت ئالسا ئىككىنچى چىگىكى يىشىلىدۇ،ئاندىن نامازنى كامىل ئۇقۇسا ئۈچىنچى چىگىكى يىشىلىدۇ.ئاندىن ئۇ كىشى روھى كۈترەڭگۈ،تىتىك،شوخ ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ.ئەگەر يۇقارقىدەك قىلالمىسا ئۇ كىشىنىڭ قەلبى نىجىس، روھى چۇشكۈن،كۆڭلى پاراكەندە،ھۇرۇن ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ (ئۇنداق ئادەم شۇ كۈن شەيتاننىڭ ئۇلىقىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شەيتان قاچان قانداق ۋاقىتتا مىنگۇسى كەلسە مىنىۋېرىدۇ) ئىمام ئەھمەد توپلىغان سەھىھ ھەدىس.
2.سىز سەھەر تۇرۇپ بولغاندىن كىيىن قۇدرىتىڭىزنىڭ يىتىشىچە نەفلە ناماز ئوقۇڭ. نەفلە ناماز ئادەتتە بىر ئوقۇيدىغان نامازلار بىلەن ئوخشاش بىر ئوخشىمايدىغان يىرى ئۇنىڭ مۇئەييەن مانچە رەكئەت دەپ سانى بەلگىلەنمىگەن.سىز قانچىلىك ئوقۇسىڭىز بۇلىدۇ. خالىسىڭىز ئىككى رەكئەتتىن خالىسىڭىز تۆت رەكئەتتىن ئوقۇڭ. بولسا قىيامى ئۇزۇن قىلىپ ئوقىسىڭىز بەك ياخشى. بىر كىچىدە ئوقۇيدىغان نەفلە نامىزىڭىزنىڭ سانى ۋىتىر بىلەن 11 رەكئەت بۇلىشى كىرەك. بۇ رەسۇلۇللەنىڭ سۈننىتى.
3.بامداتتىن ئىلگىرى ياكى كىيىن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 5 ۋاراق قۇرئان ئوقۇڭ.ئەگەر ئوقيالمىسىڭىز تىڭشاڭ. ئۇيغۇرچە ئىسلامىي كىتابلار كۆپ سىز شۇلاردىن مەلۇم مىقداردا ئوقۇشنى ئۆزىڭىزنىڭ بىر كۇنلۇك خىزمەت پىلانىغا قېتۋېتىڭ. بىلىپ قېلىڭ.بلىلم ئېلىش ئۈچۈن ئەرەپ تىلىنى بىلىش شەرت ئەمەس. ئەرەپ تىلىنى بىلمەيمۇ نۇرغۇنلىغان ئىسلامىي بىلىملەنى ئىگەللىگىلى بۇلىدۇ.
4.سىز ھەر كۈنلىكى كۇندىلىك ئىشىڭىزبىلەن مەشغۇل بۇلۇشتىن ئىلگىرى چاشگاھ نامىزى ئوقۇشقا ئادەتلىنىڭ. رەسۇلۇللە ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ساھابىسى ئەبۇ ھۇرەيرىگە ئۈچ ئىشنى ۋەسىيەت قىلغان. بۇلار 1. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ۋىتىر ئوقۇش.2.ھەر كۈنى چاشگاھ نامىزى ئوقۇش،3.ئاينىڭ ئاق كۈنلىرى ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشا (ئاق كۈنلەر ئايدىڭ بولغان كۈنلەرنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ھەر ئاينىڭ 12.13.14 كۇنلىرى) چاشگاھ نامىزىنى خالىسىڭىز 2رەكئەت،ياكى 4رەكئەت،ياكى 8رەكئەت ئوقۇسىڭىز بۇلىدۇ. بۇ نامازمۇ باشقا نامازلارغا ئوخشاش ئوقىلىدۇ.
5.ئەگەر قادىر بۇلالىسڭىز ھەر ھەپتىدە بىر كۈن بىرەر سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ قەبرە زيارەت قىلىڭ. چۇنكى قەبرە زىيارەت قىلىش ئۈلۈمنى ئەسلىتىدۇ.رەسۇلۇللە ‹قەبرە زىيارەت قىلىڭلار چۈنكى ئۇ ئۆلۈمنى ئەسلىتىدۇ› دىگەن . قەبرە زىيارات قىلىش كۆڭۈلنى دۇنيا ئىشلىرىدىن يىراق قىلىدۇ.ئۆزىڭىزنىڭمۇ جەزمەن مۇشۇ يەرگە كىلىدىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلىسىز. ۋە ياخشىلىق ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلۋېلىشقا تىرشىسىز.
6.بولسا ئازراق بولسىمۇ پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا،قىيامەت كۇنى ماڭا ئەسقاتىدۇ دىگەن ئۇمىت بىلەنلا ئاز بولسىمۇ سەدقە قىلىڭ.باشقىلارغا يۇمشاق سىلىق مۇئامىلە قىلىڭ. رەسۇلۇللە ‹قېرىندىشىڭىغا خۇشخۇي ھالدا كۈلۈمسىرەپ گەپ قىلغىنىڭمۇ سەدقە› دىگەن.
7.بىكار ۋاقىتلىرىڭىزدا زىكىر ئېيتىش بىلەن مەشغۇل بۇلۇڭ. زىكىر دىگەن ئاللاھنى ياد ئىتىدىغان سۆزلەردۇر. زىكىرنىڭ ئەڭ ئەپزىلى ‹ لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇررەسۇلۇللە› دىيىش. بۇ سۆز جەننەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر. بۇنىڭ مەنىسى-بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق. مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەرھەق ئەلچىسى دىگەن بۇلىدۇ. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا تىلغا ئەڭ يەڭگىل كىلىدىغان قىيامەت كۇنى تارازىدا ئەڭ ئېغىر كىلىدىغان ئاللاھقا ئەڭ سۈرۈملۇك بولغان ئىككى كىلىمە ‹سۇبھەناللاھى ئەزىيم،سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى› مۇشۇ زىكىرنى ئېيتقۇچىلارنى مەخسۇس زىيارەت قىلىدىغان پەرىشتىلەر بار بۇلۇپ مۇشۇ زىكىرنى ئېيتىۋاتقان ئادەمنى پەرىشتىلەر ئوتتۇرىغا ئېلۋېلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ.
8.ئەگەر داۋاملىق تورغا چىقالىسىڭىز ھەر تورغا چىققاندا بىر ئىسلامىي تىما ئوقۇپ قۇيۇڭ. نۇرغۇن بىلىمگە ئىرشەلەيسىز.تاما-تاما كۆل تۇلا دىگەندەك ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئايدا 10 قېتىم تورغا چىقالىسىڭىز ئايدا 10 دانە ئىسلامىي تىما ئوقۇيالايسىز. توردىكى ئىسلامىي تىمىلار تۇلىمۇ مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
9.دۇئانى كۆپلەپ قىلىڭ. تاھارىتىڭىز بولسىمۇ ياكى بولمىسىمۇ(جۇنۇب بولمىسىڭىزلا) دۇئا قىلىۋېرىڭ. دۇئانى كۆپ قىلىش ئاللاھنى خۇش قىلىدۇ. قەلبنى ئارام تاپقۇزىدۇ.ئىماننى كۈچەيتىدۇ،رەسۇلۇللە ‹دۇئا ئىبادەتنىڭ يىلىكى › دىگەن. دۇئانى كۆپ قىلسىڭىز تەقۋالىقىڭىز ناھايتى تىز تەرەققىي قىلىدۇ.
10.تەبلىقلارنى ئاڭلاپ تۇرۇڭ. ئىزدەنسىڭىز توردىن ھەرخىل تەبلىقلەرنى تاپقىلى بۇلىدۇ. ھەر كۇنلىكى بىردىن تەبلىق ئاڭلىسىڭىز ئايدا 30 تەبلىق ئاڭلايسىز. ھازىر تەرەققىياتنىڭ ئىلغارلىقى تۇپەيلى تور ئارقىلىقمۇ نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگە ئىرىشكىلى بۇلىدۇ. سىز تىرىشسىڭىزلا… بۇرۇن تابىئىنلار بىر ئايلىق يىراقلىقتا بىر ئادەمدە ئۆزى بىلمەيدىغان بىر ھەدىس بار دەپ ئاڭلىسا بەزىسى تۈگە بىلەن بەزىسى پىيادە شۇ بىر تال ھەدىسنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقاتتى. ھازىر بىزگە ئۇنداق قىلىش كەتمەيدۇ. پەقەت ئىزدەنسەكلا ئىسلامىي بىلىم دىگەن بەكمۇ مول.
دورا كۆپ بولسىمۇ پايدا قىلمىسا بىكار دەپتىكەن ئۇزىڭىزدە يىتىلدۇرۇشكە مۇناسىپ ئىشلار مۇشۇنچىلىك بولسۇن.
ئەمدى ئۇزىڭىزدىن يىراق قىلىدىغان بەزى ئىشلارنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
1. سىز ئالدى بىلەن دىندار بولمىغان ھەرقانداق دوستىڭىز بىلەن ئارلاشماڭ. قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى يۇقار دىگەندەك يامان بىلەن ئارلاشسىڭىز ئۇنىڭ بەزى ناچار قىللىقلىرى سىزگە يۇقۇپ قالىدۇ.
2. تېلپۇنىڭىزدا بار بولغان ناخشا – مۇزىكىلارنى ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن ئۈرۈڭ. قېنى سىز ئاللاھ ئۈچۈن ناخشا مۇزىكىلىرىڭىزدىن كىچەلەمدىكەنسىز.ئەگەر كىچەلمىسىڭىز ئىمانىڭىز بەك بەك ئاجىز بولغان بۇلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھ ئۈچۈن تاتلىق جېنىدىن،سۈيۈملۈك ئايالىدىن،مال دۇنيالىرىدىن كىچەلىگەن. سىزبىر ناخشىدىنمۇ كىچەلمىسىڭىز تۇلىمۇ بىچارە ئادەم بۇپ قالىسىز.ناخشا مۇزىكا قەلبنى ئۆلتۇرىدۇ.شەيتانى ھۈجەيرىلەرنى تىرىلدۇرىدۇ.ناخشا ئاڭلىغان قۇلاققا قىيامەت كۇنى قوغۇشۇن ئىرتىپ قۇيىلىدۇ. (مەزمۇنى ساغلام بولغان ناخشا بۇنىڭ سىرتىدا.ئەمما ناخشا ئاڭلاپ پايدىغا ئىرىشكەن،ناخشا ئاڭلاپ شەھەر ئالغان بىرەرمۇ كىشى يوق. ياخشىسى ناخشا ئاڭلىماڭ)
3. ئەگەر سىزدە بىرەر كەيپ بولسا تاماكا،ھاراق..، دىگەندەك شۇ نەرسىلەرنى تاشلاشقا ئۇرنۇڭ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاماكا چىكىپ ھاراق ئىچىپ ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ تۇرۇقلۇغمۇ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر ئوقۇغان نامىزىڭىز سىزنى يامان ئىشلاردىن تۇسالمىسا سىزنىڭ نامىزىڭىز مەقبۇل ئەمەس. ئاللاھ قۇرئاندا ناماز يامان ئىشلاردىن توسقۇچىدۇر دىگەن.
4. ئاخشىمى بالدۇر يېتىڭ شۇندىلا سەھەر تۇرالايسىز.ئاخشىمى كىچە تەڭگىچە كومپىيوتېر ئالدىدا ياكى تېلۋۇزۇر بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ كىچىسى ئويقۇ تۇگىمەي كۈن چىققۇچە ياتسىڭىز سىز شەيتاننىڭ بىرىنچى قول لەشكىرى بۇپ قالىسىز. بىز يۇقۇردا دەپ ئۆتكەندەك سەھەر تۇرمايدىغان ئادەمنى شەيتان چاگىلىغا ئېلۋالىدۇ.
5. سىز ئەتتىگەندە بامداتتىن كىيىنكى ئۇيقۇڭىزنى تاشلاڭ. ئۇخلاش ئورنىغا بىرەر ماترىيال كۈرۈڭ. ياكى ئۆيىڭىزدىكىلەرنىڭ ئىزلىرىدىن كىچىككىنە بولسىمۇ قىلىشىپ بىرىڭ. بامداتتىن كىىيىن ئۇخلىغان ئادەمنى پېقىرچىلىق قورشىۋالىدۇ(بۇسۆزنىڭ رەسۇلۇللەنىڭ ياكى باشقا ئالىملارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى ئەسلىيەلمىدىم)
6. يەۋەتقان تامىقىڭزغا بەك دىققەت قىلىڭ. شەكلىك نەرسىلەرنى يىمەڭ. ھازىر كۆپۇنچە ئاشخانلاردا مۇسۇلمانلار ئىشلەتسە بولمايدىغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ تاماق قىلىۋاتىدۇ. بۇنى سۈرۈشتۇرمەي يەۋەرسە ئادەمنىڭ ئەقلى بۇلغۇنۇپ كىتىدۇ. دۇئاسى ئىجابەت قىلىنمايدۇ. ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دەيدىغان كىشى جەزمەن يىمەكلىكىگە بەك دىققەت قىلىش كىرەك. ھاراملىقى ئىنىق مەلۇم بولغان نەرسىلەر بار. مەسلەن ۋېيجىڭ ۋە زاۋۇتتا ئىشلەنگەن بەزى تېتىتقۇلار.... بۇلارغا يېقىن يۇلىماسلىق كىرەك. يىمەك ئىچمىكىڭىزگە ھارام ئارلىشىدىكەن قىلغان ئىبادەتلىرىڭىز ھەرگىز قۇبۇل قىلىنمايدۇ.
تىما بەك ئۇزراپ كەتتى. سۈزۈمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي. يەنە چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا خەت قالدۇرساڭلار بۇلىدۇ.
ئاللاھ ھەممىمزگە تەقۋالىق لىباسىنى تەقدىم ئەتسۇن. ھەممىمىزنى شەيتاننىڭ لەشكەرلىرى قاتارىدىن بۇپ قېلىشىمىزدىن ساقلىسۇن.ئامىن.
تەييارلىغۇچى ھەمزە.


tuprakbag 2011-07-28 23:17
ئاللاھ ھەمزە بۇرادەرنىڭ ياتقان يەرلىكىنى باغچىلەردىن بىر باغچە قىلىپ بەرسۇن! نىمىدىگەن تېتىملىق تىما!

!adiyat 2011-07-28 23:50
ئىدىيەسى ئوچوق بالىتىكەن. يىتىشۋاتقان موللىتىكەن، بىلىملىك بالىتىكەن،،،خەيىر ،،، ئاللاغا ياراپتۇ.
ئىنساندىن قالىدىغىنى بىر خىسلەتكەن، نىمىلىگىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. ئىسلام راستلا چىن ئىنسانلىق يولىكەن.

روشەن 2011-08-04 05:40
ك


查看完整版本: [-- ئىماننىڭ قۇۋۋەت دورىسى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059544 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us